خىتايدا غايەت زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر مەجبۇرىي «قايتا تەربىيىلەش» كە دۇچ كەلمەكتە (3)

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىلاۋىسى: تىنچ شەكىلدە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى نىشان قىلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن «خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرى» يېقىندا نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەخسۇس دوكلات سۇنغان. بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلارغا قامالغان ۋە مەجبۇرىي شەكىلدىكى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاللىقاچان ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ھۆججەتلەر ئاساسىدا بايان قىلىنغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر دوكلاتنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ ئاڭلىغۇچىلىرىمىز دىققىتىگە سۇندۇق. دوكلاتنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي ئەسلى تېكىستكە سادىق بولۇش ئاساسىدا تەييارلاندى.

ئىككى خىل «قايتا تەربىيە» : يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە كۈندۈزلۈك\كەچلىك ئۆگىنىش كۇرسلىرى

«قايتا تەربىيىلەش» ھەرىكىتى خۇددى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك ئىككى خىل شەكىلدە ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىرى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى بولۇپ، بۇنى ناھىيىلىك ياكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر باشقۇرىدۇ. بۇنداق لاگېرلارغا سولانغانلار ئادەتتە ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنغانلار بولۇپ، بۇ كىشىلەر بۇ جايلاردا قانچىلىك مۇددەت سولىنىدىغانلىقىمۇ ئۇقتۇرۇلماستىن قانۇنسىز رەۋىشتە خالىغان مۇددەتكىچە قاماپ قويۇلىدۇ. بەزىدە بۇلار مەجبۇرىي يوسۇندا غايىب قىلىۋېتىلىدۇ.

يەنە بىرى مەجبۇرىي شەكىلدىكى كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك «ئۆگىنىش كۇرسى» بولۇپ، بۇنى بەزىلەر «ئوچۇق لاگېر» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇنداق جايلارنى مەخسۇس خادىملار باقمايدىغان بولۇپ، بۇلارنى ناھىيىلىك ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى باشقۇرىدۇ. بۇنداق ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا مەجبۇرىي ئۆگىنىش قىلدۇرىلىدىغانلار ئۇخلاش ۋە تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىشقا بولىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۈچۈنمۇ مەجبۇرىي «ئۆگىنىش» قىلىشنىڭ سۈرۈكى يوق بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېپى ئۆزىدىن ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش ھېسابلىنىدۇ.

ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى كۈندۈزلۈك ياكى كەچلىك «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» ئۆگىنىشلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلار ئارىسىدا ئۆيىدىن بىرەرى قولغا ئېلىنغانلار ياكى چەتئەللەرگە ساياھەتكە بارغانلارمۇ بار. ئەمما بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر. گەرچە بۇ خىل لاگېرلار ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى پەقەت قىسمەن چەكلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ خىل «ئۆگىنىش» لەرگە قاتنىشىش مەجبۇرىي ۋەزىپىدۇر، يەنە كېلىپ بۇ قىلمىش روشەن ھالدا ھەق-ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىش خاراكتېرىنى ئالغان.

بۇ خىل ئۆگىنىشلەرگە مەسئۇل ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆگىنىشتىكى كىشىلەرنى دىنىي ئېتىقادنى رەت قىلىش، كومپارتىيىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ياخشى ئۆگەنمىسە ياكى باشقىلارنى پاش قىلىشنى رەت قىلسا ئۇلارنى لاگېرلارغا سولىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قورقۇتىدۇ.

بىز زىيارەت قىلغان كىشىلەر ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى بار» دەپ قارىغان ياكى «خىتاي دۆلىتىگە سادىق ئەمەس» دەپ قارىغان ھەرقانداق كىشىنى، بولۇپمۇ ياش ۋە ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئېگە كىشىلەرنى «تەربىيىلەش لاگېرى» غا سولاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

«يىغىۋېلىش لاگېر» لىرىدىكى كىشىلەرنى خورلاش ۋە قىيناش ھازىر بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا. مۇشۇنداق لاگېرلاردا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلار قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىدىيىسىدە «تېررورلۇق» ياكى «دىنى ئەسەبىيلىك» نىڭ ئالامەتلىرى بايقالغان كىشىلەر جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنگەن كىشىلەر سولىنىدىغان تۈرمىلەرگە يوللىنىدۇ.

2017-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدا كىشىلەرنى جىنايى ئىشلار بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش بىردىنلا ئەۋج ئالدى. بۇ ھال نۆۋەتتە قانۇنسىز رەۋىشتە «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قامالغان بىر مىليونچە كىشىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جىنايى ئىشلار سىستېمىسى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەستىقلايدۇ. 2017-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەيىبلەش ھۆكۈمنامىسىنىڭ ئومۇمى سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشقان.

تەۋسىيە ئېتىلگەن خەلقئارا ھەرىكەتلەر

10- ۋە 13-ئاۋغۇست كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى «ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى» (CERD) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بارلىق شەكىللەردىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» گە قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلغانلىقىنى باھالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كومىتېتىڭلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر بويىچە بېسىم قىلىشى لازىم، دەپ قارايمىز:

· ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ۋە «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرى ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش ھەمدە ھازىر مۇشۇ لاگېرلاردا يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈندۈزلۈك ۋە كەچلىك «قايتا تەربىيىلەش» كۇرسلىرىغا قاتناۋاتقانلارنىڭ سانىنىمۇ ئېلان قىلىش؛

· مۇستەقىل كۆزەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش، شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى ۋە سابىق تۇتقۇنلارنى زىيارەت قىلىشقا يول قويۇش؛

· خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە باشقا قانۇنلىرى، جۈملىدىن ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان نىزاملاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» ياكى «قايتا تەربىيىلەش» كە رۇخسەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش؛

· «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىدىكى قىيناق ۋە باشقا شەكىللەردىكى خارلاش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدىغان مۇستەقىل مېخانىزم بەرپا قىلىش.

بۇنىڭدىن باشقا دېموكراتىك ئەللەردىكى ھۆكۈمەتلەر، جۈملىدىن ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» قاتارلىق مەۋجۇت ئىنسان ھەقلىرى قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئىرقچىلىق خاراكتېرىدىكى زور كۆلەملىك قانۇنسىز قاماققا جاۋابكار يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازاغا تارتىشى لازىم.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قانۇن، سىياسەت ۋە باشقا ساھەلەردە زۇلۇم قىلىشى ھەمدە ئىرقىي كەمسىتىش بويىچە مۇئامىلە قىلىشى 2009-يىلىدىن بۇيان بەكلا ئېغىرلاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى»، 2015-يىلىدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋە ئاندا-ساندا بولۇپ قالغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سىستېمىلىق زۇلۇم ۋە كۆپ قىرلىق ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ نىشانى قىلىۋالدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىيلەشكەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى سىياسەتلەر ۋە «چوڭ مەلۇمات ئانالىزى» تەدبىقلانغان پۈتكۈل جامائەتنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى؛ مىليونلىغان كىشىلەر «قايتا تەربىيىلەش» كە مەجبۇرلاندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىللىي تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد زور كۆلەمدە چەكلەندى. خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قاتتىق كونتروللۇق، ئېغىر جازا ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە مەھكۇم قىلدى.

ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن لىق تولغان بۇ بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۇقىرىدىن بۇيرۇق شەكلىدە تۆۋەنگە يېتىپ كەلمەكتە. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلى مايدا مەملىكەت بويىچە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى، بۇ كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاينىڭ غەربىي قىسمى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شى جىنپىڭ شۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىس ۋە تۆمۈردىن مۇستەھكەم قورغان بەرپا قىلىپ، ئاسماندا تور يەردە قاپقان قۇرۇشى» لازىملىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن «زور كۆلەملىك نازارەت ۋە زور كۆلەملىك ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئارقىلىق ساقچىلار قوشۇنىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا تەييارلىنىش ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش» زۆرۈرلۈكىنى، مۇشۇلار ئارقىلىق «زورلۇق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى رەھىمسىزلىك بىلەن كۈرەش قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىق ۋە دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقى شى جىنپىڭ يولغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، شۇنىڭدەك ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونلىرى بىلەن سودا ۋە مەبلەغ مۇناسىۋىتىدە ئەڭ ئاساسلىق قۇرۇقلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار دىيارىدا 2009-يىلىدىن باشلاپلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ھەممە ياققا كېڭىيىۋاتقان بىخەتەرلىك ھۇل مۇئەسسەلىرىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى 2016-يىلى شى جىنپىڭ چېن چۇەنگونى بۇ رايوندىكى پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىگەندىن كېيىن غايەت زور سۈرئەتتە تېزلەشتى.

(تۈگىدى)