5-ئاپرېل كۈنى پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق خانۋال شەھىرىدە بىر خىتاي شىركىتىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىققان بولۇپ، خانۋال ساقچى دائىرىسى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھۆكۈمەتتىن بەش نەپەر خىتاي پۇقراسىنى، «ياقتۇرۇلمايدىغان كىشىلەر» دەپ قارار بەردى ۋە پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورى نامىدا يول ياساش پىلانىنى بويىچە پاكىستاننىڭ فەيسەلئاباد شەھىرىدىن مۇلتان شەھىرىگىچە تىز سۈرئەتلىك يول ياساشنى ھۆددىگە ئالغان خىتاينىڭ «يول ۋە كۆۋرۈك ياساش شىركىتى» خادىملىرى بىلەن ئالاھىدە قوغداش ساقچى ئەترىتى نۇرپور رايونىغا جايلاشقان تۇرالغۇ قورۇدا ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۇرۇشۇپ قالغان بولۇپ، ۋەقەگە ئالاقىدار جېدەل-ماجىرانىڭ ۋىدېئوسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن تەپتىش مەھكىمىسى ساقچى ئىدارىسىگە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇق قىلغان.
«پاكىستان كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار، خىتاي ئىشچىلارنى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماستىن سىرتقا چىقىشتىن توسۇپ قالغان بولۇپ، خىتاي ئىشچىلار بۇنىڭدىن ئاچچىقلىنىپ، ساقچىلار بىلەن جېدەل قىلغان ۋە ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ۋارقىرىغان ھەم بىر ساقچىنىڭ بېشىغا ئورۇندۇق ئاتقان. ئۇلار يەنە ساقچىلارنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ توك ۋە سۈيىنى توختىتىۋەتكەن.
پاكىستان تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى كەڭ تارقاتقان بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە، خىتايلارنىڭ ساقچىلارنى ئىتتىرىپ، كۆزىگە قولىنى شىلتىپ ۋارقىراشلىرى، ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە سەكرەپ چىقىپ تېپىشلىرى، ساقچى ماشىنىسىنىڭ پاكىستان بايرىقى چاپلانغان يەرگە دەسسەپ سەكرەشلىرى، ھەتتا بىر خىتاينىڭ ساقچىغا ئورۇندۇقنى ئېتىۋاتقان قىلمىشلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇلاردا يەنە خىتايلارنىڭ ساقچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنىمۇ ئۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خانۋال رايونىنىڭ ساقچى باشلىقى رىزۋان ئۆمەر گوندەل، مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە چىققان خىتاي شىركىتىنىڭ پىلان لايىھەلەش باشلىقى يۈ لىبىڭ قاتارلىق بەش خىتاينىڭ ۋەقە سادىر قىلغانلىقى ۋە جاۋابكارلىقى ئىسپاتلاندى ھەم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئۇلارنى پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش تەلەپ قىلىندى».
مەزكۇر ساقچى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاھباز ئىسىملىك ساقچى سىنئالغۇغا ئېلىۋاتقاندا ئۇنىڭ تېلېفونىنى بىر خىتاي تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىمۇ جازالاش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاھىدە قوغداش ساقچى ئەترىتىدە خىتايلارنى قوغداپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلارنى باشقا يەرگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىنغان.
ساقچى باشلىقى رىزۋان ئۆمەر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:«خىتايلار ساقچىلار تۇرىدىغان قورۇنىڭ توك ۋە سۈيىنى ئېتىۋەتكەن. ساقچىلار كېچىسى ئىسسىقتا قىينىلىپ كەتكەن ۋە پاشىغا يەم بولغان. ئەتىسى ئەتىگەندە خىتاي خادىملار ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن قورۇدىن چىقىشقا باشلىغاندا ساقچى خادىملىرى رۇخسەت قىلماستىن دەرۋازىنى تاقىۋالغان. چۈنكى، قورۇدا سۇ ۋە توك توختىتىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار بولالمىغان».
پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي خادىملار ساقچىلار تۇرىدىغان تۇرالغۇنىڭ توك ۋە سۈيىنى توختىتىۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەقەدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىشچى خىتايلارنى قوغدايدىغان خۇسۇسىي بىخەتەرلىك قوغداش شىركىتىنىڭ خادىملىرى مائاشىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىش تاشلاپ كېتىپ قالغان بولۇپ، ساقچى باشلىقى ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋالغان ئىكەن، خىتايلار شۇنىڭغا نارازى بولۇپ سۇ ۋە توكنى كېسىۋەتكەن ئىكەن».
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تېز سۈرئەتلىك يول ياساۋاتقان بۇ خىتاي شىركىتى، بىر قانچە يەرلىك شىركەتلەرنىڭ پۇلىنى تۆلىمەي قويغان. ساقچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزلىرى تەھدىت پەيدا قىلغانلىق ھېسابلىنىدىكەن.
ساقچى باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان بۇ خىتايلارنىڭ ئىلگىرىمۇ جېدەل چىقىرىپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار ئۇرۇش-جېدەلدىن كېيىن ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن بارغان ساقچى باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلغان. بىر خىتاي پۇقراسى كاراچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
4-ئاپرېل كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئىككى خىتاي ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا نامەلۇم شەخسلەر ماشىنىغا ئوق ئېتىپ قېچىپ كەتكەن. نەتىجىدە ماشىنىدىكى خىتايدىن بىرى نەق مەيداندا ئۆلگەن. يەنە ھەسەن ئابباس ئىسىملىك بىر پاكىستانلىقمۇ يارىلانغان. ئوق ئاتقان كىشى قېچىپ كەتكەن بولۇپ ساقچىلار ھازىر ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
ۋەقەدە يارىلانغان شەخسنى دوختۇرخانىدا زىيارەت قىلغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇھەيىل ئەنۋەر، بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، ئىككى خىتاي ۋە بىر پاكىستانلىق ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا نامەلۇم شەخس تەرىپىدىن 10 پاي ئوق ئېتىلغانلىقىنى ۋە ۋەقەدە بىر خىتاي ئۆلۈپ، بىر پاكىستانلىقنىڭ يارىلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىز خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ ۋەقە توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پاكىستاندا ئۇزۇن يىل ئوقۇغان ۋە پاكىستان ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مىركامىل ئەپەندى بۇ ۋەقەگە قارىتا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشىدىن خەلقنىڭ بەكرەك نارازى بولغانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا بەس-مۇنازىرە بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ پاكىستان ساقچىلىرىنى ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ خىل زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن نارازىلىقنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00