2014 - يىلى 15 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ توپقاپى رايونىغا جايلاشقان ئىستانبۇل يېڭى ئەسىر ئۇنىۋېرىستېتىدا «قانىغان يارىمىز - شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يېنىدا بىز» ناملىق يىغىن ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچلدى.
يېڭى ئەسىر ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى، كېيىن يېڭى ئەسىر تىببىي فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسۇر دوكتۇر دەمىر بوداق ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، مەدەنىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىندا يەنە، يېڭى ئەسىر ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى كۇلۇبى تەرىپىدىن تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ يۇلتۇزى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتقان تەسىرلىك شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.
يىغىن زالى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ھەر خىل مىللىي كىيىم كىچەكلەر، دوپپا، چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان.
يىغىن ئاخىرىدا يېڭى ئەسىر ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى رەجەپ ئېلى سارى ئەپەندى سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈش، خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش شۇنداقلا يېڭىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئىگە چىقىش توغرىسىدا قولىدىن كېلىدىغان ئىمكانلارنى ئىشغا سېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رەئىسى رەجەپ ئېلى سارى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى كۇلۇبى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاتا يۇرتىمىز، ئۆز قان قېرىنداشلىرىمىز بولغان شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ ئىنساندەك ياشاش پەريادىغا سۈكۈتتە تۇرمىدۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىن سۈكۈتتە تۇرمايمىز. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرتسىز ۋە شۈبىھىسز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدا بولۇشتىن ئۆزىمىزنى شەرەپ ھېس قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان ئەڭ ئېغىر بەدەل تۈلەۋاتقان بولسىمۇ، بىر كۈنى چوقۇم ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ تۈركىيىمىزنىڭ يېنىدا ئۆز قان قېرىندىشى بولۇپ ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنمىز».
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە رەئىسى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ۋە ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.