قازاقىستاندا دەسلەپكى قېتىم «مىننەتدارلىق كۈنى» مەملىكەتلىك بايرام سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى ئاستانىدا بولغان قازاقىستان خەلق ئاسسامبىلېيىسىنىڭ 22 - مەجلىسىدە مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف «مىننەتدارلىق كۈنى» نى ئاتاپ ئۆتۈشنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆز نۇتقىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «كوللېكتىپلەشتۈرۈش يىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىدىن قازاقىستانغا 250 مىڭ نەپەر ئىگىلىكى مۇسادىرە قىلىنغان دېھقانلار پالاندى. ستالىن تۈزۈمىدە ھەر يىللىرى بىر تۈركۈم خەلقلەر، 800 مىڭ نېمىس، 102 مىڭ پولەك، شىمالىي كاۋكاز خەلقلىرىنىڭ 550 مىڭ ۋەكىلى، يىراق شەرقتىن 100 مىڭ كورېيان ئائىلىلىرى مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن قازاق ئائىلىلىرى ئۆزلىرى بەك ئېغىر نامراتچىلىقتا بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۆيلىرىگە قوبۇل قىلدى.»

مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىدا بولسا، دۆلەت رەھبىرى 1 - مارتنى «مىننەتدارلىق كۈنى» سۈپىتىدە بايراملاش ھەققىدە ئۆز قارارىنى ئىمزالىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتكۈل قازاقىستان بويىچە 1 - مارتتا بۇ بايرام دەسلەپكى قېتىم ئاتاپ ئۆتۈلدى.

جۈملىدىن، ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە مىننەتدارلىق كۈنىگە بېغىشلانغان «مېنىڭ قازاقىستانىم» تېمىسىدا فېستىۋال ئۆتتى. ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان ئالماتا شەھىرى ھاكىمنىڭ ئورۇنباسارى ئارمان قىرىقبايېف قازاقىستاندا 130 دىن ئوشۇق مىللەتلەرنىڭ بىر خەلق سۈپىتىدە مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇۋاتقانلىقىنى، مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا رازىمەنلىك، دوستلۇق، مىللىي بىرلىك ۋە باشقىمۇ قەدرىيەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق مېھمانلارنى بۇ بايرام بىلەن تەبرىكلىدى. ئۇنىڭدا جۇمھۇرىيەتلىك ۋە شەھەرلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆزگە چىقىپ، بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى. فېستىۋال دائىرىسىدە كىتاب كۆرگەزمىسى، «بىر دۆلەت، بىر ئائىلە» تېمىسىدا فوتو - كۆرگەزمە، «مىللىي بىرلىك، مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا رازىمەنلىك» تېمىسىدا رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى فېستىۋال ئىشتراكچىلىرى كونسېرت پروگراممىلىرىنى، مىللىي تائاملار ۋە كىيىملەر، مىللىي تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە باشقىمۇ ساھەلەر بويىچە كۆرگەزمىلەرنى قويدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېف قازاقىستاننىڭ ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن مىللەتلەر ئۈچۈن ئىسسىق ماكانغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن، تارىخقا نەزەر تاشلىساق، 1930 - ۋە 37 - يىللىرى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنارلىق بولدى. كاۋكاز خەلقلىرى، نېمىسلار، گرېكلار، كورېيەلىكلەر مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، قازاقىستانغا ئورۇنلاشقان. بۇ ۋاقىتتا قازاق خەلقىمۇ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇلار سىرتتىن كەلگەنلەرگە قوينىنى ئېچىپ، قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى كۆرسەتتى. مانا شۇ ئەۋلادنىڭ بۈگۈنكى ۋەكىللىرى قازاق خەلقىگە، قازاق يېرىگە، قازاق پرېزىدېنتىغا چوڭ رەھمەتلىرىنى ئېيتماقتا.»

ز. قۇرۋانباقىيېف شۇنداقلا بۇ بايرامنىڭ قازاقىستاندا ئۇزۇندىن بۇيان نىشانلىنىپ كېلىۋاتقان رەسمىي بايراملاردىن ھېچ قېلىشمايدىغانلىقىنى، قازاق خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ھەر بىر كىشىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يەتتىسۇ تەۋەسىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چىن قەلبىدىن قازاق خەلقىدىن رازى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىننەتدارلىق بايرىمى شۇنداقلا قازاقىستاندىكى قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك مەكتەپلىرىدىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنىڭ قانداق شەكىل ۋە مەزمۇندا ئۆتكەنلىكى ھەققىدە، مەسىلەن، ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى قاراتۇرۇق ئوتتۇرا مەكتىپى مۇدىرىنىڭ تەربىيە ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى گۈلىنۇر باقىيېۋا مۇنداق دېدى: «بىز، ئۇستازلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار مىننەتدارلىق كۈنىنى چوڭ پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزدۇق. ئوقۇغۇچىلار ئاتا - ئانىلارغا، مەكتەپتىكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئانىلارغا، ئۇستازلارغا كونسېرت ئۇيۇشتۇردى. مەكتەپتە ئىنسانى بالىسىغا قانداق ۋە كىملەردىن ياخشىلىق كېلىدىغانلىقى ھەققىدە رەسىملەر تاختىسى چىقاردۇق. 1 - ۋە 4 - سىنىپلارغا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدا شېئىرلار، ناخشىلار ئارقىلىق ئۇستازلىرىغا، ئاتا - ئانىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى. 5 - ۋە 11 - سىنىپلار ئارىسىدا چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا بىلىم بۆلۈمىدىن، ھاكىمچىلىقتىن مېھمانلارنى چاقىردۇق. ئۇنىڭدا مىللىي ناخشا - ئۇسسۇللار كۆرسىتىلىپ، مەملىكىتىمىز پرېزىدېنتىغا، خەلقىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى.»