سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلىرى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى قۇردى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەنلىكىگە 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئارىسىدا ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويۇلمىغان ئىدى. 20 يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان ئۆزئارا ئالاقىلەر جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن زور ساندىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار رۇسىيە تەۋەسىگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى. رۇسىيىدىكى مىللەتچىلەر ئېقىمىغا مەنسۇپ كىشىلەر بۇلارغا نىسبەتەن نارازىلىق ۋە چەتكە قېقىش خاھىشىدا بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەمگەكچىلەر قانۇنسىز كۆچمەنلەر تەرىقىسىدە قارالدى.
نەتىجىدە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا بۇ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش؟ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ تۈركۈملەپ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلىشىگە نىسبەتەن قانداق باشقۇرۇش چارىلىرى بېكىتىش مەسىلىلىرى قويۇلدى. بۇ، رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدا ۋىزا تۈزۈمىنى ئورنىتىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقاشقان بولۇپ، ۋىزا تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەكمۇ ياكى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاش لازىممۇ دېگەندەك مەسىلىلەر رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىدىكى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان
16-مارت كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېكتور ئىۋانوۋ «رۇسىيە-1» تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارىسىدا ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
ۋېكتور ئىۋانوۋ مۇنداق تۈزۈمنى يولغا قويۇشقا ئاساس بولغان نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيىگە چەكلەنگەن بۇيۇملار، يەنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىپ كىرىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ۋېكتور ئىۋانوۋنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇش ھەمدە رۇسىيە بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت تۈرلۈك پىكىرلەر ۋە ئانالىزلار ئەۋجى ئالدى.
ۋلادىمىر پۇتىنمۇ بۇ ئىدىيىنى قوللىغان
رۇسىيىدىن چىقىدىغان «كاسپاروۋ.رۇ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ئىشلار بويىچە ئەلچىسى ئەنۋەر ئازىموۋ 13-مارت كۈنى رۇسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ۋىزا تۈزۈمىنى بىكار قىلىدىغانلىقى، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ۋىزا تۈزۈمى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەنۋەر ئازىموۋ سۆزىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پۇتىن ئىلگىرى كۆچمەنلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ۋىزا تۈزۈمىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ۋىزا تۈزۈمى رۇسىيىگە نىسبەتەن سەلبىي تەسىر پەيدا قىلامدۇ؟
رۇسىيە ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ كېلىشىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتسە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىر كۈچىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ ئانالىزچىلار دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم تېما.
ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا رۇسىيە تۇرۇۋاتقان ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ياشىشى ۋە باشقا مەسىلىلەردە كاپالەتلىك قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، تاموژنا ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار رامكىسى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. موسكۋا يەنە تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئايرىم ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرماقتا. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇش پىكرى مەيدانغا چىققان كۈنلەردە، ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلەزىز كامىلوۋ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغان ئىدى.
رۇسىيە سىياسەت قاتلىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇشقا قارشى چىقىۋاتقانلارمۇ بار بولۇپ، ھەتتا بېزىلەر مۇنداق قىلىنسا، رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە نىسبەتەن سەلبىي تەسىر پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭمۇ، نەچچە مىليون ئوتتۇرا ئاسىيالىقنىڭ رۇسىيىدە پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرمەيدىغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.
سابىق ئۆزبېكىستان پارلامېنت ئەزاسى،سىياسىيون جاھانگىر مەمەتوف بۇ خىل قاراشتىكى ئەربابلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام كەرىموف ئامېرىكا بىلەن يېقىن ئۆتسە- ئۆتىدىكىن ھەرگىزمۇ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل ئۇ يەردىن كېلىۋاتقان پايدىدۇر.
رۇسىيىنىڭ «سلون.رۇ» تورىنىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن ئالغان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيىدە تۇرغان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 10مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇننى ئۆزبېكىستانلىقلار ئىگىلىگەن. بۇ ئىستاتېستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېكىستانلىق، 1 مىليوندىن ئارتۇق تاجىكىستانلىق، 540 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق، 550 مىڭدىن ئارتۇق قازاقىستانلىق، 213 مىڭ خىتاي ۋە 113 مىڭ تۈركنىڭ رۇسىيىدە ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆز دۆلىتىگە ئەۋەتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت بانكىسى 2012-يىلى، ئۆزبېكىستانغا 6 مىليارد دوللار ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان. تولۇقسىز ئۇچۇرلارغا تايانغاندا، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلىقلارنىڭ ئوز ۋەتىنىگە ئەۋەتكەن پۇللىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ مەزكۇر دۆلەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىقتىسادىي كىرىم ھېسابلىنىدىكەن. دېمەك بۇ كۆچمەن ئەمگەكچىلەر رۇسىيىدە تاپقان پۇللىرى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىنى بېقىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزمايدۇ
سىياسىيون جاھانگىر مەمەتوفنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سىياسىي- ئىقتىسادىي جەھەتتىن رۇسىيە بىلەن زىچ باغلانغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى خالىمايدۇ شۇنىڭدەك رۇسىيىمۇ ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارشى سىياسەت تۇتمايدۇ. رۇسىيە ھەتتا ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن مۇناسىۋەتلىرىنى ئالاھىدە ياخشىلىشىغا نىسبەتەنمۇ قارشى پوزىتسىيە تۇتماسلىقى مۇمكىن.
ۋىزا تۈزۈمى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ۋىزا تۈزۈمى بېكىتىشنى مۇھاكىمە قىلىنىش پىكرى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، رۇسىيە كوممۇنىستلىرى ۋىزا تۈزۈمى قوللىنىشنى قاتتىق تەشەببۇس قىلىش تەرەپدارلىرى، ئەمما دېموكراتىك گۇرۇھلار بولسا بۇنىڭغا قارشى مەيداندا ئىكەن.
بىراق، رۇسىيىدىكى تاجىكىستانلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى كارامەت شەرىپوۋا رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ۋىزا تۈزۈمى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋىزا تۈزۈمى بولغاندا رۇسىيىدە ياشاۋاتقان،تېخى تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس كىشىلەرنىڭ پۇقرالىق ۋە قانۇنلۇق تۇرۇش مەسىلىسى ھەل بولىدىكەن. ۋىزا تۈزۈمى رۇسىيىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. ئەمما رۇس مىللەتچىلىرى بولسا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ۋىزا تۈزۈمى بىلەن قانۇنلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى رۇسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.