پاكىستان ئىقتىسادشۇناسلىرى: «خىتاي بىزگە ئۆلگەن بېلىقنى بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتمەيۋاتىدۇ»

0:00 / 0:00

پاكىستاندىن چىقىدىغان ئوردۇ تىلىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «پاكىستان ئېكسپرېسس» گېزىتىدە ئىككى ئايدىن بۇيان پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ھەققىدە بەس مۇنازىرە ماقاللىرى ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر گېزىتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، بولۇپمۇ تاش يول قۇرۇلۇشى شۇنداقلا ئىقتىسادىي ياردەم شەكلىدىكى خىتاي بانكىلىرى پاكىستانغا بېرىۋاتقان مەبلەغلەر ھەققىدە پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلار بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىدە، خىتاينىڭ پاكىستانغا بېرىۋاتقان تۈرلۈك قەرز ياردەم پۇللىرىنىڭ ئاقىۋەتتە پاكىستان دۆلەت خەزىنىسىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېزىتتىكى بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىدە خىتاينىڭ «قەشقەر كارىدورى» ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي پىلانىنىڭ پاكىستان شىركەتلىرىگە ھېچقانداق ئىقتىسادىي نەپ ئېلىپ كەلمەي، پۈتۈنلەي خىتاينىڭ پايدىسىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە بارلىق يول ياساش قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە بېرىشى پاكىستاننىڭ بۇ خىلدىكى شىركەتلىرىنى پارالىچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بېرىپ «خىتاي ئۆلگەن بېلىقنى ئالدىمىزغا تاشلاپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما بېلىق تۇتۇش ھۈنىرىنى بىزگە ئۆگەتمەيۋاتىدۇ» دېگەن.

بىز پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بەس مۇنازىرىلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇم ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.