تۈركىيەدىكى قازاق ۋەخپىنىڭ قازاق ئارتىستلارنى ئەكىلىپ ئويۇن قويدۇرۇشى نارازىلىق پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن قازاق ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى تۈركىيەدىكى بەزى قازاق ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قازاق ۋەخپى، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاق سەنئەت ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قازاقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىزمىرنىڭ سالىھلى، نىغدە ئالتاي يېزىسى قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويغان. 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە داۋاملاشقان بۇ سەنئەت پائالىيىتىگە بەزى قازاقلار قاتتىق قارشى چىققان بولۇپ، قازاق ۋەخپىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىنى ئەيىبلەپ سوتقا بېرىشقا تەييارلانماقتا.

ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجىدىن كەلگەن 20 كىشىدىن تەركىپ تاپقان سەنئەتچىلەر گۇرۇپپىسى 3 مەيدان ئويۇن قويغان بولۇپ، ھەر مەيدان سەنئەت نومۇرىنى 20 - 30 كىشىدىن تەركىپ تاپقان قازاق تاماشىبىن كۆرگەن. ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ئويۇن كۆرگىلى كەلگەنلەرنىڭ كۆپى سەنئەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن قازاق ۋەخپىنىڭ باشلىقى فازىل توپلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«سىز قازاق ۋەخپى باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خىتاي كونسولخانىسى بىلەن بىرلىكتە سەنئەت ئۆمىكى ئېلىپ كېلىپ تۈركىيەدە ئويۇن قويدۇرۇپسىز، بەزى قازاقلار سىزنى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتسا، بۇنى قىلىپ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلدى دەۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«بىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمىز چوڭ دادىلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ تۈركىيەگە كەلگەن كىشىلەر. بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىز كەلگەن جايدىن سەنئەتچى ئېلىپ كېلەيلى دەپ بۇنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇ يەردىكى خەلقىمىزمۇ بۇنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ يەردىكى قازاقلار داۋاملىق قازاقىستاندىن سەنئەتچى كېلىۋاتىدۇ، بىر قېتىممۇ بولسا ئانا يۇرتىمىزدىن ئېلىپ كەلسەڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كونسولوسلىقىغا ئىلتىماس سۇندۇق، ئىككى ئايدىن كېيىن تەستىقلىنىپ بۇ سەنئەتچىلەر كەلدى».

«سىز خەلقىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلدۇق دەۋاتىسىز، ئەمما ئىزمىر سالىھلىدىكى قازاقلارغا 20 سەنئەتچى ئويۇن قويۇپتۇ، ئەمما 25 تاماشىبىن كەپتۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئىچىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۇ، يەرنىڭ شەھەر باشلىقىغىچە ھەممە ئادەمگە، بۇلار خىتايغا سېتىلغان كىشىلەر بۇلارنى كۈتۈۋالماڭلار دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئىش يوق. بۇ كەلگەن كىشىلەر خىتاي ئەمەس قازاق سەنئەتچىلەر. ئۇ، يەر خىتاينىڭ قول ئاستىدا بولغاچقا خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس قىلدۇق.»

«ئۇنداقتا سىلەر قازاق ۋەخپى باشقۇرۇش ھەيئىتى بولۇش سۈپىتىڭلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە قانداق قارايسىلەر؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى؛

«خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا بىزمۇ قارشى تۇرىمىز. خىتاينىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا بىزمۇ قارشى تۇرىمىز. ئەمما بىز مەسىلىگە مەدەنىي جەھەتتىن قارايمىز، ئۇ يەردىن قازاق سەنئەتچىلەر كېلىشىنى خالايمىز. مەسىلەن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.»

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قازاق تۈركلىرى مائارىپ ۋە تەتقىقات جەمئىيىتى باشلىقى سەرقان دىنچتۈرك ئەپەندى بۇ پائالىيەت كۆرۈنۈشتە سەنئەت پائالىيىتى بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ پائالىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

« مەن بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قارشى چىقىمەن. بۇلار پەقەتلا بىر سەنئەت پائالىيىتى بولسىمۇ، بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر. بۇ خىل پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان قازاق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، بۇنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن خەلقىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تارىخىي، سىياسىي مەسىلىلىرىمىز بار.»

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ - ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخانمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.