پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى، ISIS ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

0:00 / 0:00


شۇ جاي ۋاقتى 13 - نويابىر كەچتە فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە بىر نەچچە جايدا قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ 100دىن ئارتۇق ئادەم قازاغا ئۇچرىدى.

فىرانسىيە 24 تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئوخشىمايدىغان 7 ئوردا يۈز بەرگەن. CNN نىڭ جۈمە كۈنى كەچ سائەت 9 دا خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇمدا شۇ چاغقىچە، ئەڭ ئاز دېگەندە 153 ئادەم ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن.

فىرانسىيە چېگراسى تاقالغان. فىرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاند دۆلەت دەرىجىلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان.

CNN نىڭ فىرانسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورچىلار ھۇجۇملاردا بومبا، كالاشنىكوف ( AK - 47) ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش قاتارلىقلارنى قوللانغان، بىر قىسىم بىگۇناھ كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

فىرانسىيە تەنتەربىيە سارىيى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئادەم بومبا، شەھەر مەركىزىدىكى كامبودژا رېستورانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا قورال ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىقى باتاكلان تىياتىر سارىيىدا يۈز بەرگەن.

فىرانسىيە ئاخباراتنىڭ ساقچى مەنبەلىرىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، پەقەت مۇشۇ ئورۇننىڭ ئۆزىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن بىرى «ئاللاھۇئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتقىنىچە تاماشىبىنلارغا قارىتىپ ئوق ياغدۇرغان.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ كۆپ جايدا يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ جىقلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ بارغانچە كۆپىيىدىغانلىقى پەرز قىلىنماقتا.

فىرانسىيە دائىرىلىرى 1500 نەپەر ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنى پارىژ شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئاز دېگەندە قوراللىق ئۇنسۇرلاردىن 5 نەپىرى بىر تەرەپ قىلىنغان يەنى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى قولغا ئېلىنغان.

ISIS ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا ھۇجۇمنىڭ پەقەت فىرانسىيە خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملا بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت ئوباما مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە خەلقى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىر سەپتە تۇرغان. شۇنى ئېنىق ئېيتىشىمىز كېرەككى؛ بىز ئۇلارنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەشلىرىدە ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز.

ئوباما يەنە ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيەگە ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ فىرانسىيە دائىرىلىرى بىلەن يېقىندىن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ھازىرچە ئامېرىكىغا قارىشى ھۇجۇم تەھدىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ، بۇ يىل ئىچىدە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمى. بۇ يىل 7 - يانۋار فىرانسىيەدىن چىقىدىغان «چارلىي ھەبدو» ژۇرنىلىنىڭ پارىژدىكى ئىشخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەن 12 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، بىر نەچچە كىشى يارىلانغان ئىدى.