ئامېرىكا-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېڭى بۇرۇلۇش

0:00 / 0:00

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف 12-مارت كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى جون كېررى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا نېمىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بەرگەن جون كېررى سۆزىدە ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىغا ناھايىتى مۇھىم ساھەدە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەم بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەركىزى نۇقتىسىنىڭ ئافغانىستانغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن بىز بىخەتەرلىك ۋە ئۆزئارا ياردەم مەسىلىسى ھەققىدە گەپلەشمەكچىمىز. ئۆزبېكىستان بىزگە ناھايىتى مۇھىم ساھەدە ياردەملەشمەكتە، بۇ ئافغانىستاندىكى كۈچلىرىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئىپادىلىنىدۇ».

ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ئالاقىلەردە مۇھىم ئورۇن ئالىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، ئۆزبېكىستان ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر مەسىلىدە تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. جون كېررى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە يەنە مەزكۇر مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، «بۈگۈن مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە كىشىلىك ھوقۇقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا ماۋزۇلار ھەم بار. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئالقىشلايمەن ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

كېررىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوف پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇنداق ھەمكارلىق ئافغانىستانغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشتە ۋە پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيانىڭ تىنچ ياشىشىدا ئۆزىگە خاس رول ئوينايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

«كامىلوفنىڭ بۇ سۆزى ئۆزبېكىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيادا مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە مەملىكەت ئىكەنلىكىدىن سىگنال بېرىدۇ» دەپ چۈشەندۈرىدۇ تەھلىلچىلەر.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇلئەزىز كامىلوف بىلەن جون كېررىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىدىن كۆزلىگەن ئاساسلىق مەقسەت-مۇددىئاسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار داۋاملاشماقتا. تاشكەنتنىڭ بۇ زىيارەتتىن كۆزلىگەن مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۆزبېك مۇتەخەسسىس، ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى جاھانگىر مەمەتوف ئامېرىكا-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ھەم باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.