يەكشەنبە كۈنى باشلانغان پاكىستان-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى 4 يىل ئىچىدىكى 4-قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرى. 3-قېتىملقى ھەربىي مانېۋىر 2014-يىلى 5-ئايدا ئاپاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
2-قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر 2013-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
لېكىن پاكىستان بىلەن خىتاي ھەربىي تەرەپ يەكشەنبە كۈنى باشلانغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ قەيەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلمىدى. مانېۋىرغا ئىككى تەرەپ كۈرەشچى، بومباردىمانچى ۋە ئالدىنئالا سېگنال بېرىش ئايرىپىلانلىرىنى قاتناشتۇرغان.
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، پاكىستان-خىتاي بۇ خىل مانېۋىرلارنى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، بىراق ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئوخشاش پارتىزانلىق ھەرىكەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەم: خىتاي 2002-يىلى 1-قېتىم چەتئەللەر بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى، قىرغىزىستاندا. ئۇ ۋاقىتتا تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر دېسە بولاتتى. كېيىنكى 4-5 يىلدا رۇسىيە بىلەن، پاكىستان بىلەن قىلغان ھەربىي مانېۋىر، يالغۇزلا ش ت ئى ھ گە ئوخشاش تەشكىلاتلارغا قارىتا ئەمەس، دەپ ئويلايمەن.
چۈنكى، ئىشلەتكەن قورال-ياراقلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئۆسۈپ كەتتى. ئۇ يالغۇز كىچىك گۇرۇپپىلارغا قارشى جەڭ ئەمەس، تانكا، ئايروپىلانى بولغان رەسمىي كۈچكە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز.
دېمەك، مانېۋىر بۇ يەردە نوقۇل تېررورلۇققا ئەمەس، بەزى دۆلەتلەرگە قارشى تەدبىر ئېلىش، دېگەن بىر سېگنالنى بېرىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: نورمالدا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە يىنىك قوراللار، شۇنداق قوراللانغان ئالاھىدە قىسىملار سېلىنىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ مانېۋىردا ئىشلەتكەن قورالى مۇنتىزىم، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار، شۇنداق دېسەك بولامدۇ؟
ئەركىن ئەكرەم: توغرا، چۈنكى تېررورلۇققا قارشى جەڭ ئەسلى پارتىزانلىق جەڭ ئۇ. ھازىرقى ئېلىپ بېرىۋاتقان مانېۋىرلاردا بىر مۇنتىزىملىق بار. تېررورلۇققا قارشى باشقا بىر خىل ئۇرۇش ئىستىلى، ھازىرقى ئېلىپ بېرىۋاتقان مانېۋىرلارنىڭ ئىستىلى باشقا، ئۇ ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭغا ئۇنىڭ نىشانىمۇ باشقا، دەپ ئويلىساق بولىدۇ.
مۇخبىر: نىشانى، دېگەن ۋاقتىمىزدا كىمنى نىشان قىلىدۇ بۇلار؟ نىشان كىم بولىدۇ، پاكىستان بىلەن خىتاي مانېۋىر ئۆتكۈزسە؟ ئالتېرناتىپ نىشان كىم؟
ئەركىن ئەكرەم: ئالتېرناتىپ نىشان ھىندىستان بولىدۇ. ئەمما بۇنى ھېچبىر زامان ئوچۇق ھىندىستانغا قارىتا قىلىۋاتىمىز، دېمەيدۇ. لېكىن ھىندىستان ئارمىيەسى، قوماندانلىرى بىزگە قارىتا قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا، يېقىنقى زاماندا ھىندىستان ئارمىيەسى بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ، يەنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى سەپتە جەڭ قىلىش پىكىرى.
بىر سەپتە خىتاي بىلەن، يەنە بىر سەپتە پاكىستان بىلەن بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان. مەيلى خىتاي ئوچۇق دېسۇن ياكى دېمىسۇن، ئەمما بۇ مانېۋىر ھىندىستاننى چوقۇم بىئارام قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئىسلامى كۈچلەر بىرگە ھەرىكەت قىلىپ قالسىچۇ!
ئەل-قائىدە، تالىبان ۋە ھەتتا ئىسلام دۆلىتى ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرىكەت قىلىپ قالسىچۇ! بۇلارغا قارىتامۇ مۇشۇنداق بىر مانېۋىر ئېلىپ بېرىش زۆرۈر، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.
مۇخبىر: ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان پرېزىدېنتى بېيجىڭغا بېرىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ش ت ئى ھ نىڭ ھېچقانداق ئادىمى قالمىدى، بىز پاك-پاكىز تازىلىۋەتتۇق، دېدى. خىتاي داۋاملىق پاكىستاندا ش ت ئى ھ كۈچلىرىنىڭ بارلىقىنى دەپ كەلگەن. پاكىستانمۇ بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇلارنى يوقىتىمىز، دەپ داۋراڭ سالغان. ھەقىقەتەن، ش ت س ھ نىڭ ھېچقانداق ئادىمى قالمىغاندىمۇ پاكىستاندا؟
ئەركىن ئەكرەم: پاكىستاندىكى ش ت كۈچلىرى تامامەن يوق قىلىندى، دېگەن گەپكە ئىشەنمەك بىر ئاز تەس. چۈنكى، پاكىستاننىمۇ بىلىمىز، ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۆزبېكلەر بولسۇن، ياكى باشقا مۇسۇلمان كۈچلەر بولسۇن، ئۇلارنى قوللاۋاتقان پاكىستانلىقمۇ بار.
يەنى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى رايوندا ئۇلارنى قوللايدىغانلار بولمىسا، ئاللىقاچان ئۇلارنى پاكىزىلەپ بولاتتى. ئەمما پاكىستان ئەسكىرى كۈچلىرى مەن دېگەن بۇ رايونلارنى ئۇنداق كونترول قىلىپ كېتەلمىدى.
يۈگرەپ بېسىپ كەلگەن بىلەن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئۇ رايون يەنە شۇ رايوننىڭ خەلقىغە قېلىپ، خىلمۇ-خىل ئىسلامى كۈچلەر يەنە شۇ يەردە داۋاملىق ياشاۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھېلىقى يۈزدە-يۈز پاكىزىلىۋەتتۇق، دېگەن گەپ بىر ئاز گۇمانلىق، دەپ ئويلايمەن.
ئەمما پاكىستان جۇمھۇر رەئىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق گەپنى دېدى، دېگەن ۋاقىتتا خىتايغا ياخشىچاق بولۇش، ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايمەن. خىتايمۇ بىلىدۇ ئۇ رايوننى يۈزدە-يۈز پاكىزە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى.
مۇخبىر: پاكىستانچۇ، ئۇ نېمانچىلا بۇنداق يېقىنلىشىپ كېتىدۇ خىتاي بىلەن؟ ئۇ دۇنيادا يالغۇز قالغانلىقى ئۈچۈن چارىسىز مېڭىۋاتقان ئىستېراتىگىيەمۇ بۇ ياكى باشقا بىر سەۋەبى بارمۇ بۇنىڭ؟
ئەركىن ئەكرەم: پاكىستان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان. ئۇ ۋاقىتتا ھىندىستان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئىدى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، خىتاي بىر قانچە دۆلەت بىرگە پاكىستاندا مۇجاھىدلارنى تەربىيىلەش بىر پىلانىنى قۇرۇپ چىقتى.
مۇنداق دېگەندە پاكىستان ئۇ چاغدا ھەم خىتاي بىلەن، ھەم غەرب بىلەن يېقىن ئىدى. لېكىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ياخشى نەتىجە ئېلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن پاكىستاننىڭ ئىستېراتىگىيلىك ئېتىبارى چۈشىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاكىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەر، مەسىلەن، جەمئىيەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، سىياسىي مەسىلىلەر، مەسىلەن، پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش-جىدەللەر، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، ئىقتىسادى مەسىلىلەر تۈپەيلى پاكىستاننىڭ خەلقئارا ئېتىبارى تېخىمۇ ئازايدى.
بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ خىتاي بىلەن تېخىمۇ چىڭ مۇناسىۋەت قۇرمىسا بولمايدۇ. شۇڭا، پاكىستان خىتايغا بېقىنىۋاتىدۇ، خىتايمۇ پاكىستانغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. ئەمما پاكىستان جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار تۈپەيلى ئۇنىڭ بۇ سىياسىتىنى چىن دىلىدىن قوللىمىسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى 1-ئورۇندا بولغاچقا خىتاي بىلەن يېقىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي پاكىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق قورال-ياراق تەمىنلىگۈچىسى. نۆۋەتتە، پاكىستان بىلەن خىتاي بەزى قوراللارنى مەسىلەن، خىتاينىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ج-17 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ.
بەزى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان يەنە خىتاينىڭ ج-10 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماقتىكەن. «ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراق مۇتەخەسسىسى فۇ چيەنشاۋ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ج-10 بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ تۇنجى بولۇپ پاكىستانغا سېتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.