مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ھەقتە توختالدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا 26-ئاپرېل كۈنى، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا تەييارلىقلار قىزغىن كېتىپ بارماقتا. يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسى 2015-يىل 26-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ نۆۋەتتىن تاشقىرى سايلىمىغا تەييارلىق قىلىش ۋە سايلام ئۆتكۈزۈش بويىچە ئاساسىي چارە-تەدبىرلەرنىڭ كالېندارلىق پىلانىنى تەستىقلىدى.

پرېزىدېنتلىققا نامزادلارنى كۆرسىتىش 26-فېۋرالدا باشلانغان بولۇپ، 15-مارتتا ئاياغلاشماقچى. قازاقىستان قانۇنى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان جۇمھۇرىيەتلىك ئىجتىمائىي بىرلەشمىلەر ۋە پۇقرالار ئۆزلىرىنى نامزادلىققا كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. سايلىغۇچىلارنىڭ پرېزىدېنت نامزادلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلىشى ئۇلارنىڭ ئىمزاسىنى توپلاش ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئىمزالار سانى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋە ئاستانا ھەم ئالماتا شەھەرلىرىنىڭ كەم دېگەندە ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا ئوخشاش ۋاكالەتلىك قىلىدىغان سايلىغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ بىر پىرسەنتىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. پرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغان كىشى مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسىنىڭ ھېساباتىغا 1 مىليون 60 مىڭ تەڭگە مىقدارىدا سايلام بەدىلىنى تۆلىشى ھاجەتتۇر.

كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2-مارتتىن 9-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا 14 ئادەم ئۆز نامزادلىرىنى كۆرسىتىشكە ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، تۈرلۈك سەۋەبلەرگە ئاساسەن مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان. ئەمدى بۈگۈن، 11-مارتتا، ئاستانا شەھىرىدە مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ رەئىسلىكىدە «نۇر ئوتۇن» پارتىيىسىنىڭ 16-قۇرۇلتىيى باشلاندى. ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان مەزكۇر قۇرۇلتايدا پرېزىدېنتلىق سايلامغا نازاربايېفنىڭ نامزاتلىقى كۆرسىتىلدى.

جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مۇددەتتىن ئىلگىرىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى: مۇتەخەسسىسلەر پىكرى» ناملىق ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2015-يىلى 26-فېۋرالدا قازاقىستان ئىجتىمائىي سىياسىي تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتى مەملىكەتنىڭ بارلىق رايونلىرىدىن ئىقتىسادچىلار، سىياسەتشۇناسلار، جەمئىيەتشۇناسلار، ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان 76 مۇتەخەسسىسنىڭ مۇددەتتىن ئىلگىرىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا باغلىق پىكىرلىرىنى سوراپ بىلگەن. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بويىچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 93 پىرسەنتى «مۇددەتتىن ئىلگىرىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى مۇھىم»، 92 پىرسەنتى « ۋاقىت تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ»، 95 پىرسەنتى « سىياسىي جەھەتتىن توغرا»، 94 پىرسەنتى «ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىتتا زۆرۈر»، 94 پىرسەنتى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق»، 98 پىرسەنتى «شەخسەن مەملىكەت ۋە خەلق مەنپەئەتلىرىگە مۇۋاپىق» دەپ ھېسابلىغان.

ئۇلارنىڭ 98 پىرسەنتى بولسا، دۆلەت رەھبىرىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنى 2015-يىلىغا يۆتكەش قارارىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن.

پرېزىدېنتلىققا ئۆز نامزادلىقىنى كۆرسەتكەن بۇ 14 ئادەمنىڭ دەرىجىسى قانداق؟ ئۇلار مۇنداق چوڭ ۋەزىپىگە ئۆز نامزادلىرىنى كۆرسىتىشكە لايىقمۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان « ئالتېرناتىۋا » كېلەچەك تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاندرېي چېبوتاريېف ۋە سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.