قەشقەر سەنئەت ئۆمىكى پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدە ئويۇن قويدى

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 29-ئاۋغۇست قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى گىلگىت شەھىرىدە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىنى ئورۇنلاش مۇراسىمىغا ۋىلايەتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىمۇ بىرلىكتە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن.

گىلگىت شەھىرى پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىردىن-بىر گۈزەل ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھىجرەت قىلىپ چىقىپ يەرلەشكەن. گىلگىت شەھىرى، راۋالپىندى شەھىرىدىن قالسا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان پاكىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئۆز ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە.

بىز گىلگىت شەھىرىدە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىر گىلگىت شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.