قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان: رىقابەتچىلەرمۇ ياكى شېرىكلەرمۇ؟

0:00 / 0:00

يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قازاقىستاندا رەسمىي سەپەردە بولۇپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش يولىدا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش بويىچە بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ تەخمىنلىرى بويىچە، بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئوخشاشلىق ۋە پەرىقلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ قىيىن بولۇۋاتماقتا ئىكەن. يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئاخبارات-ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ۋلادىمىر پارامونوف ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان: رىقابەتچىلەرمۇ ياكى شېرىكلەرمۇ؟» دەپ ئاتالغان ماقالىسىدە ئۆزبېكىستانلىق ۋە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسنىڭ مۇشۇ ماۋزۇغا بېغىشلانغان قاراشلىرىنى بەرگەن ئىدى.

ئۆزبېكىستانلىق مۇتەخەسسىس، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ نامزاتى خەيرۇللا ئۆمەروف بەزى نەشرلەرنىڭ بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى رىقابەتچىلىكى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشلىرىنى يوققا چىقىرىپ، مۇنداق دېگەن: «...ئۆزبېكىستانمۇ، قازاقىستانمۇ بۇنىڭغا ئىنتىلمىگەن، بىر-بىرىگە قارشى بىرلەشمە يا ئىتتىپاقلارنى قۇرمىدى، شۇنداقلا بىرى-بىرىگە بېسىم كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي چارىلەرنى ئىشلەتمىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ھەم ئۆزبېكىستان، ھەم قازاقىستان دائىم بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ھېسابقا ئالماقتا، قازاقىستان ئۈچۈن-رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش ئىككى گىگانتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇش، ئۆزبېكىستان ئۈچۈن بولسا-ئافغانىستانغا ئوخشاش مۇقىمسىزلىق ئوچىقىغا يېقىن بولۇش. خ. ئۆمەروف بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىرىنچى نۆۋەتتە، بۇ رايون مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىي-ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، يەنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىش، مىنىستىرلىقلار، ئىدارىلەر يۇقىرى دەرىجىدىكى تىجارەت ۋەكىللىرىنىڭ، جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە ئالىملارنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ھاجەتلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا سۇ مەسىلىسى، ئېنېرگىيە ساھەسى، تېررورچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىش مەركىزى ۋە باشقىمۇ يۆنىلىشلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھەمكارلىق بۆلۈملىرىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس ئېركىن بايداروف قازاقىستاننىڭ سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەمدى ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاچقۇچلۇق مەملىكەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى مەدەنىي، دىنىي ھەم ئىنسانىي ئەنئەنىلەرنىڭ بىرىكتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا يېقىنچىلىق قانچىلىك بولسا، قىيىنچىلىقلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. مۇنداق قىيىنچىلىقلار، ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان بولۇپ، كۆپلىگەن قازاقىستانلىق ئانالىزچىلارنىڭ ئۆزبېكىستاننى يېپىق مەملىكەت دەپ سانايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇتەخەسسىس ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىدە، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ۋە تۆمۈر يول ئالاقىلىرىدە، چېگرا ۋە تاموژنا، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىمۇ ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى يوشۇرماي مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جامائەتچىلىكى قازاقىستاننىڭ بۇ رايوندىكى سۆزسىز لىدېر ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلماقتا. بۇنى بىز خالايمىزمۇ، يا خالىمايمىزمۇ، بىرسىگە ياقامدۇ، يا ياقمامدۇ، ئەمما پاكىت پاكىت بويىچە قالىدۇ. قازاقىستان بۇ رايوندىكى بىرلىشىش ئىدىيىلىرىنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئاقىۋەتتە، ئۆزبېكىستاننىڭ پوزىتسىيىسىگە تاقىشىپ قېلىۋاتماقتا.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ئاندرېي چېبوتاريېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.