ئۇيغۇر پائالىيەتچى: پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا

0:00 / 0:00


پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ئىسلامابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ يىل روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ ھېسابلايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە 45 مىڭ دوللار مۇكاپات بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى ئىچىدە پۇل تالىشىپ ئۆز - ئارا جېدەل - ماجىرا كۆرۈلۈپ جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلھەكىم ھاجىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەكچى بولغان.

شۇنداقلا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن خىتاي مۇھاجىرلار جەمىيىتىنىڭ تونۇشتۇرۇش يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان.

نۆۋەتتە،دىققىتىڭلارغا پاكىستاندىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقەيۇم ئەپەندىم بىلەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.