مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىنىي ئەسەبىيلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان رەھبەرلىكى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ قانۇن قوغداش ئورگانلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاندا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامما مەملىكەتنىڭ جاي - جايلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋاقەلەردىن كېيىن بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قاراش دەررۇ ئۆزگەردى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مەجلىس ئۆتكۈزۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دۆلەت پروگراممىسىنى تەييارلاشنىڭ ۋاقتى يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ بەزى رايونلىرىدا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بارا - بارا ئاكتىپلاشقانلىقى قازاقىستانلىقلار ئارىسىدا تەشۋىش پەيدا قىلماقتا. دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىقنىڭ ئەرەب ئەللىرى، رۇسىيە ياكى بولمىسا قوشنا مەملىكەتلەردە ئەمەس، بەلكى قازاقىستاندا يىلتىز تارتىۋاتقانلىقى كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرۇشى تەبىئىي.

بۇ دىنىي ئەسەبىيلىك دېگەن نىمە؟ يىلتىزى قەيەردىن باشلىنىدۇ؟ ئەسلى مەقسىتى نېمىدىن ئىبارەت؟ ئۇنىڭ بىلەن قانداق كۈرىشىش لازىم؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىسلام تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى زائۇر جەلىلوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.