23-ئاۋغۇستتا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ مەجلىس زالىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. يىغىن ئىككى قىسىمدىن، يەنى قازاقىستان پارلامېنتى مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ يىگىت باشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ تەشكىلىي مەسىلىلىرىنى قاراشتىن تۈزۈلگەن. يىغىنغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدىن كەلگەن يىگىت باشلىرى بولۇپ 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىشكەكتىن كەلگەن مېھمانلار، قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموف باشلىق ۋەكىللەرمۇ بار.
دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان پارلامېنتى مەجلىسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئىلگىرى سۈرگەن «قازاقىستان-2050: دۆلەتنىڭ يېڭى سىياسىي يولى» ئىستراتېگىيىسى، «مەڭگۈلۈك ئەل» مىللىي ئىدىيىسى، «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» ناملىق ماقالىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشلار، مىللەتلەر دوستلۇقى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتى يارىتىۋاتقان شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، مىللىي مائارىپنى، مەدەنىيەتنى، ئەدەبىياتنى، سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شاھىمەردان نۇرۇموف ئانا تىلنى، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ، 5-سېنتەبىرگىچە بالا توپلاشتا ۋە ئاھالىلەر ئارىسىدا بۇ ھەقتە تەشۋىق قىلىشتا يىگىت باشلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان ئالمۇتا شەھەرلىك ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف بۈگۈنكى كۈندە مىللىي مائارىپنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان گىمنازىيەنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختالدى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ يېڭى رەئىسىنى سايلاش مەسىلىسى قاراپ چىقىلدى. بۇ لاۋازىمغا بىر نەچچە نامزات كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىر ئېغىزدىن يارمۇھەممەت كىبىروفنى جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى.
يارمۇھەممەت كىبىروفنىڭ ئېيتىشىچە، جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت بېشى كېڭىشى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى رەئىسلىكىگە مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف سايلانغاندىن بۇيان يىگىت باشلىرى نەزىر-چىراغ ۋە توي-تۆكۈنلەرنى باشقۇرۇشتىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش، گېزىتلەرگە مۇشتەرى توپلاش، ئۇيغۇر تىياتىرىغا بىلەت تارقىتىش، ئەھۋالى ئېغىر ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا كۆپ مەھەللىلەرنى، چارىن، چاپاي دېگەن مەھەللىلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەندە ھەر بىر يۇرتتىن پۇللارنى يىغىپ ياردەم قىلدۇق. چاپاينى سۇ باسقاندا بىز مىللىتىگە قارىماي، ھەر بىر ئۆيگە كىرىپ، ئۇلاردىن ‹نېمە قىلىپ بېرەيلى؟› دەپ سورىدۇق. قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياردەم بەردۇق. خەلق ‹ھۆكۈمەتتىن بۇرۇن، ھېچ قايسىسى ئويلىمىغان ئىشنى سىلەر ئۇيغۇر يىگىت باشلىرى قىلىپ، ئېھتىياجىمىزدىن چىقتىڭلار› دەپ رەھمەت ئېيتقان ئىدى. ئۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ.»
يارمۇھەممەت كىبىروفنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر يىغىندا ئاساسىي گەپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ھەققىدە بولغان بولۇپ، سۆزگە چىققانلار قانداق قىلسا ئانا تىلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن. ئۇ پارلامېنت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭمۇ ئەنە شۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يىگىت باشلىرى قانداق ئىشلارنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ؟
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق گۈلدالا يېزىسىنىڭ باش يىگىت بېشى ئازاد قۇربانوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەقىقەتەنمۇ ئانا تىلى ۋە ئانا تىلدىكى مەكتەپ مەسىلىسى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالماقتا ئىكەن. ئۇ باشقۇرۇۋاتقان گۈلدالا يېزىسىدا 500-600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى ياشاۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ سانى باشقا يېزىلاردىن كۆچۈپ كېلىۋاتقانلار ھېسابىغا يەنىمۇ كۆپەيمەكتىكەن. بۇ يېزا مەكتىپىدە 1000 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بىلىم ئېلىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ 270 نەپىرىنىڭ ئانا تىلدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، كۆپچىلىكتە سوۋېت دەۋرىدىن كېلىۋاتقان رۇسپەرەسلىك چۈشەنچىسىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مۇستەقىللىقتىن بۇيان ئۇيغۇر سىنىپلىرى سانى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز ھەر قانداق مۇراسىملاردا بىرىنچى بولۇپ شۇ مەسىلىنى قويدۇق. بولۇپمۇ خانىم-قىزلار بۇنىڭغا كۆپ ئارىلاشتى، چۈنكى ئۇلار ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆز سۆزىدە تۇرىدۇ. بىزگە قازاقىستان ھۆكۈمىتى شۇنچىلىك ئىمكانىيەتلەرنى بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن پايدىلىنايلى دەيمىز. مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. كوچىلارنى ئارىلاپ، ئانا تىلىدا سۆزلەشكە، ئوقۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمىز.»
ئازاد قۇربانوف بۇ يىلىمۇ تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، 1-سىنىپقا كەلگەنلەر سانىنى 20 دىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ماختىغۇدەك ئەمەسلىكىنى، ئەمما ھەممە ئىمكانىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدىغان تەشكەنساز، قاراتورۇق، چوڭ ئاقسۇ يېزىلىرىدا رۇس تىلىدىكى 1-سىنىپقا كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى ھەر قايسى سىنىپلاردا 70 تىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى تولدۇرۇش قىيىن بولماقتىكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى قورام يېزىسىنىڭ باش يىگىت بېشى قۇربانجان ئىسلاموفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەممە ئىش بىرلىكتە، يەنى يىگىت باشلىرى، مەدەنىيەت مەركىزى، خانىم-قىزلار، مۇئەللىملەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىدا ئىكەن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قورام يېزىسىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ناھايىتى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، پەقەت تەشۋىقات ئىشلىرىنى كۈچەيتكەندىلا ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز توي-نەزىرلەردە تەشۋىق قىلىۋاتىمىز. بۇ يىل ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاز بولۇپ قالغانلىقتىن يۇرتقا قاتتىقراق ئېيتىپ، چۈشەندۈردۇق. بالىلارنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاڭلار دەپ ئېيتىۋاتىمىز. چۈشەنگەنلەر بىز تەرەپكە ئۆتۈۋاتىدۇ. ھازىر 1-سىنىپقا 26 ئادەم يىغىلىپ قالدى. تەييارلىق سىنىپىغىمۇ كېلىۋاتىدۇ. ياش بالىلىرىمىز ئۇلارغا ماددىي ياردەم بېرىۋاتىدۇ. تەشۋىقات قىلمىسا، بولمايدىكەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، 2018-يىللىق ھۆكۈمەت سانىقى بويىچە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 265497 كىشىگە يەتكەن. ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ساپ ئۇيغۇر تىللىق ۋە ئارىلاش، يەنى قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىق مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى 15 مىڭغا يېقىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ سانى ئايرىم يېزىلاردا ھەقىقەتەنمۇ تۆۋەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تەشۋىشلەندۈرمەكتىكەن. نۆۋەتتە ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپ ئىشلار يۈرگۈزۈلمەكتىكەن. ئالمۇتا شەھىرىدە ئۈچ ئۇيغۇر مەكتىپى بار بولۇپ، ئۇلار دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسى، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسۇم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ گىمنازىيەسى ئىكەن. 153-مەكتەپ گىمنازىيەسىگە ھەر يىلى 1-سىنىپقا 100دىن ئوشۇق، تەييارلىق سىنىپىغا 100 گە يېقىن ئۇيغۇر بالىسى ئوقۇشقا كېلىدىكەن. مەزكۇر مەكتەپلەر شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، مەكتەپ تاماملىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئالماقتىكەن.