پاكىستاندىكى يېڭى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىشىدا ئۇيغۇرلار ئويۇن قويدى

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 6-ئاۋغۇست پايتەخت ئىسلامئاباددا يېڭىدىن سېلىنغان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شارىف باشلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان. خىتاي باش ئەلچىسى سۇن ۋېدۇڭ ناۋاز شارىف قاتارلىق رەھبەرلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالغان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا باش مىنىستىر ناۋاز شارىف سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە شۇنداقلا يېڭى سېلىنغان ئەلچىخانا خىزمەت بىنالىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەت گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئارىيەلەر ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، مەشرەپ ئۇسۇللىرىنى ئويناپ مۇراسىم ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن يەنە، پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ناسىرخان باشلىق بىر قانچە كىشىمۇ قاتناشقان.

بىز، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنىش سەۋەبى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق شۇنداقلا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇر سەنەتچىلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەييۇم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.