كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ قازاق تىللىق مۇستەقىل تاراتقۇلىرىدا قازاقىستان ھاكىمىيىتىنىڭ كېلەچىكى، يەر سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىش، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا، جۈملىدىن قازاقىستانغا بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرى، خىتايدىكى قازاقلار ۋەزىيىتى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىشى ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.
يېقىندا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان قازاق پائالىيەتچىلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا باش قوشۇپ، ئەنە شۇ مەسىلىلەر ئەتراپىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. «يېڭى قازاقىستان» دەپ ئاتالغان مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستاندىن ئايدوس سارىم، راسۇل جۇمالى، ئەمىرجان قوسانوف، ئېرمۇرات باپى، غالىم ئاگېلېئۇئوف قاتارلىق تونۇلغان سىياسەتشۇناسلار، ژۇرنالىستلار قاتناشتى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئاباي قازاقىستان» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان نۇرگېلدى ئەبدىغانى ئوغلىنىڭ «بىريۇسسېلدىكى يىغىندا نېمە ئېيتىلدى، نېمە ئېيتىلمىدى؟» ناملىق ماقالىسىدە ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر قارالغان. مەزكۇر يىغىن نېمە ئۈچۈن قازاقىستاندا ئەمەس، بەلكى بىريۇسسېلدا ئۆتتى؟ ماقالىدا بۇنىڭ سەۋەبىنى سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي كرىزىس ۋە ئۇنىڭدىن چىقىش يوللىرى، ھاكىمىيەت ئۆزگەرگەندە پۇقرالىق جەمئىيەتنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىشى، ئەھۋال كونترولدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالدىن-ئالا تەييارلىق چارىلىرى قانداق بولۇش كېرەكلىكى تۇرغۇسىدا بىر ئورتاق خۇلاسىگە كېلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتاتتى. بۇ ماۋزۇلارنى مۇھاكىمە قىلىدىغان يىغىننى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈش، بەلكىم قىيىنراق بولار ئىدى. يەر مەسىلىسىگە، تىل مەسىلىسىگە، بايقوڭۇرغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭ قىيىنچىلىقلار بىلەن ئۆتكەنلىكى مەلۇم. ھەتتا تامامەن ئۆتمەي قالغان ۋاقىتلارمۇ بولدى».
راسۇل جۇمالى شۇنداقلا باشقا مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بەزى سەۋەبلەر بىلەن قازاقىستانغا كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ پىكىرلىرىنى تىڭشاشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۈچىنچىدىن، بىريۇسسېل چوڭ ياۋروپا تەشكىلاتلىرىنىڭ توپلانغان يېرى. شتاب-ئىدارىلەر شۇ يەردە ئورۇنلاشقان. ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا كومىسسىيەسى، ياۋروپا كېڭىشى شۇ يەردە. نامى ئاتالغان تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش پىلانلانغان ئىدى. شۇڭلاشقا بىريۇسسېلدا باش قوشتۇق».
راسۇل جۇمالىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىندا قازاقىستاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئەھۋالى، مەركىزىي ئاسىيانىڭ تېز ئۆزگىرىۋاتقان جۇغراپىيەۋى-سىياسىي ۋەزىيىتى، رۇسىيەنىڭ باسقۇنچىلىق سىياسىتى، رۇسىيەگە ئېلان قىلىنغان «سودا ئۇرۇشى» ۋە بۇنىڭ قازاقىستانغا بولغان تەسىرى، خىتاينىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدىكى قازاقلارنىڭ چوڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە باشقىمۇ جىددىي مەسىلىلەر قارالغان. ئۇ شۇنداقلا ياۋروپا تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، يۇقىرىدا ئاتالغان مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرىنىڭ كېيىنكى ئايدا قازاقىستانغا كېلىپ، «قازاقىستان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى» ماۋزۇسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇستەقىل ژۇرنالىست ئېرمۇرات بابى بولسا، مۇنداق يىغىننى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىز خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا قازاق مىللىتىنىڭ تەقدىرى، مەملىكەتنىڭ تەقدىرى تۇرىدۇ. سەۋەبى، گېئو-سىياسىي ئەھۋالنى قاراپ ئولتۇرساق، ئاۋۇ شەرقتىكى خىتاي، شىمالدىكى رۇسىيە، جەنۇبتىكى ‹ئىسلام تېررورچىلىقى› ئوخشاش خەۋپنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى راست. مۇنداق ئەھۋالدا بىز قازاق جەمئىيىتىنى تۇتاش مەملىكەت سۈپىتىدە ساقلاشنىڭ توغرا كەلگەن يولىنى بىرىكىپ، ئويلاشتۇرۇشىمىز كېرەك».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي، قازاقىستان ۋە رۇسىيەدىكى جۇغراپىيەۋى-سىياسىي ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىش ئىستىكىدە ئىكەن. ئۇ شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىنى كۆپرەك «غەربىي ياۋروپا-غەربىي خىتاي» لايىھەسىنىڭ قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ لايىھەنى ھەم ياۋروپا، ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قولايلىق پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. غالىم ئاگېلېئۇئوف خىتاينىڭ بۇ لايىھە دائىرىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىپ، بۇ يەردىكى كۆپلىگەن نېفىت شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئاددىي خەلقنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سەۋەبى نېفىت ساھەسى كۆپلەپ خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. يېزا ئىگىلىكىمۇ خىتاي كونترولى ئاستىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمگەك كېلىشىملىرى شۇنداق تۈزۈلىدۇكى، بىز ئۆز يېرىمىزدە تۇرۇپ، ئىككىنچى دەرىجىدىكى ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىمىز. ھازىرقى بىزنىڭ، يەنى ھاكىمىيەتنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ، جەمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ مەقسىتى قازاقىستان خەلقىنىڭ مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىق. بىز خىتاي تەرەپ بىلەن بىر دەرىجىدە بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەتتە ئۆز مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك».
غالىم ئاگېلېئۇئوف ئۆز سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئومۇمەن خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى نەزىرىدە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش خەلقلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىريۇسسېل شەھىرىدە بولۇپ قايتقان ۋەكىللەرنىڭ بىرى، تونۇلغان ژۇرنالىست، ھازىر تۈركىيەدە خىزمەت سەپىرىدە بولۇۋاتقان بەشىر جانالتاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىلىۋاتقان بېسىم ھەققىدە قىسقىچە ئاخبارات بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق بىز بىلىمىز دېدى. ئەمما قازاقلارغىمۇ شۇنداق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىلمەيدىكەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇ ياقتا تەخمىنەن 2 يېرىم 3 مىليون قازاقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، بېسىمنىڭ ئۇلارغىمۇ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇنىڭغا قوشۇمچە قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ خىتايغا بېرىپ، قايتىپ كېلەلمىگەنلىكى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ نوتا بەرسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇنىڭغا جاۋاب ئالالمىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلدى. ئۇلار مۇشۇ يېقىندا ئاستاناغا كېلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى توغرىلىق مەسىلىنى قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەسىلىنىڭ دىققەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز».
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بولسا قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئانچە دىققەت بەرمەي كەلگەنلىكى، لېكىن يېقىندىن بۇيان قازاقلار مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00