پاكىستان ھۆكۈمىتى چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىلارنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇلغان

0:00 / 0:00

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇشتەرەك ئىستىخبارات ئىدارىسى 2011-يىلى 2-ئايدا پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ساھىبى مۇھەممەت ئۆمەرخان ئوسمان خان ۋە مۇھەممەت ئەكبەرخان ئوسمان خان ئۇكا-ئۇكىنى چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارىڭ تۈركىيەدە ئېچىلغان خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىشىنى توسۇپ قويغان ئىدى.

ئۆمەرخان ۋە ئەكبەرخان ئۇكا-ئۇكىلار شۇنىڭدىن بۇيان پاكىستان سوتىغا ئەرز قىلىپ، ئىسمىنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

راۋالپىندىكى بىر مەھكىمە 22-ماي سوت ئېچىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى چىقىرىۋېتىشكە بۇيرۇغان.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇشتەرەك ئىستىخبارات ئىدارىسى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆمەرخان ۋە ئەكبەرخاننىڭ سوتىغا قاتناشقان. سوت دەل خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ پاكىستاننى زىيارەت قىلغان كۈنى ئېچىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىن بىز سابىق ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ساھىبى مۇھەممەت ئۆمەر خان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.