پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى يوقاپ كەتكەن

گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.14
Guantanamo-turmisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯘﺋﺎﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى ئەدھەم مەمەت، ئەخمەت تۇرسۇن، ئەنۋەر ھەسەن، داۋۇت ئابدۇرېھىم، ئابدۇغوپۇر ۋە ئادىل نۇرى قاتارلىق 6 ئۇيغۇرنى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىپ، پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرغان. لېكىن ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ كىشىلەر 4 يىلدىن بۇيان، 20 نەچچە مىڭ نوپۇسلۇق بۇ ئارالدا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. پالاۋ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇردىن ئادىل نۇرى يېقىندا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. مەزكۇر خەۋەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىدى.

پالاۋ پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېينخارت سىلاسنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئادىل نۇرى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن تېخى يېقىندا خەۋەر تاپقان ۋە تەكشۈرۈش باشلىغان.

ئۇنىڭ قەيەرگە ۋە قانداق كەتكەنلىكى يەنىلا سىر. پالاۋدا چىقىدىغان «تيا بېلائۇ» ناملىق گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئادىل نۇرىنىڭ ياپونىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن تۈركىيىگە كېتىش ۋە تۈركىيىدىكى ئايالى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىسى بىلەن جەم بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رېينخارت سىلاس بولسا ئادىل نۇرىنىڭ پاسپورتى يوقلۇقى ۋە قەيەرگە كەتكەنلىكىدىن ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ پاسپورتى يوق. پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاسپورت بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئادىل نۇرىنىڭ ياپونىيە ئارقىلىق تۈركىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئائىلە تاۋابىئاتى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن يوقاپ كەتكەنلىكى ھەقىقەتەن راست بولسا، ئۇنىڭ چېگرادىن قانداق چىققانلىقى ۋە تۈركىيە چېگراسىغا قانداق كىرگەنلىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىدە ئادىل نۇرى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ چېگرادىن كىرگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ھازىرغا قەدەر چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، باشقا بىر خىل ئېھتىماللىق تىلغا ئېلىنمىدى.

پالاۋدىكى باشقا ئۇيغۇرلار بولسا، بۇ يىل 42 ياشلار چامىسىدىكى ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە قەيەرگە كەتكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئەخمەت ئابدۇلئەھەت، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا «ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىدىن ھېچقانداق خەۋىرىم يوق،» دېگەن.

2006‏‏-يىلى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبالىنىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى قاسىم، گۇەنتاناموغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل باياناتچىلىقىنى قىلىپ كەلگەن. ئۇمۇ، ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئادىل نۇرى 2011‏-يىلى تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق بىر خانىم بىلەن توي قىلغان ۋە ئايالى بىلەن بىر مەزگىل پالاۋدا بىرگە ياشىغان. بۇ جەرياندا ئايالى ھامىلىدار تۈركىيىگە قايتىپ كېتىپ، شۇ يەردە يەڭگىگەن ئىدى.

پالاۋنىڭ «تيابېلائۇ» گېزىتى خەۋىرىدە، ئۇنىڭ دائىم تۈركىيىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئادىل نۇرى پالاۋدىكى مەزگىلىدە بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئامانلىق خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. «تيابېلائۇ» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەكتەپتىكىلەر ئىككى ئايدىن بېرى ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭغا نېمە بولغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنى مۇۋاپىق بىر دۆلەتكە مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كېچىكىپ كېتىشى، كېلەچەك ئىستىقبالنىڭ قاراڭغۇلۇقى، يالغۇزلۇق، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلار ئۇلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ كەلگەن.

بۇ ئەھۋالدا ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھۆكۈمەتكە خەۋەر قىلماي كېتىپ قېلىشى چەتكە قاققىلى بولمايدىغان ئېھتىماللىقتۇر. ئابابەكرى قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پالاۋ ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇلارغا بېرىلىدىغان بىر قىسىم تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى قىسىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

بىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، ئادىل نۇرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەزكۇر مەسىلىگە مەسئۇل دائىرىلەر سوئاللىرىمىزغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب قايتۇرمىدى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىزگە يازما بايانات ئەۋەتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ئۇلارنى مۇۋاپىق بىر دۆلەتكە مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە داۋاملىق ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا-پالاۋ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇرغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىش ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

پالاۋ «تيابېلائۇ» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدىكى پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭغا ئۇلارنى 3‏-بىر دۆلەت قوبۇل قىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن 500 نەچچە مىڭ دوللار بەرگەن.

بىراق، بەزى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئامېرىكىنىڭ پالاۋغا 200 مىليون دوللار ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پالاۋغا ياردەم بېرىش پىلانىنىڭ بۇرۇن بارلىقىنى بىلدۈرگەن. پالاۋ ھۆكۈمىتى بولسا 6 نەپەر ئۇيغۇرنى «ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى» چىقىش قىلىپ، قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پالاۋنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى تومى رېمېنگېساۋ يېقىندا پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پالاۋ ھۆكۈمىتىنىڭ پالاۋدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىش ھەققىدە سۆھبەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى دانىيال فرىېد ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. پرېزىدېنت ئوباما ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمەلدار تەيىنلىمىگەن.

ئۇيغۇرلارنى 3-بىر دۆلەتكە مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن باشقارمىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. پالاۋ ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ كېچىكتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.