پاكىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج، ئۆمۈر پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا، چەتئەللەردە دىنىي تەلىم ئېلىشقا تەلپۈنۈۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، چەتئەللەردە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بايلىرى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى پاكىستاندىكى قەشقەر راباتنى سېتىپ ئالغان ئىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم قەشقەر راباتنىڭ تارىخىي ھەققىدە، قەشقەر راباتتا بىر مەزگىل خىزمەتتە بولغان، ھازىر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدە ياشاۋاتقان 70 ياشتىن ئاشقان ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن مۇھەممەد تۇرسۇن ئەپەندى راباتنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
پاكىستاندىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم، ھازىرقى ۋاقىتتا قەشقەر راباتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇقېيۇم ئەپەندى قەشقەر راباتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى بىر قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى راباتنىڭ تەقدىرىگە تىزدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلگىرى قەشقەر راباتتا بىر مەزگىل تۇرغان ھازىر فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە قەدىمىي ئاسارە - ئەتىقىلەر سودىسى بىلەن شۇغللىنىۋاتقان ئەخەت ھاجىم مەزكۇر راباتنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە كۆرسەتكەن ساخاۋىتى ھەققىدە ئەسلەپ ئۆتتى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00
