قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ يۈگۈرۈش، پۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكېتبولغا ئوخشاش ئەڭ ئومۇملاشقان تۈرلىرى بىلەن بىر قاتاردا چېلىشىش، ئەركىن مۇشتلىشىش، كاراتې ۋە باشقىلارمۇ تەرەققىي قىلماقتا. تەنھەرىكەتنىڭ بۇ تۈرلىرى بويىچە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن جۇمھۇرىيەتلىك، ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، ئايات ئىلياخۇنوف، ھېمىت توختاخۇنوف، زاكىر توختىيېف، غوپۇر توختىيېف ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا ھەم خەلقئارادا يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇلارنى تەربىيىلەشتە شەھەر ۋە يېزىلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرى ئالاھىدە رول ئوينىماقتا. شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «فرەئە سپاررىڭ» تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى بولۇپ، ئۇنى ھازىر تەنھەرىكەتنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ماھىرى ھېمىت توختاخۇنوف باشقۇرىدۇ.

ھېمىت توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، «Free Sparring» تەنھەرىكەت كۇلۇبى قازاقىستان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن كۇلۇبى بولۇپ، ئۇ 1998-يىلى ئېچىلغان. مەزكۇر كۇلۇبنىڭ پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىنى بىر نەچچە يىل مابەينىدە ئايات ئىلياخۇنوف ئاتقۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ھازىر ئامېرىكادا ئىستىقامەت قىلماقتا. پەقەت كېيىنكى يىللاردىلا مەزكۇر كۇلۇب ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىدىن بولغان كۆپلىگەن تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيىلەپ چىقتى. شۇلارنىڭ بىرى ئەزىز ھېزباقىيېف كەسپىي بوكس بويىچە ھازىر ئامېرىكانىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە مەشىقلىنىپ، مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقتا. تەنھەرىكەتنىڭ باشقا تۈرلىرى بويىچە شۇنداقلا شۆھرەت خۇدايبەردىيېف، راسۇل ئىلياسوف، رېنات قۇربانوف ۋە باشقىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىدىن زور ئۈمىد كۈتۈلمەكتە.

ھېمىت توختاخۇنوف كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا بۇ ئىككى مەملىكەت چېگراسىدىكى «قورغاس» خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىدە ئۆتكەن كىكبوكسىڭ، يەنى بوكىسنىڭ تېپىش ۋە مۇشلىشىش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتايدا كەسپىي بوكس ھەم كەسپىي كىكبوكسىڭ ناھايىتى ياخشى تەرەققىي ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلار ئاسىيانىڭ سەككىز مەملىكىتىدىن، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقىلاردىن ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچىلەرنى يىغىپ، بىر سالماقتىكى تەنھەرىكەتچىلەر ئارىسىدا ئىككى ياكى ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىدۇ. بىرىنچى قېتىم بارغىنىمىزدا بىز تايلاندتىن يېڭىلىپ قالدۇق. مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكەن مۇسابىقىدە مېنىڭ شاگىرتىم رېنات قۇربانوف خىتاي تەنھەرىكەتچىسىنى يېڭىۋالدى. بۇ بالىمىزدىن ئۈمىدىمىز چوڭ. ئۆتكەن يىلى خىتاي تەرەپ ئۈرۈمچىدە، خوتەندە بىر نەچچە مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزدى. شۇلارغىمۇ قاتنىشىپ، بىزنىڭ بالىلىرىمىز ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسەتتى»

1990-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن رېنات قۇربانوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بوكس ساھەسىدە باشلىغان يولىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مەن بوكسقا قاراتۇرۇقتىكى مەكتەپتە بىرىنچى ترېنېر بولغان روزىيېف نۇرەخمەتنىڭ قولىدا 6-سىنىپتا تەربىيە ئالدىم، 9-سىنىپقىچە ناھىيىلىك، ئوبلاستلىق مۇسابىقىلەرگە چىقتىم. رېسپۇبلىكىلىق مۇسابىقىلەردە بىرىنچىلىكنى ئالدىم. ئاندىن ئالماتاغا كېلىپ، مۇشۇ كۈنگىچە ھېمىت ئاكىنىڭ قولىدا مەشىقلىنىۋاتىمەن. قازاقىستان بويىچە بىر نەچچە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم».

ر. قۇربانوف ئۆزىنىڭ مۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىشىدە بولۇپمۇ ترېنېرلىرى نۇرەخمەت روزىيېف ۋە ھېمىت توختاخۇنوفلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ دائىم ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رېنات قۇربانوف ھازىر كىكبوكسىڭ بويىچە قازاقىستان كەسپىي كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ئەنە شۇ كوماندا تەركىبىدە قورغاستا ئۆتكەن مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ، غەلىبە قازاندى. رېنات قۇربانوف بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشنى مەقسەت قىلماقتا.