قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرگەنلىكى توغرىلىق قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى روبېرتو ئازېۋېدو ئۆزلىرىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن مەجلىسىدە رەسمىي جاكارلىغان بولسىمۇ، قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە بىرەر سالماقلىق ئىنكاسنىڭ بولمىغانلىقى بايقالماقتا. ھازىر قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدا بۇ توغرىلىق كۆپلىگەن سوئاللار تۇغۇلماقتا. مەسىلەن، قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى ئاددىي قازاقىستانلىقلارغا ئېنىق نېمە بېرىدۇ؟ باھالار ئەرزانلامدۇ، يا قىممەتلەمدۇ؟ چەتئەل تاۋارلىرى قازاقىستانلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرەلەمدۇ؟ قازاقىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىشىدىن كىم ئۇتىدۇ، كىم ئۇتتۇرىدۇ؟
تونۇلغان قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس، «فىنپوترېبسويۇز» باشقارمىسىنىڭ رەئىسى ئايدار ئالىبايېف «سېنترال-ئاسىيا مونىتور» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ، ئۇتتىمۇ يا ئۇتتۇردىمۇ؟» ناملىق ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى: «كۆپتىن بېرى كۈتكەن قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى ئەمەلگە ئاشقاندەك. مېنىڭ ئويۇمچە، بۇ ھەم مەملىكەت ھەم ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىنتايىن جىددىي ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان مۇھىم قاراردۇر. بىراق، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھېچقانداق بىر مۇنازىرىلەرنىڭ، ھېچقانداق بىر جانلىنىشنىڭ ياكى خۇشاللىقنىڭ بولماسلىقى ھەيران قالارلىق. شۇنچە يىل كۈتۈشلەردىن كېيىن، بىرەر قىلىنغان ئۈنۈملۈك ئىش ۋە غەلىبىلىك نەتىجىگە يەتكەنلىك سېزىلمەيدۇ. مۇبادا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن بىرەر روشەن ۋە سېزىلەرلىك پايدا بولغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋاپپەقىيىتى ھەققىدە بىزنىڭ قۇلىقىمىزنى يەپ بولغان بولار ئىدى. ھە، ھازىرچە جىمجىتلىق. ئالىي مەنسەپدارلار سۈكۈت قىلماقتا.»
ئا. ئالىبايېفنىڭ پىكرىچە، بۇ مەسىلىدە كۆپلىگەن چۈشەنمەسلىكلەر، ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت بولۇپ، يا ھۆكۈمەت باشلىقى، يا ئۇنىڭ ئورۇنباسارلىرى، يا سودا، مالىيە ياكى ئىقتىساد مىنىستىرلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئۆتۈشتە مەملىكەتنىڭ قانداق بىر ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىر ئالغانلىقى توغرىلىق خەلققە ھېچنەرسە چۈشەندۈرمىگەن. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستان ئۈچۈن ھەم ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ، ھەم دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن نېمىلەرنى كۈتۈشكە بولىدىغانلىقى، مۇنداق چوڭ بىر تەشكىلاتلارغا قازاقىستاننىڭ ئەزا بولۇشى لازىممۇ ياكى لازىم ئەمەسمۇ ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز ئويلىرىنى بىلدۈرۈپ، خۇلاسىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئىجابىيلىق كۆپ بولامدۇ، يا سەلبىيلىك كۆپ بولامدۇ، بۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدىغانلىقىنى، باشقۇرۇشنىڭ كونا ئۇسۇللىرى بىلەن ياخشى نەتىجىلەرگە يېتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور شېرىپجان نادىروف بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنىڭ شەخسەن پىكرىم، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا، يا بولمىسا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەزالىرى تېخى بۇنىڭغا تەييار ئەمەس. سەۋەبى، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتىن بىز ئاساسەن خام ئەشيا چىقىرىدىغان مەملىكەت. ئۇنداق مەملىكەتلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە پايدا كۆرمەيدۇ، سەۋەبى باھانى ناھايىتى تەرەققىي ئەتكەن مەملىكەتلەر ئىگىلەيدۇ، شۇلارنىڭ يولى، شۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىسى بىلەن تەرەققىيات بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك. بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي زاپىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى باشقا مەملىكەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. تېخنولوگىيە تەرەپتىن ۋە ئىقتىساد ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچلىرى تەرەپتىن بىز ناھايىتى تۆۋەندە تۇرىمىز.» ش. نادىروف شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي بېسىمىنىڭ قازاقىستانغا قاتتىق تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ مەقسەتلىرى، ئىستراتېگىيىلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىلەن ماسلاشمايدۇ. ئارىسىدا زىددىيەت چىقىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى، يەنى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغ يىپەك يولى نەزەرىيىسى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ مەقسەتلىرى، ئىستراتېگىيىلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشسا، ئۇلار ئومۇمەن غەرب دۆلەتلىرى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۆز ئالدىغا قويغان ئىستراتېگىيىگە ماسلاشمايدۇ.»