ھازىر دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيە تېررىتورىيىلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان قانلىق جازالاشلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار كۆپەيمەكتە.
مىڭلىغان تىنچ ئاھالە ۋە بىر نەچچىلىگەن مەملىكەتلەرنىڭ ژۇرنالىستلىرى، ھەربىيلىرى ئۇلارنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىراق ھەم سۈرىيىدىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان پۇقرالىرىنى ئىزدەشتۈرۈش ھەم ئۇلار ئۈستىدىن نازارەت ئورنىتىش مەقسىتىدە بەزى ئەللەر قاتتىق چارىلەرنى قوللانماقتا. «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ئۆز تەرەپدارلىرىنى مەركىزىي ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ ئىزدەپ، شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئىدىيىلىرىنى تارقىتىش ۋە ئۇلارنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۆز تەرىپىگە تارتىش ئاماللىرىنى قىلماقتا. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى كېڭىشىنىڭ 37 - مەجلىسىدە تېررورچىلىققا ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش ۋە بىللە ھەرىكەت قىلىش مەسىلىلىرى قاراشتۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئاي ۋاقىت ئۆتمەيلا قازاقىستاننىڭ مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرتاي ئابىكايېف «ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق گۇرۇپپىسى تەركىپىدە 300 دىن ئوشۇق قازاقىستانلىقنىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىلگىرى رەسمىي ئورگانلار ھەم مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەشكىلاتتىكى قازاقىستانلىقلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى.
«تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «150 نەپەر قازاقىستانلىق ئاياللار "ئىسلام دۆلىتى" گۇرۇپپىسى تەركىپىدە جەڭ قىلماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ن. ئابىكايېف بۇ قازاقىستانلىقلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئايال كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش «قازاق جامائىتى» گە كىرىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئۇنىڭدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مەملىكەتلىرىگە شۇ تەشكىلاتقا جەلب قىلىنغۇچىلار قايتىپ كېلىپ، ياشلار ئارىسىدا رادىكال ئىدىيىلەرنى تەرغىب قىلىۋاتماقتا ھەم ئۇلارنى «ئىسلام دۆلىتى»گە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئەۋەتمەكتە، شۇنداقلا ئىنتېرنېتتا بېسىلىۋاتقان بەزى ماتېرىياللارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشلارنىڭ رادىكاللىشىش پاكىتلىرىمۇ ئورۇن ئالماقتا، بۇنىڭ بارلىقىدىن مەخسۇس بىخەتەرلىك ئورگانلار قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتماقتا ئىكەن.
قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگانى رەھبىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تەركىپىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مەملىكەتلىرىدىن تاشقىرى يەنە 80 دۆلەت ۋەكىللىرى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ھەرىكەت دائىرىسى بارا - بارا يەنىمۇ كېڭەيمەكتە. ئۇ، بۇ يۆنىلىشتە قىلىنىۋاتقان چارىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دۆلىتى»گە باغلىق سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىغا كېلىدىغان بولساق، بۇ يەردە بىزنىڭ پۇقرالارنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» بېسىۋالغان سۈرىيە ۋە ئىراق رايونلىرىغا كېتىشىگە يول قويماسلىق بويىچە ئىشلار يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. رۇسىيەدە بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنغا تېگىشلىك تۈزىتىشلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلدى. بىخەتەرلىك خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى پۇقرالار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشىنى يېنىكلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئەنە شۇنداق چارىلەر قازاقىستان ۋە ھەمكارلىقنىڭ باشقىمۇ دۆلەتلىرىدە قوللىنىلماقتا.» ئۇ، قازاقىستانلىقلارنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى بىلەن پەقەت ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىلا ئەمەس، بەلكى مەملىكەتنىڭ «تېررورلۇققا قارشى مەركىزى» ئىشىغا جەلب قىلىنغان باشقىمۇ مەملىكەت ئورگانلىرى ۋە شۇنداقلا دۆلەتلىك ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭمۇ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف مەزكۇر قازاقىستانلىقلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
- سۈرىيىدىكى توقۇنۇشلار تاماملىغاندىن كېيىن، ئەلبەتتە، ئەتە، يا ئۆگۈن ئۇلار تۈگەيدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ قازاقىستانلىقلارنىڭ يېنىپ كېلىشى تەبىئىي. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى جازالىماي، كۈتۈۋېلىش لازىم. ئۇلار بىلەن ياخشىلاپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەتەن سۈرىيىدە نېمىلەر يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئاخبارات يىغىش كېرەك. ئەمدى پوپۇزا قىلغان تەقدىردە ئۇلار، ئەلۋەتتە، قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇلار دايىم سەرگەردان بولۇپ يۈرىۋېرىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئەلنىڭ پۇقرالىرى بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئويلىشىمىز كېرەك. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئۇلار كىم بولىدۇ؟ يا ئىلگەركى ئىدىيىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قولىدىن قورالىنى چۈشەرمەيدۇ، يا بۇ يەردە ئۇلار ئۈچۈن يارىتىلغان شارائىتقا كۆنىدۇ. مەملىكەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى، ئىجتىمائىي سىياسەت شۇلارنىڭ پايدىسىغا ئىشلىشى لازىم.
غ. ئاگېلېئۇئوف شۇنداقلا ئەنە شۇ يېنىپ كەلگەنلەرنى ئىش بىلەن تەمىنلەش، مەملىكەت قانۇنلىرى ھېمايىسى ئاستىغا ئېلىش، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم كۆرسىتىش ئوخشاش چارىلەرنى كۆرۈشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00