ۋىلادىمىر پۇتىن: «قازاقلارنىڭ ھېچقاچان دۆلەتچىلىكى بولمىغان»

0:00 / 0:00

بۇ يىل 3-ئايدا قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىدىن كېيىن، شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇس تىللىق پۇقرالارنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئاخىرى بۇ رايوندا رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىغان ئىدى.

غەرب دۆلەتلىرى ئىزچىل تۈردە رۇسىيەنى قىرىمنى قوشۇۋالغانلىقى ۋە شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى قورال-ياراق ۋە ئادەم كۈچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ كەلدى. ئۇكرائىنا كرىزىسى ھەل بولماي، جىددىيلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ «قازاقلارنىڭ ھېچقاچان دۆلەتچىلىكى بولمىغانلىقى» ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى قازاقىستان جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 29-ئاۋغۇست كۈنى، «پۈتۈن رۇسىيە ياشلىرى مۇنبىرى»دە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە نۇرسۇلتان نازاربايېفنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھېچقاچان دۆلەت بولمىغان قازاقىستان تۇپرىقىدا دۆلەت قۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. پۇتىن؛ «ئۇ يېگانە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، يەنى ئۇ ھېچقاچان دۆلەت بولمىغان زېمىندا دۆلەت قۇردى. قازاقلارنىڭ ھېچقاچان دۆلەتچىلىكى بولمىغان ئىدى، ئۇنى ئۇ قۇردى، بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئۇ سابىق سوۋېت تۇپراقلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ئۈچۈنمۇ يېگانە ئادەم» دېگەن.

قازاقىستان ئانالىزچىلىرى ئارىسىدا پرېزىدېنت پۇتىننىڭ «قازاقلارنىڭ ھېچقاچان دۆلەتچىلىكى بولمىغانلىقى»نى تەكىتلىشىگە قارىتا تۈرلۈك كۆز قاراشلار ۋە باھالار مەيدانغا چىقماقتا.

رۇسىيەنىڭ «پراۋدا.رۇ» تورى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ پۇتىننىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئۇنىڭ قازاقىستاننىڭ شىمالىنى، يەنى ئاساسلىقى رۇس تىللىق ئاھالىلەر ياشايدىغان جايلارنى خۇددى قىرىم سىنارىيەسىگە ئوخشاش «رۇسىيەگە قوشۇۋېلىش» ئويى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ، تەھلىل قىلىشقانلىقىنى يازدى. قازاقىستان ئانالىزچىسى دوسىم ساتبايېۋ «پراۋدا.رۇ» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نۆۋەتتە قازاقىستان جامائىتىدە «رۇسىيەنىڭ ئىمپېرىيە پىلانىدىن قورقۇش كەيپىياتى مەۋجۇتلۇقى»نى شەرھلىدى.

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر پۇتىننىڭ بۇ سۆزنى پەقەت 1991-يىلى مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنى چېگرا قىلىپ ئېيتقانلىقىنى پەرەز قىلسا، يەنە بەزىلەر پۇتىننىڭ مەزكۇر سۆزىنىڭ ئومۇمىي قازاق تارىخىغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ شەخسىي قارىشى شۇكى، قازاقىستان تارىخى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا موسكۋا تەرىپىدىن يېزىلغان. رۇسىيەدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە خىزمەت قىلغان پۇتىننىڭ قازاقىستاننىڭ تارىخى بويىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولماي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ، تارىخ ھەققىدە سۆزلىگەندە ھېچ بولمىغاندا تەتقىقات نۇقتىسىدىن بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ سۆزى تاسادىپىي ئېيتىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.

قازاقلارنىڭ «دۆلەت قۇرمىغانلىقى» پىكرى ئىلگىرىمۇ رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونلىرىدىن، رۇسىيە دۇماسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋلادىمىر ژرونوۋسكىي تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىدى. ئۇ، «قازاقىستان دەيدىغان دۆلەت بولمىغان ھەم بولماسلىقى كېرەك» دېگەن، بۇ سۆزمۇ قازاقىستاندا نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ دۆلەت پرېزىدېنتى بولغان ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ قېتىم ئېيتقان مۇنداق سۆزى ژرونوۋسكىينىڭ ئاشۇ سۆزىگە ماس كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قازاقىستاندىكى كۈچلۈك ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان.

ئەمما، قازاقلارنىڭ ئىلگىرى دۆلىتى بولمىغانلىقىغا ئائىت سۆز پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف ئۆزى 2011-يىلى، ئىيۇلدا ئالماتا ئوبلاستىدىكى بىر پائالىيەتتە «ھېچقاچان قازاق دۆلىتى بولمىغان ھەم چېگراسىمۇ بولمىغان ئىدى، قازاقلار ھېچقاچان ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ پايتەختىنى قۇرمىغان ئىدى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن قازاقىستان جەمئىيىتىدە غۇلغۇلا قوزغىلىپ كەتكەن ئىدى.

پرېزىدېنت پۇتىن ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، نازاربايېفقا يۇقىرى باھا بەرگەن: ئۇ: «نازاربايېف ناھايىتى بىلىملىك رەھبەر، بەلكى سابىق سوۋېت تۇپراقلىرىدىكى ئەڭ بىلىملىك رەھبەردۇر. ئۇ ھېچقاچان ئۆز خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى تۇرمىدى، ئۇ خەلقنىڭ نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھېس قىلىدۇ» دېگەن، شۇنىڭدەك يەنە ھازىر تەكىتلەۋاتقان «ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى» ئىدىيىسىنى نازاربايېف ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پۇتىننىڭ «قازاقلارنىڭ ھېچقاچان دۆلەتچىلىكى بولمىغان» دېگەن سۆزىگە نارازى بولغان قازاقىستان ئاكتىپلىرى پۇتىن ۋە نازاربايېفقا، قازاق تارىخىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن 1943-يىلى قازاق ۋە رۇس تارىخچىلىرى بىرلىشىپ يازغان «قازاقىستان س س ر تارىخى» ۋە كېيىن يېزىلغان 19-ئەسىردىكى قازاق باتۇرى كېڭسار قاسىموفنىڭ رۇسلارغا قارشى قوزغىلاڭ تارىخىغا ئائىت كىتابنى ئەۋەتىپ بەرگەن.

ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق تارىخچىلىرىنىڭ قازاق تارىخى قارىشى پۇتىندىن پەرقلىقتۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قازاقلار مەركىزىي ئاسىيادا قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان خەلق. كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە قازاق خانلىقى قۇرۇلغان بولسا، 18-ئەسىردە ئابلەي خان پۈتۈن قازاقلارنىڭ ئۈچ يۈزىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1917-1920-يىللىرى ئارىسىدا قازاق مىللەتپەرۋەرلىرى ئالاش ئوردا ھۆكۈمىتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىدۇر. ھازىر قازاقىستاننىڭ تارىخ قارىشى بىلەن سوۋېت دەۋرىدىكى قاراشلاردا پەرقلەر مەۋجۇت.

پۇتىنىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ كېرەك بولسا تاموژنا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. قازاقىستاننىڭ «خەۋەر» ئاگېنتلىقى نازاربايېفنىڭ «ئاستانا ھېچقاچان قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغە تەھدىت سالغان تەشكىلات تەركىبىدە بولمايدۇ» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.