يېقىندىن بۇيان خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئاياللىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پاكىستانلىق سودىگەرلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 14-دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا بېرىلگەن «خىتاي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يوقىلاڭ باھانىدە تۇتقۇن ئېلىپ بارماقتا» سەرلەۋھەلىك خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرى «كەسپى تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ جايلارغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە خورلاشلارغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئىككى نەپەر پاكىستانلىق تىجارەتچىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئىسپات بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پاكىستانلىق سودىگەر شاھىت زامان ۋە مۇھەممەد جامىل ئەپەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا سودا قىلغان مەزگىلىدە تىجارىي ھەمكارلىق سەۋەبىدىن دوستلۇق ئورناتقان ۋە كېيىن تويلاشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شاھىت زامان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتايدىكى مەزگىلىدە گۈلبانۇ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ گۈلبانۇ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ گۈلبانۇ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. كېيىن قايتىدىن خىتايغا گۈلبانۇنىڭ دېرىكىنى قىلىپ بارغىنىدا بۇ ئايالنىڭ ئۆزى قاتناشقان بىر قېتىملىق جۈمە نامىزى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلگەن.
شاھىت زامان ئۆزى كېيىنكى قېتىم گۈلبانۇنى ئىزدەپ خىتايغا بارغان چاغدىكى ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن خىتايغا قايتىدىن بېرىپ ئۇنى ئىزدىمەكچى بولدۇم. ئەمما بېيجىڭ ئايرودرومىدىلا توسۇپ قېلىندىم. مەن كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكىلەرگە مەن ئىلگىرى خىتايدا ئوقۇغانلىقىمنى، قانۇنلۇق ۋىزام بارلىقىنى ئېيتقان بولساممۇ، ئۇلار مېنىڭ چېگرادىن كىرىشىمگە يول قويمىدى. ماڭا ئوخشاش كەچمىشى بار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈلبانۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا مەن شىنجاڭدىكى مەزگىلىمدە قاتناشقان بىر قېتىملىق جۈمە نامىزى سەۋەب بولغان ئىكەن. مەن ھازىر گۈلبانۇنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ھەم ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئەمما مەن ئۇنى ناھايىتى سېغىندىم.»
مۇھەممەد جەمىل ئىسىملىك يەنە بىر پاكىستانلىق سودىگەر ئۆزىنىڭ 2016-يىلى خىتايدىكى تىجارىتى مەزگىلىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھامىلىدار ئايالىنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەندىن بۇيان، ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «2017-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى، بىز ئەينى چاغدا بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئىدۇق، ئايالىم مېنىڭ بالامغا ھامىلىدار ئىدى. ئەمما بىر كۈنى كەچقۇرۇن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆيىمىزگە كېلىپ ئىشىكىمىزنى قاقتى. ئۇلار مېنىڭ پاسپورتۇمنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئايالىمنىڭ كىملىكىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇدى. مەن ئۇلاردىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغىنىمدا ئۇلار ‹تەربىيەلەيمىز› دېگەن جاۋابنى بەردى. مەن ئۇلارغا ئايالىم ۋە مېنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىسلام دىنىدا چەكلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار پەرۋا قىلمىدى، ھامىلىدار ئايالىمنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتى. مەن ۋە ئايالىم ئىسلام دىنى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق ئىدى. ئەمما ئۇلار يەنىلا بىزنى جازالىدى؟ مەن ھازىر ئايالىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇلار يەنە مېنى دەرھال ئۆيۈمدىن ئايرىلىشقا بۇيرۇدى. چۈنكى ئۆينى ئايالىمنىڭ نامىدا سېتىۋالغان ئىدۇق.»
ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ يەنە بىرى چائۇددىرى جاۋېد ئاتتادۇر. ئۇ 17-دېكابىر كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىققا بەرگەن بايانىدا ئايالى ئامىنە بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىگە بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاۋېد ئاتتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئامىنە ماناجى ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بىلەن توي قىلغىلى 14 يىل بولغان بولۇپ، 2017-يىل 8-ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئىكەن. جاۋېد ئاتتا ئايالى بىلەن ئاخىرقى قېتىم قىلىشقان سۆزلىرىنى بايان قىلىپ، «ئايالىم ماڭا ‹سىز كېتىشىڭىز بىلەن ئۇلار مېنى لاگېرغا ئېلىپ كېتىدۇ، مەن بەلكىم قايتىپ كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن› دېگەن ئىدى،» دەيدۇ.
جاۋېد ئاتتا ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان جايلار ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار بۇ جايلارنى مەكتەپ دەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرمىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردىن ھېچيەرگە چىقىپ كېتەلمەيدۇ،» دەپ جاۋاب بەرگەن.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىنمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان پاكىستانلىق سودىگەرلەرگە ئاياللىرىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپ داۋاملىق ئالداش ۋاسىتىسىنى قوللانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش، ۋىزا ئۇزارتىپ بەرمەسلىك، خىتاي چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىش، ھەتتا ئۇلاردىن ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق تەھدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىرقانچە نەپەر پاكىستانلىق سودىگەرمۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىدىن قوغلاپ چىقىرىش، رايوندا تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىش، ئۇزارتىپ بەرمەسلىك قاتارلىق ھەر خىل بېسىم ۋە تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پاكىستانلىق سودىگەرلەردىن مىيا شاھىت ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئايالىنىڭمۇ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتتىكى پاكىستانلىق سودىگەرلەر بىلەن بىرلىكتە پاكىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللاش، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئۆز تەلەپلىرى ۋە نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەردىن ھەر خىل ۋەدىلەرنى ئالغاندىن باشقا كۆرۈنەرلىك ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان.
ئۇ بايانىدا ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، پاكىستاننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش مىنىستىرى ئىمرانخان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن جاۋاپلاردا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقى، پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پات يېقىندا ئەركىنلىككە چىقىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنىلا قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن پاكىستانلىق سودىگەرلەر ئارىسىدىكى نارازىلىق سادالىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇرماسلىق ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ شىكايەتلىرىگە قارىتا قۇرۇق ۋەدە بېرىش پوزىتسىيەسىدە بولغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 17-دېكابىردىكى خەۋىرىدە پاكىستان تەرەپنىڭ بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيەسى ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن بولغان دەپ كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاكىستان كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇشاھىد ھۈسەيىن بىرلەشمە ئاگېنتلىق مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك پاكىستان تەرەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ئۈستىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا دەپ قارىماقتا.»
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە يەنە ۋاشىنگتوندىكى ۋېلسون مەركىزى ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايكول كوگېلمەننىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. مايكول كوگېلمەن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرۇشىغا قارىتا جىم تۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بىلەن بولغان يېقىن ئالاقىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مەنپەئەت نۇقتىئىنەزىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.»
خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىل ئاخىرىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش» دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگېرلىرىغا قامىغان. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ھازىرغىچە بۇ خىل لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە دەپ مۆلچەرلەش مۇمكىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 500 دىن ئارتۇق پاكىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ بارلىقى مەلۇم.
0:00 / 0:00