قازاقىستاندىكى «ئاتىللا» كۇلۇبىنىڭ چامباشچىلىرى زور نەتىجىلەرنى قازانماقتا

0:00 / 0:00


قازاقىستاندا ياش ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرى كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «ئاتىللا»كۇلۇبىدۇر. مەزكۇر كۇلۇب ئون يىللىق پائالىيىتى مابەينىدە دۇنيانىڭ بىر قانچىلىغان مەملىكەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چامباشچىلىق بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. ئادىلجان زەيناۋدىننىڭ رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر كۇلۇب تەنھەرىكەتچىلەرنى تەييارلاشتا، بولۇپمۇ دۇنيا چېمپىيونى، خەلقارا تەنھەرىكەت ماھىرى ئالىك جەلىلوف، مەشقاۋۇللار ئازامات دۈيسېنوف، كامىل ئابدرىموفلار كۆپ كۈچ چىقارماقتا. ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان «ئاتىللا» كۇلۇبى، مەسىلەن، 2012 - يىلى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە كوماندىلىق ھېسابتا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. دۇنيانىڭ 16 دۆلىتىدىن كەلگەن چامباشچىلار ئارىسىدىن مەزكۇر كۇلۇب ۋەكىللىرى جەمى ئون مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يالقۇنجان داۋۇتوف، سۇخراب ھاشىمجانوف، ئالىمجان قاسىموف، رۇسلان لىبىروف، كەرىمجان ھاكىموف، ئىلىياس تۇغلۇقوف، يالقۇنجان ھەۋەيدۇللايېفلار ئالتۇن مېدالغا مۇيەسسەر بولغان. كۇلۇبنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئالىك جەلىلوف بولسا «مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇلى» يۆنىلىشى بويىچە باش مۇكاپاتقا ئىگە بولدى. يېقىندا خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكەن خەلقارا مۇسابىقىدە مەزكۇر كۇلۇب يەنە بىر نەچچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.

«ئاتىللا» تەنھەرىكەت كۇلۇبىنىڭ پائالىيەت يولى ھەم ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە بىز كۇلۇب مەشقاۋۇلى كامىل ئابدرىموف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

- «ئاتىللا»كۇلۇبى قاچان ئېچىلدى ھەم بۇ كۇلۇبتا كىملەر ئىشلەيدۇ. قەيەرلەردە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىڭلار؟ مۇشۇ ۋاقىتقىچە قانداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتىڭلار؟

- «ئاتىللا» كۇلۇبى 2005 - يىلى ئېچىلدى. باشلىقى ئادىلجان زەيناۋدىن. مەشقاۋۇللاردىن بولغاندا ئەڭ چوڭ مەشقاۋۇلىمىز ئالىك جەلىلوف، ئىككىنچى مەشقاۋۇل كامىل ئابدرىموف ۋە ئازامات دۈيسېيېف دېگەن يەنە بىر مەشقاۋۇلىمىز بار. ئۈچ مەشقاۋۇل ئىشلەيدۇ. 2007 - يىلى گرېتسىيەدىكى چامباشچىلىق بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىگە باردۇق. ئۇ يەردىن بالىلار ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇنلارنى ئېلىپ كەلدى. 2008 - يىلى گېرمانىيەدىن كوماندا بويىچە بىرىنچى ئورۇنلارنى ئېلىپ كەلدۇق. 2009 - يىلى قازاقىستان بويىچە مۇسابىقىدىن، 2007 - يىلدىن 2014 - يىلغىچە «ئاتىللا» كۇلۇبى چامباشچىلىقتىن قازاقىستان بويىچە بىرىنچى ئورۇندا كېلىۋاتىدۇ. 2011 - يىلى شاڭخەيدە ئاسىيا مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇ يەردىن رۇسلان لىبىروف ئىككىنچى ئورۇننى، ئامىنەم باۋدۇن ئىككىنچى ئورۇننى ئالدى. 2013 - يىلى ماكسىموف ئەزىز دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇننى، 2014 - يىلى ۋىليامۇسوف باھادۇر تۈركىيەدە ئۈچىنچى ئورۇننى، 2015 - يىلى بولسا، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تالغات سېرىكبايېف ئىككىنچى ئورۇننى ئېلىپ كەلدى. مانا 2015 - يىلى بېيجىڭدا گۇمپا - چامباشچىلىق بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى بولدى. ئۇ يەردە بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىرىنچى ئورۇنلارنى ئالدى. ئۇلار ۋاھابوف رامىل، دۈيسېيېف ئالماس، لىبىروف رۇسلان ۋە ھاشىمجانوف سۇھراب. ئىككىنچى ئورۇن ئالغانلار گىلدېبران تروفىم، مۇخامېدجانوۋا مېرۇئېرت، ئىنتىماقوف سايىت.

- ئۆزىڭىز توغرىلىق قىسقىچە ئېيتىپ كەتسىڭىز.

- مەن ئۆزەم 2009 - يىلى تەنھەرىكەت ۋە ساياھەت ئاكادېمىيىسىنى پۈتتۈردىم. 2008 - ۋە 2009 - يىللىرى مەشقاۋۇل بولۇپ ئىشلىدىم، تەنھەرىكەت ماھىرى. چەت' ئەللەردىن گرېتسىيە ۋە گېرمانىيەلەرگە باردىم.

- يېقىندا يەنە نېمىگە تەييارلىق قىلىۋاتىسىلەر؟

- مۇشۇ يىلى نويابىردا ھىندونېزىيەدە چوڭ دۇنيا مۇسابىقىسى بولىدۇ.

- سىلەرنىڭ كۇلۇبتىن كىملەر قاتناشماقچى؟

- ئۇ يەرگە بىزنىڭ ئۈچ بالىمىز، يەنى ھاشىمجانوف، لىبىروف ۋە ماكسىموف بارىدۇ.

- سىلەر كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىۋېتىپسىلەر. مۇشۇنىڭغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن خىراجەت بۆلۈنۈۋاتامدۇ؟

- ياق.

- ئەمدى ياردەم بېرىۋاتقان جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر بارمۇ؟

- ئۇنداقلار يوق.

- سىلەرگە ئاساسەن كىم ھامىيلىق قىلىدۇ؟

- بىزگە ئادىلجان زەيناۋدىن، زاكىر قۇزىيېفلار ياردەم بېرىدۇ. تەنھەرىكەتكە ياردەم بېرىۋاتقان ئاكىلىرىمىزغا رەخمەت دەيمىز.

- سىلەرنىڭ بۇ كۇلۇبتا يىگىتلەردىن باشقا قىزلاردىن كىملەر بار؟

- قىزلاردىن ئامىنەم باۋدۇن 2011 - يىلى ئاسىيا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. مۇخامېتجانوۋا مېرۇئېرت بولسا بېيجىڭدىن ئىككىنچى ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئىككى قىزىمىز بار.

- سىلەر بۇ كۇلۇبقا ياشلارنى ئۆزەڭلار تاللاپ ئېلىپ كېلەمسىلەر، قانداق؟ مەسىلەن، مەكتەپلەر بىلەن ئالاقەڭلار بارمۇ؟

- ياق. بالىلار ئۆزلىرى كۇلۇبقا كېلىدۇ. 1 - سېنتەبىردىن تارتىپ كېلىپ، بالىلار ئۆزلىرى تاللاشتىن ئۆتۈپ، كېيىنرەك تەييارلىق قىلىدۇ. 101 - مەكتەپنىڭ، 49 - مەكتەپنىڭ بالىلىرى بار.

- مۇشۇ ئالدىڭلارغا قويغان مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىسىلەر؟

- بۇ يەردە قىيىنچىلىقلار بولغاندا ئاخچا تەرەپتىن قىينىلىمىز. يۇرتتىن بىر ئاز يىغىلىدۇ. يەنە شۇنداق يىغىپ، ئاخچا يەتمىگەن بالىلار قالىدۇ. بارىمىز دېگەن بالىلارنىڭ ئاخچىسى يوق.

- قايسى يۇرتلار ياردەم بېرىدۇ؟

- كالىنىن يۇرتى ياردەم بېرىدۇ.

- باشقا يۇرتلارچۇ؟

- ياق.