ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن ۋە ئەركىنلىك ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى
ئەسلىي دوكلات ئىلاۋىسى: 2018-يىلى 10-ۋە 13-ئاۋغۇست كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى «ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى» (CERD) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بارلىق شەكىللەردىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 1981-يىلى بۇ ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. تۆۋەندىكى مەلۇماتلار «خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى» تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولغان «ھوقۇق باراۋەرلىكى تەشكىلاتى» يېقىندا «ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى» غا يوللىغان دوكلات ئاساسىدا تەييارلانغان. ئۇنىڭدا قانۇنسىز تۇتقۇن ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە دائىر ئەندىشىلەر، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 5-ماددا (ئا)(ب)(د) تۈرلىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
2018-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاھالىلەردىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىن قولغا ئېلىنىپ «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا سولانغانلار ياكى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە ئىدىيە ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە كۈندۈزلۈك، كەچلىك «ئۆگىنىش كۇرسلىرى» غا مەجبۇرىي قاتناشتۇرىلىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىككى مىليوندىن ئۈچ مىليونغا قەدەر بولماقتا. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن بولغان «خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى» تەشكىلاتى ۋە «ھوقۇق باراۋەرلىكى تەشكىلاتى» نىڭ زىيارىتى ۋە ئىگە بولغان مەلۇماتلىرى بۇ نۇقتىنى ئالغا سۈرىدۇ.
تەكشۈرۈشىمىزچە، تارىم ۋادىسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىن 660 مىڭ ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان ۋە «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا سولانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭچە كىشى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۆز يېزىلىرىدا ياكى ناھىيە بازارلىرىدا كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشماقتا. دېمەك، تارىم ۋادىسىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىن ئىككى مىليونچە ئۇيغۇر مۇشۇ ئىككى خىل «قايتا تەربىيىلەش» ئۆگىنىشىگە بەند قىلىنغان. پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۈملىدىن باشقا مىللەتلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىنى قوشقاندا بۇ ساننىڭ تېخىمۇ زور بولۇشى ئېنىق.
نۆۋەتتە «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سانى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغاندىنمۇ كۆپتەك قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، «ئوچۇق تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ مەلۇم بولۇۋاتقان كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك «ئۆگىنىش كۇرسلىرى» غا مەجبۇرىي يوسۇندا قاتناۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەخمىنەن سانى ھەققىدىمۇ ھازىرغا قەدەر كۆپ ئۇچۇر يوق.
ھەر ئىككى خىل «قايتا تەربىيىلەش» ۋاسىتىسى بىردەك خىتاي قانۇن سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئىجرا بولماقتا. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ساقچىلار ھېچقانداق سوت ياكى قانۇنىي تەرتىپلەردىن مۇستەسنا يوسۇندا مۇشۇنداق تۇتقۇن بۇيرۇقلىرىنى چۈشۈرمەكتە ۋە ئۇنى ئىجرا قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھەق-ھوقۇقلىرىنى چەكلىمەكتە. ھەر ئىككى خىل «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرىدا ئومۇمەن تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى ياكى ئۆگىنىشكە قاتنىشىش ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە يوق. بۇ «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنى باشقۇرۇش جەريانىدا دائىرىلەر قانۇنسىزلىقتا ئۇچىغا چىققان شەكىللەردە كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ۋە غايەت زور ساندىكى پۇقرالارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەمىشە ئاساسلىق نىشان بولۇۋاتىدۇ. بەزىدە مەجبۇرىي شەكىلدىكى غايىب قىلىۋېتىش، قىيناق ياكى باشقا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى (ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان) مۇشۇنداق غايەت زور ساندا تۇتقۇن قىلىشى ھەمدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى خىل «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا بەند قىلىشى روشەن ھالدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاش، شۇنىڭدەك باشقىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىرىدىكى «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك» قىلمىشلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى مۇشۇنداق زور كۆلەمدە دەپسەندە قىلىشتىكى سىياسىي ئەندىزىگە تىرەك قىلىش ئۈچۈن 2017-يىلى ئاپرېلدا «ش ئۇ ئا ر نىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ خىتايدىكى تېررورلۇق تەھدىتى دەپ قارالغان ھادىسىلەرنى ئەسەبىيلىككە باغلاپ زەربە بېرىشنى ئاساس قىلغان تۇنجى مۇكەممەل نىزامنامەدۇر. بۇ نىزامنامىگە ئاساسەن «ھالال» مەھسۇلاتقا چېتىشلىق بولغانلار، ئۇزۇن ساقال قويغانلار، پەرەنجە ئارتقانلار، بالىلىرىغا «ئىسلامى مەنىدىكى» ئىسىملارنى قويغانلار، ھۆكۈمەتنىڭ رادىئو ياكى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى بايقۇت قىلغانلار، ئىسلامى يېمەك-ئىچمەك چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشقا قارشى چىققانلارنى «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا سولاشقا ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا ئىدىيە ئۆزگەرتىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ. مانا مۇشۇ نىزامنىڭ سىياسىي جەھەتتە تىرەك بولۇشى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە غايىب بولۇشى، شۇنىڭدەك «قايتا تەربىيە ئېلىشى» ياكى «ئۆزگىرىشى» ۋۇجۇدقا چىقماقتا.
زىيارەت ۋە مەلۇمات توپلاش
2017-يىلى ئىيۇل ئېيىدىن 2018-يىلى ئىيۇن ئېيىغىچە بىز جەنۇبىي ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىرنەچچە ناھىيىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىن نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارەت ئوبيېكتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن بىردەك ئۆز نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى.
بىز زىيارەت قىلغان بۇ كىشىلەر بىردەك ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يېزا ياكى ناھىيە بازارلىرىنىڭ ئادەم ھەيران قالغۇدەك ھالدا چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نى «قايتا تەربىيىلەش» كە سولىۋالغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«بىزنىڭ يېزىدا ئوغۇل بالىلار قالمىدى، دېسەممۇ بولىدۇ.»
«يېزىمىزدا ئەر كىشىلەر ئاساسەن قالمىدى. ئەمگەك قىلغۇدەك ئادەممۇ قالمىدى. ئەمگەك قىلالىغۇدەك ئەر زاتىنىڭ ھەممىسى ›تەربىيىلەش‹ تە ياكى تۈرمىدە.»
«قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىلا تەربىيىلەش ۋە ئۆگىنىشكە بېرىشى لازىمغۇ، دەيمەن.»
«ھەممىلا ئۆيدىن بىر-ئىككى ئادەمنى تۇتقان ياكى ›ئۆگىنىش‹ كە ئېلىپ كەتكەن ئەھۋال بار.»
بىر ئۇيغۇر ئايال مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ يېزىدا ئىككى مىڭ نوپۇس بار. مۆلچىرىمچە، ئۇلارنىڭ ئىككى يۈزى ناھىيىلىك تەربىيىلەش مەركىزىدە. بۇ سان يېزىلىق ۋە كەنت دەرىجىلىك تەربىيىلەش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يېزا بازىرىدا ئۆگىنىش كۇرسلىرى بار، بەزىلەر ئەتىگەندە مۇشۇ كۇرسلارغا بېرىشى شەرت. كەنتىمىزدىمۇ ئۆگىنىش كۇرسلىرى بار. ئانام مۇشۇ كۇرسقا بېرىشقا مەجبۇر. ئۆگىنىشتە خىتايچە تىل ۋە خىتاينىڭ قانۇنلىرىنى ئۆگىنىمىز. ئانام ھەر ئاخشىمى يەتتە يېرىمدىن توققۇز يېرىمغىچە مۇشۇ كۇرسقا بېرىشى لازىم. ئاڭلىسام 15 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق كۇرسلارغا بېرىشى لازىم، دەيدىغان سىياسەت بار ئوخشايدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك تەربىيىلەش لاگېرلىرىدىكى كىشىلەردىن باشقا، يېزا ۋە كەنتلەردىكى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.»
ئۇيغۇرلار دىيارىدا 20 يىل تىجارەت قىلغان بىر خىتاي سودىگەر ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بىزگە مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل جەنۇبىي ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىلا يېزىدا ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر قالمىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ›قايتا تەربىيىلەش‹ كۇرسلىرىدا. پەقەت قېرى-چۈرى ۋە قۇلىقى يۇمشاق كىشىلەرلا كۆزگە چېلىقىدۇ.»
تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگىنى بىز سەككىز نەپەر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىگە بولغان مەلۇماتلار. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوخشاش بولمىغان سەككىز يېزىدا. زىيارەتكە ئاساسلانغاندا، ھەر بىر يېزىدا 1500 دىن ئۈچ مىڭغىچە نوپۇس بار ئىكەن. 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە ھەربىريېزىدىن «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر 200 دىن 500 گە قەدەر بولغان.

بۇ يېزىلاردا قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ نىسبىتى پۈتكۈل يېزا نوپۇسىنىڭ سەككىز پىرسەنتىدىن يىگىرمە پىرسەنتىگىچە بولغان. بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بولغاندا 12.8 پىرسەنتكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا زىيارەت ئوبيېكتلىرىدىن 7-ۋە 8-كىشى ئۆز يېزىلىرىدىكى مەجبۇرىي بولغان كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ئېنىق قىلىپ 800 ۋە 300 دېدى. شۇنداق بولغاندا بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ يېزا نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتى ۋە 20 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، باشقا زىيارەت ئوبيېكتلىرى ئاساسەن ھەممىلا ئۆيدىن ئاز دېگەندىمۇ بىر ئادەم كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك كۇرسلارغا قاتنىشىشقا مەجبۇر، دېدى. زىيارەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رايوندىكى يېزىلاردا 300 دىن 600 گىچە ئائىلە بار ئىكەن. ئەگەر ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ئادەم مۇشۇ خىلدىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان بولسا ئۇ ھالدا بۇ يېزىلاردىن ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ يۈزدىن ئالتە يۈزگىچە ئادەم، ياكى ھەر بىر يېزىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 450 كىشى مۇشۇ خىلدىكى كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك كۇرسلارغا قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.
(داۋامى بار)