ئۆتكەنكى يىلنىڭ ماي ئېيىدا قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان «ئارقان كەرگەن» چېگرا پونكىتىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە شۇنداقلا قازاقىستان چېگرا ئەسكەرلىرى رەھبەرلىكىنىڭ ئۆتكەنكى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئايروپىلان ھالاكىتى، مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى چېگرا خىزمىتى ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى تالغات يېسېتوف ۋە چونجا چېگرا ئەترىتىگە قاراشلىق چېگرا پونكىتى باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى مۇرات قادرالىنوفلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى كۆزەتكۈچىلەردە، تەرگەۋ ئورۇنلىرىدا ھەم جامائەتچىلىكتە ھەر خىل قاراشلارنى پەيدا قىلماقتا.
«تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «چېلاخ ئىشى بويىچە ئانالىزچى تەرىپىدىن يەنە بىر خاتالىق ئەۋەتىلدى» ناملىق ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە قازاقىستان ھەربىي سوتى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئولتۇرۇشىدا ئۆمۈرلۈك قاماققا كېسىلگەن چېگرىچى ۋىلادىسلاۋ چېلاخقا مۇناسىۋەتلىك جىنائىي ئىشنى يەنە بىر قېتىم قاراپ چىققان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ۋەقە ئورۇن ئالغان يەردە ئانالىز ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان خادىملارنىڭ بىرى، ئۆزىنىڭ خاتا مەلۇمات ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە بىلدۈرگەن. چېلاخنىڭ قوغدىغۇچىسى سېرك سەرسېنوف شۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى گېنېتىكىلىق تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر ماقالىدە شۇنداقلا چېلاخنىڭ ئۆزىنى بۇ ئىشتا ئەيىبلىك دەپ ھېسابلىمايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئېيتىلغان.
«توتال كز» تور بېتىدا ئېلان قىلىنغان «چېلاخنىڭ ئادۋوكاتى نازاربايېفتىن كەچۈرۈم سورىماقچى» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، چېلاخقا قوللىنىلغان جازا مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى س.سەرسېنوف ئالىي سوت ۋە باش پروكۇرورغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدىن باش تارتقان تەقدىردە ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنتىغا، ئاندىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا مۇراجىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەمدى گېنېرال مايور ت. يېسېتوفنىڭ ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ۋەقەسىگە كېلىدىغان بولساق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «ئانالىزچىلار، قازاقىستان چېگرا خىزمىتىدىكى ئۆزىگە قەست قىلىشنى پسىخولوگلارنىڭ خام ئىشلىرى بىلەن باغلاشتۇرماقتا» دېگەن ماقالىدە بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا ئىككى پاجىئەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. 31-يانۋاردا چېگرا مەكتىپىنىڭ باشلىقى ت.يېسېتوف ئىشخانىسىدا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان بولسا، 4-فېۋرالدا چونجا چېگرا ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېرى كاپىتان م. كادرالىنوفمۇ خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان. پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، كۆپرەك ھەربىيلەردە ئەنە شۇنداق ئۆزىگە قەست قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئۇچرىماقتا ئىكەن. ئۇلار ت.يېسېتوفنىڭ ئۆلۈمىگە خىزمەت بابىدىكى مەسىلىلەر سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتسا، م.كادرالىنوفنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىلە ئەھۋالىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامما قازاقىستان پسىخولوگلىرى بىرلەشمىسى پرېزىدېنتى، تېببىي خىزمەت پولكوۋنىكى ۋلادىمىر ستېبليانكو م. قادرالىنوفنىڭ ئۆلۈمىگە ئائىلە ئەمەس، بەلكى خىزمەت ئورنىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ھەربىي كادىرلارنى تاللاشتا پسىخولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بولمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«ۋرېميا» گېزىتىدە بېسىلغان «قازاقىستان چېگراسى-تەپكىدە. كاپىتان قادرالىنوفنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىشىنىدۇ: ئۇ «ئائىلە ئەھۋالى» سەۋەبىدىن ئېتىشمىغان بولاتتى» ناملىق ماقالىدە مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرى ئۆز ئىسىملىرىنى ئاتاشتىن باش تارتىپ، م. قادرالىنوفنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىلغار ئوفىتسېر بولغانلىقىنى، ئاددىي بىر ئائىلە ماجىراسى سەۋەبىدىن مۇنداق يولغا مېڭىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نۇردىلدا ئوراز بۇ ئىككى ئۆلۈمنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ئالاقىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ھەر ئىككى ۋەقەگە ئايرىم قاراش ھاجەتلىكىنى چۈشەندۈرگەن.