قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.05.08
shewket-mirzayef-305.jpg ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيېيېف.
wikipedia.org

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكىگە شاۋكەت مىرزىيېيېفنىڭ كېلىشى بىلەن مەملىكەتنىڭ قوشنا جۇمھۇرىيەتلەر، يەنى قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستان بىلەن بولغان سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ش. مىرزىيېيېف ئۆز ۋەزىپىسىگە كىرىشى بىلەنلا مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىقنى ۋە مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، بۇ مۇناسىۋەت ئومۇمەن مەركىزىي ئاسىيادىكى گېئوسىياسىي ۋەزىيەتكە خېلى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ رەسمىي تورىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىككى مەملىكەت پرېزىدېنتلىرىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا بولغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئارىدىكى سودا ئالاقىلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئالاھىدە ئۆسكەنلىكى، 1 مىليارد دوللارغا مۆلچەرلەنگەن 75 بىرلەشمە كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.

«رادىئوتوچكا.كز» تا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان-ئۆزبېكىستان: نېمە مۇھىم-ئىقتىسادمۇ يا سىياسەتمۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى مىراس نۇرمۇخانبېتوف ئىككى مەملىكەت پرېزىدېنتىنىڭ ئاپرېل ئېيىنىڭ ئايىقىدا جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىدە ئىككىنچى قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ پىلاندىن سىرت بولۇپ، بۇ يەردە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئەمەس، بەلكى بەزى سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغۇنلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ يەردە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت، تۈرك بىرلىكى، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ يېڭى تەشكىلاتىنى قۇرۇش ئوخشاش مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتقان.

يېقىندا بولسا، قازاقىستاننىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئەلچىسى ئېرىك ئۇتېمبايېف ئۆزبېكىستاننىڭ قەشقەدەريا ۋە سىردەريا ۋىلايەتلىرىدە ئىش سەپىرىدە بولۇپ قايتقان. «قازاقىستان 2050» تور بېتىدە بېرىلگەن «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى يولغا قويماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن كارخانىلار، سودا-ئىقتىسادىي ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئې. ئۇتېمبايېفنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتلەر ھاكىملىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئۆزبېكىستان مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى مەملىكەتلىرىدە سېتىش، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا مەخسۇس بىرلەشكەن يېزا ئىگىلىكى-سانائەت ئىقتىسادىي دائىرىسىنى، ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى بەلۋېغىنى قۇرۇش، چېگرا بويىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش ئوخشاش مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئېركىن بايداروفنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە قازاقىستان-ئۆزبېكىستان چېگراسىنى بەلگىلەش ئىشى تاماملىنىپ، پات يېقىندا بۇ ھەقتە بەزى ھۆججەتلەر ئىمزالانماقچى. شۇنداقلا ئىككى ئارىدا بېرىش-كېلىش رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈش، ئىككىنچى دۆلەتتە بولۇش قەرەلىنى ئۈچ ئايغىچە ئۇزارتىش ئوخشاش مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئىجابىي ھەل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئې. بايداروف قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە ئىككى لىدېر ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن پىلانلىق ھالدا تەرەققىي ئېتىۋاتىدۇ ھەم بۇ بىزنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ پەقەت بىرىنچى چارىكىدە ئىككى ئوتتۇرىدىكى توۋار ئوبوروتى خېلى ئۆستى، تەخمىنەن 40 پىرسەنتكە. مەن ئويلايمەنكى، يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىز رېكورتلۇق كۆرسەتكۈچلەرگە يېتىمىز. ھازىر ئاستانا-تاشكەنت پويېز يولى ئىشقا چۈشۈپ، ئىككى مەملىكەت پۇقرالىرىنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكلىرى ياخشىلاندى. سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن تاشقىرى، مەدەنىي ئالاقىلەرمۇ ياخشىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ، سەنئەتچىلەرنىڭ، زىيالىيلارنىڭ بېرىپ-كېلىشلىرى كۆپىيىپ، ئۇلار كېلەچەكتە بىر-بىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىدىغان، زىچ ھالدا ئۆز ‏- ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان بولىدۇ.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىداتى خالمىنەم مەسىموۋا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى ئالاقىلەرنىڭ خېلى ياخشى تەرەققىي ئەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ كۆپلىگەن ياشلىرىمىز تاشكەنت، سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇپ، موشۇ كۈنگىچە ئېلىمىزنىڭ ھەر قانداق ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ تاشكەنت شەھىرى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئالىملىرىمىز تاشكەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە قوليازمىلار ئىنستىتۇتى، كۆپلىگەن ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان. بۇنىڭدا سابىق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئەمگىكى ئالاھىدە. بۇ مۇناسىۋەتلەر ھازىر ئىلگەركىدەك قويۇق بولمىسىمۇ، ئامما ئۈزۈلۈپ كەتكىنى يوق. بىز مۇشۇ كۈنگىچە ئابلەھەت خوجايىف، ئابدۇخالىق ئايتبايېف، ئامان جەلىلوف ئوخشاش كۆرنەكلىك ئالىملار بىلەن ئالاقە باغلاپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئامان ئاكا جەلىلوف بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتىمىز. يېقىن ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن بىر ئەمگىكىمىز يورۇققا چىقماقچى.»

خ. مەسىموۋانىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشى بۇ ئىككى ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئالاقىلىرىگە ئىجابىي تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئۇ بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ئۆز ‏-ئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيگەن تەقدىردە، كېلەچەكتە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرلەشكەن ئىلمىي لايىھىلىرىنى تۈزۈش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى، ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكلىرىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.