خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ خىتاي ئۆزى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، ئىقتىسادى نىسبەتەن ئاجىز، دېموكراتىك سىستېمىسى ئانچە مۇكەممەل بولمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر قانداق ئۇچۇرلارنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. مەلۇمكى، خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى - پاكىستان. ئەمما يېقىندىن بۇيان «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىدە كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ ئىش ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلغان ۋە ھەيران قالدۇرغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى راھەتسىز قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇنداقتا، «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتى قانداق بولۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىپ قالدى؟ بۇ ھەقتە پاكىستاندىكى مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىرى ئۇسمان خان تاھىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك ئۇسمان خان ئەپەندى، زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. «بۈگۈنكى پاكىستان» 30-ئاۋغۇست سانىدا رۇقىيە تۇردۇش خانىم يازغان «خىتاينىڭ بېرلىن تېمى» ناملىق ماقالىگە ئورۇن بەردىڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق تەقىبگە ئېلىنىۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان بۇ خىلدىكى ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىشىڭلاردا ئالاھىدە بىر سەۋەب بارمۇ ؟
ئوسمان خان: مەن رۇقىيە خانىمنىڭ بۇ ماقالىسىنى دەسلەپ «مېدىئوم» بلوگىدا كۆردۈم ۋە بۇ ماقالىنى ئەگەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلسا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلىرى بولىدۇ، دېگەن مەقسەتتە رۇقىيە خانىم بىلەن ئالاقىلەشتىم. مېنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بىر قانچە ئۇيغۇر دوستلىرىم بار. تىل پەرقىمىز بولغاچقا داۋاملىق ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ئىزدەشكە تىرىشىمەن، چۈنكى مېنى داۋاملىق راھەتسىز قىلىدىغىنى شۇكى، بىز پاكىستاندا كەشمىر مەسىلى، پەلەستىن ۋە سۈرىيەلىكلەر ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆزلەيمىز، مۇلاھىزە قىلىمىز، ئەمما ئۇلارغا ئوخشاش ھەتتا ئۇلاردىن ئېغىر بېسىملارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھېچقاچان گېپىنى قىلمايمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ پەلەستىن، مىسىر، ئېراق، سۈرىيەلىكلەرگە ئوخشاشلا مۇھىم مەسىلە، بىز بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك، ئەگەر ھۆكۈمەتلەر ۋە رەسمىي ئاخباراتلار بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىسا، ماڭا ئوخشاش مۇخبىرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يورۇتۇشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
مۇخبىر: ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟ قانداق تونۇشتىڭىز؟
ئوسمان خان: مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئىلگىرى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئامېرىكا ئونۋېرستېتىدا ئوقۇغان. ئۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئاچقان رېستوراندا كۈندە دېگۈدەك تاماق يەيتتىم. ئۇ ئاشخانىدا ئۆزۈمنى ناھايىتى خاتىرجەم، ئۆز ئۆيۈمدىكىدەك راھەت ھېس قىلاتتىم. ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ھەسەن بىلەنمۇ دوست ئىدۇق. ئۇ بەكمۇ سەمىمىي ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلاردىكى چىن ئىسلام ئەقىدىسىنى ھېس قىلدىم.
مۇخبىر: ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ بېرىپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرى بولدىمۇ؟
ئوسمان خان: ئۈرۈمچىگە باردىم نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش پۇرسىتى بولدى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشتۇم ۋە بۇ ئارىدا ئېتىقادىمىز ئوخشاش بولغاچقىمۇ نۇرغۇن تەرەپتە ئورتاقلىقىمىز بارلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قىزىقتىم، تېخىمۇ چۈشىنىش پۇرسەتلىرى بولدى.
مۇخبىر: دېمەك ئۇيغۇر تائاملىرى سىزنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغان ئىكەندە؟
ئوسمان خان: شۇنداق دېسەممۇ خاتا ئەمەس، مەن بۇ ئارىدا كىچىك بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى توغرا كۆرۈۋاتىمەن. مەن خىتايدا ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ، نىڭبو شەھىرىدە ۋاقىتلىق ئىش تاپقان ئىدىم. بىر كۈنى مېھمانخانا ئالدىدا ھالال بەلگىسىنى ئېسىپ كاۋاپ سېتىۋاتقان بىرىنى كۆردۈم ۋە بېرىپ ئۇنىڭغا "ئەسسالامۇئەلەيكۇم" دەپ كۆرۈشتۈم، ئۇمۇ شۇنداق ھەيرانلىق بىلەن سالاملاشتى. ۋە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خىتايچەم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا كۈپ پاراڭلىشالمىغان بولساقمۇ، ئەمما كاۋاپنى يەپ بولۇپ ئۇنىڭغا پۇل تەڭلىگىنىمدە ئۇ پۇلنى قەتئىي ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئۇ، مەن بىلەن تونۇشقانلىقىدىن بەك خۇشال ئىدى، "بىز قېرىنداش تۇرساق، سەندىن پۇل ئالسام بولمايدۇ" دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ كىچىككىنە ئىش ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى مەندە بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ھەر خىل ماتېرىياللاردىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئۆگەندىم. لېكىن نۇرغۇن پاكىستانلىقلارمۇ خىتايغا، ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇيغۇرچە تاماقلارنى يەپ، قايتىپ كېلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلمايدۇ، خىتاي ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ. ھازىر ئەمدى ھەممە يەردە روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمىز، ئەمما مېنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئۇيغۇرلارنى ھېچ تىلغا ئالماسلىقتۇر.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق پاكىستان ئاخبارات ساھەسى بىلەن ھۆكۈمىتىدىلا مەۋجۇتمۇ ياكى پاكىستان خەلقىمۇ بۇ مەسىلىگە ئوخشاش سۈكۈت قىلامدۇ؟
ئوسمان خان: پاكىستاندىكى ئاخباراتنى ئالساق، پاكىستان ئاخباراتى بىر قەدەر ئەركىن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما پاكىستان، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەرنى يورۇتۇشتا ئىنتايىن پاسسىپ. خەلقنى ئالساق، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق، چۈنكى بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار ناھايىتى چەكلىك، ئىزدەنگۈدەك ماتېرىيالمۇ كەم بولغاچقا، ئومۇمەن خەلق ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزۈم ماقالە يازساممۇ بولاتتى، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى يازغان ماقالە خەۋەرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ جانلىق ئاڭلاتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلاپ، ئىنگلىزچە يېزىۋاتقان ئۇيغۇر يازارلارنى ئىزدىدىم.
مۇخبىر: خىتاي بىلەن پاكىستان ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە، بۇنداق ھالەتتە مەتبۇئاتىڭلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال مەسىلىلىرى يورۇتۇلغان ماقالىلارغا ئورۇن بېرىش بىلەن سىز ياكى گېزىتىڭلار بىرەر بېسىمغا ئۇچرىدىمۇ؟
ئوسمان خان: ھازىرچە شەخسەن ئۆزۈم ئۇچرىمىدىم، بەلكىم بېسىم بۆلىشى مۇمكىن. چۈنكى، يېقىندا رۇقىيەنىڭ ماقالىسى «بۈگۈنكى پاكىستان» دا چىققاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەرنىڭمۇ بىر ماقالىسى تۈركچە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئارقىمۇ-ئارقا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى راھەتسىز قىلغانلىقى ۋە پاكىستاندىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن خەۋىرىم بار.گەرچە ئۇلار قايسى ماقالە ياكى كىمنىڭ ماقالىسىدىن نارازى بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، مەتبۇئاتىڭلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى مەزمۇنلارغا ئورۇن بېرىۋاتىسىلەر دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇ مەسىلىنى يېپىشقا ئۇرۇنغان.
مۇخبىر: سىز خىتايدا تۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ بارغان ئىكەنسىز، خىتاينىڭ ئاخباراتقا قاراتقان كونتروللۇقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
ئوسمان خان: شۇنداق، خىتايدا 5 يىل ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن شەھەرلەرگە باردىم. خىتايلار بىلەنمۇ، تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ تونۇشتۇم. مەن خىتايلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغىنىمدا ئەپسۇس ئۇلار داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى يامانلايتى، ئۇلار ھەققىدە يامان سۆزلەرنى قىلاتتى، ئەمما مەن ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۇنداق يامان خەلق ئەمەس، ھەر قانداق بىر مىللەتكە ئوخشاشلا ئۇلارمۇ تىنچ ۋە نورمال ھاياتتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان خەلق دەپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم. شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، خىتايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى يامان كۆرۈش خاھىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا تەشۋىقاتلىرىنىڭمۇ تەسىرى زور ئىكەن.
مۇخبىر: خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتى بىلەن پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ پاكىستان ئاخباراتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، دەپ قارامسىز؟
ئوسمان خان: مەن ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلىمۇ دەل مۇشۇ. «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىدە خىتاي، پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورىغا سالغان مەبلىغى 50 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ھەر قانداق يامان تەسىرنىڭ يېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ. يېقىندا تۈركىيە بىلەن خىتاي كېلىشىم ھاسىل قىلغانغا ئوخشاش پاكىستانمۇ خىتاي بىلەن خىتايغا قارشى پىكىرلەرگە ئورۇن بەرمەسلىككە كېلىشتى. بىز مەتبۇئاتىمىزدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلەرگە ئورۇن بەرگىنىمىزنىڭ ئۆزى پاكىستان ئاخباراتىنىڭ بىر قەدەر ئەركىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما كەلگۈسىدە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ پاكىستان ئاخباراتىغىمۇ پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن.
مۇخبىر: سىزنىڭچە، بۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئالغىلى بولىدۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا مىقياسىدا ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىغا قارشى ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى زۆرۈر دەپ قارايسىز؟
ئوسمان خان: مەن پەقەت بىر شەخس، ئۆزۈمنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى يورۇتۇشقا تىرىشىمەن، ئەمما بۇ مەسىلىنى سۆزلىشىمنى خىتايغا قارشى بىر ھەرىكەت قىلغانلىق دەپ چۈشەنمەيمەن. ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش تىنچ ياشاش ئارزۇسىدىكى خەلق. بۇ ھەقىقەت. يالغان تەشۋىقاتنى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھىم بىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي كەلمەكتە. چۈنكى ئۇلار خىتاينىڭ بۇ سەۋەبلىك مەسىلە يارىتىشى مۇمكىنلىكىدىن قورقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، كۆپلىگەن ماڭا ئوخشاش يەنىمۇ كۆپلىگەن ئىنسانلار بىلەن ئالاقە باغلىشى ۋە ھەر خىل تىللاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىشى كېرەك.
مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلغىنىڭىزغا ۋە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئوسمان خان: مېنى زىيارەت قىلغىنىڭلاردىن ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغىنىڭلاردىن خۇرسەن بولدۇم. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى خالايمەن، رەھمەت.