قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھەقىقەتەن ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەشكە يول ئاچتىمۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف قازاقىستاندا رەسمىي سەپەردە بولۇپ، ئاستانادا مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى بۇ قوشنا مەملىكەتلەر ئارىسىدا چېگرا ۋە چېگرىداش رايونلاردىكى سۇ مەسىلىسىدە، شۇنداقلا ئۆزبېكىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قازاق پۇقرالىرى مەسىلىسىدە بەزى سۈركىلىشلەر يۈز بېرىپ تۇرغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىق، شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر ئىتتىپاقىغا ئىشتىراك قىلىش مەسىلىلىرىدىمۇ بۇ ئىككى مەملىكەت بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان پوزىتسىيىلەرنى تۇتۇپ كەلدى. ئۆزبېكىستان رەھبىرىنىڭ ئاستاناغا كېلىشىدىكى سەۋەب نېمىدە؟

«نېزاۋىسىمىيا گازېتا»دا ئېلان قىلىنغان ۋىكتورىيا پانفىلوۋانىڭ «تاشكەنت ۋە ئاستانا رىقابەتچىلىكتىن ھەمكارلىققا ئۆتمەكتە. كەرىموف ۋە نازاربايېف ئۆز ئەللىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۆز ھۆددىلىرىگە ئالدى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر سەپەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئومۇمى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇ جۈملىدىن رۇسىيەنىڭ غەرب ۋە ئا ق ش بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشى ھەم شۇنداقلا رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن پوزىتسىيىلەرنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەتتۇر.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بەزى تەخمىنلىرى بويىچە شۇنداقلا، ئى. كەرىموف ئاساسىي جەھەتتىن يېقىندا ئۆزبېكىستاندا ئۆتىدىغان پارلامېنتلىق ۋە پرېزىدېنتلىق سايلاملارنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، رايوندىكى مۇقىملىق مەسىلىلىرىدە نازاربايېفنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە كەلگەن بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ بېسىمى ئۈزمۇ-ئۈز شەكلىدە ئۆتكەن. ژۇرنالىستلار بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ن. نازاربايېف مۇنداق دېگەن: «شۇنى خۇشاللىق بىلەن تەكىتلەشكە بولىدۇكى، بىزنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىمىز بىر-بىرىگە ماس كېلىدۇ. بۇ مەسىلە رايوننىڭ سۇ مەسىلىسىگە ئائىت بولۇپ، بۇ ھاياتىي مەسىلىدىكى ھەمكارلىق پەقەت ئۆز-ئارا ئىشەنچ ئاساسىدىلا بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ رايوندا ھەمكارلىشىۋاتقان بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوچۇق تۈردە ھېسابقا ئېلىشنى تەمىنلىشىمىز ھاجەت. بىز قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز خەلقلىرىنىڭ ھەم مەملىكەتلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدىكى مەسىلىلىرى بويىچە ئۆز-ئارا بىرلىشىپ نەتىجىلىك ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىنى ھەم ھەرىكەت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىدۇق.» ئۆز نۆۋىتىدە، ئى. كەرىموف ن. نازاربايېفنىڭ دانىشمەنلىكىنى ۋە زىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۆتكەن يىلى ئىمزالانغان ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك شەرتنامىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ئازادلىق» رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «كەرىموف ۋە نازاربايېف ئامۇ دەرياسى ۋە سىر دەريادا گىدرو ئېلېكتر ئىستانسىيىسىنى سېلىش بويىچە بىر پۈتۈن پوزىتسىيەنى ئېگىلىگەنلىكىنى تەستىقلىدى» ۋە «نوۋوستى-كازاخستان» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېسىلغان «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان خەلقئارا تېررورچىلىق ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى» دېگەن ماقالىلەردە تەكىتلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ مەزكۇر دەريالارنىڭ باش تەرەپلىرىدە گىدروتېخنىكىلىق ئىنشائاتلارنى قۇرۇش بويىچە كېلىشىمگە كەلگەن. ئۇلار شۇنداقلا ئۆز-ئارا سىياسىي مۇناسىۋەت، سودا-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدىن تاشقىرى يەنە ئۇكرائىنا، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى. قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇزاكىرىدە خەلقئارا دائىرىدە بىر-بىرىنى قوللاش، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيادىكى ئۆز-ئارا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىشەنچ چارىلىرى بويىچە شەرتنامە، ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى دائىرىسىدە بىللە ئىشلەش ۋە خەلقئارا تېررورچىلىق ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش مەسىلىلىرىمۇ قارالغان.

«لىتېر» گېزىتىدىكى «نۇرسۇلتان نازاربايېف: بارلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ بىرلەشكەن ئىشىغا باغلىق» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتچىلىك ھەققىدە توختالغان ئى. كەرىموف مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان توغرىلىق سۆز قىلساق، ئۇ چاغدا بۇ يەردە رىقابەتچىلىك يوق ھەم يېقىنقى ئارىدىمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭ بىرلا سەۋەبى بار، بىزدە شارائىت تامامەن ھەر خىل ۋە بىز پۈتۈنلەي ھەر خىل قېزىلما بايلىقلارغا ھەم پۈتۈنلەي ھەر خىل تەبىئەت ۋە باشقىمۇ مەنبەلەرگە ئىگە». ن. نازاربايېف بولسا، ئۆزبېكىستانغا رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىك سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان -رايوندىكى تىنچلىقنى، بىخەتەرلىكنى، سودا ۋە پاراۋەنلىكنىڭ ئۆسۈشىنى تەمىنلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەملىكەتلەردۇر... ئۆزبېكىستان -بىزنىڭ رايوننىڭ ئەڭ چوڭ مەملىكىتى... بىز رايوننىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ، بىخەتەرلىكىنىڭ ۋە بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى گۈللىنىشىمىزنىڭ كۆپىنچە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ۋە بىر پۈتۈن پوزىتسىيىسىگە باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.»