مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان دائىرىلىرى تېررورلۇققا زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىر قىسىم گۇماندارىنى سوتلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا سۈرىيەدە جەڭ قىلىپ قايتىپ كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناسلار، قازاقىستاندا چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئەسكىرىي ۋە ئىدېئولوگىيە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئايرىم شەخسلەر بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ رەسمىي گۇرۇھ بولۇپ شەكىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلار يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تېررورچى تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قازاقىستانلىقلارنى دەرھال جازالاشقا ئالدىرىماي، ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى دەلىللىشى كېرەكلىكنى، شۇنداق بولغاندا دۆلەتكە جىق بېسىم كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى چىمكەنت شەھىرىدە تۆت تېررورچى سوتلاندى.
قازاقىستاندىكى «تېنگرىنيۇس»، «نۇر. ئۆز» ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار، 2011-يىلنىڭ ئۆكتەبىردىن، 2013-يىلى نويابىرغىچە جەنۇبىي قازاقىستان ۋىلايىتىدە تېررورچىلىقنى تەشۋىق قىلغان، تېررورلۇق گۇرۇپپا تەشكىل قىلغان ھەم ئۇنى باشقۇرغان، تېررورلۇق ھەرىكەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ھەم ئۇنىڭغا باشقا ياردەملەرنىمۇ كۆرسەتكەن، شۇنداقلا سۈرىيە تېررىتورىيىسىدە تېررورلۇق گۇرۇپپا پائالىيىتىگە ھەم تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان.
مەزكۇر سوتلانغانلار قازاقىستان جىنايى ئىشلار نىزامنامىسىنىڭ بىر نەچچە ماددىلىرى بويىچە ئەيىبلىنىپ، ھەر خىل مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەنكى يىلى مۇنداق ئەيىب بىلەن 50 تىن ئوشۇق ئادەم سوتلانغان بولسا، 2012-يىلى ئۇلارنىڭ سانى 127 گە يەتكەن ئىدى. تېررورچىلىقچھ قاتناشقانلارنىڭ كۆپچىلىكى مەملىكەتنىڭ غەربىي رايونلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار «سالافىزىم» رادىكال ئىدىيىلىرىنى ھەمدە ئافغانىستان، پاكىستان، شىمالىي كاۋكاز ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشنى تەرغىب قىلغان.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان جىنايى ئىشلار نىزامنامىسىگە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستاننىڭ سىرتىدىكى ھەربىيلەشتۈرۈلگەن قىسىملارغا قاتناشقانلىقى، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق تەييارلىقتىن ئۆتكەنلىكى، شۇنداقلا چەتئەلدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئىشتىراك قىلغانلىقى ۋە باشقىلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش ماددىلىرىمۇ بار.
قازاقىستاندا بۈگۈنكى كۈندە تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى كۈچلەر بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى مەۋجۇتمۇ؟ قازاقىستانلىقلار قايسى مەملىكەتلەردىكى تېررورلۇق ياكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ؟
سۈرىيەدىن قايتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولماقتا؟
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئاندرېي چېبوتاريېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئا. چېبوتاريېف سۆھبىتىمىزدە قازاقىستان دائىرىلىرى ۋە قازاقىستان جەمئىيىتى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ 2011-يىلى يۈز بەرگەنلىكىنى، كېيىنرەك ھاكىمىيەتنىڭ مۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلارغا قارىتىلغان جازالاشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، ھەتتا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى ئۆز ئورنىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈش قارار قىلىنغانلىقىنى، مۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپمۇ 2012-ۋە 2013-يىللاردا پات-پاتلا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ، ئۆتكەن يىلى ئاستانا شەھىرىدە ئەنە شۇنداق چوڭ سوت مەجلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەيىبلەنگۈچى گۇرۇپپىنىڭ ھەتتا شەھەردىكى چوڭ بىر رەسمىي بىنادا تېررورلۇق ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق ياكى رادىكاللىق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييار تۇرغان چوڭ كۈچلەر بار. ئامما ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان كۈچ يوق. ئەگەردە ئىسلامچى رادىكاللار ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، ئۇلار ھەممىسى چېچىلاڭغۇ ھالەتتە مەۋجۇت، سىرتتىن ياكى مۇشۇ يەردىن باشقۇرۇلىدىغان يەنە قانداقتۇر بىر گۇرۇپپىلار بار. مېنىڭچە، بۇ يىل بۇ يۆنىلىشتە بىر ئاز خاتىرجەملىك بايقىلىدۇ. بۇ شۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىقكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش قىلىدىغانغا چەتئەلگە، جۈملىدىن، سۈرىيەگە كەتتى. يەنى بۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بەزى خەۋپلەر بار، ئەمما چەتئەللەردىكى تېررورچى تەشكىلاتلارغا ئوخشاش مەخسۇس بۇنىڭ بىلەن پىلانلىق رەۋىشتە شۇغۇللىنىۋاتقان، جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقان كۈچلەر بىزدە يوق.»
ئا. چېبوتاريېف سۈرىيەگە 200 گە يېقىن قازاقىستانلىقنىڭ كەتكەنلىكى توغرىلىق رەسمىي مەلۇماتلارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئافغانىستانغا كەتكەنلەرنىمۇ ھېسابقا ئېلىش لازىملىقىنى، ھەتتا ئۇكرائىناغىمۇ بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا كەتكەنلىكى ھەققىدىمۇ سۆز بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ شۇنداقلا سۈرىيەدىن قايتىپ كېلىۋاتقانلار ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنى سوتلىدى، كېيىنكى ئىككىسىنىمۇ مېنىڭچە سوتلىدى. ئەمما بۇ، دائىرىلەرگە نېمە ئۈچۈن لازىم بولۇپ قالغانلىقى شەخسەن ماڭا چۈشىنىكسىز. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتنىمۇ قازاقىستانلىقلارنىڭ يېنىپ كېلىشىنى خالايدىغان بولسا، ئۇلارغا نىسبەتەن كەچۈرۈم بېرىش قارارىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇلار تەرىپىدىن قازاقىستان ئۆزىدە جىنايەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى. مەسىلەن، دەسلەپتە شۋېتسىيەدە ياشىغان، ئاندىن سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، قايتىپ كەلگەن كىشىنى، مېنىڭچە، ئالتە يىللىق كەستى. راستىنى ئېيتسام، مۇنداق سىياسەتنى مەن چۈشىنەلمىدىم. مۇنداق بولغان تەقدىردە ھاكىمىيەتكە ئېغىر كېلىدۇ، چۈنكى ھەممىسى ئەگەر قازاقىستانغا قايتىپ كەلسەك تەقىبگە ئۇچرايمىز، دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يوشۇرۇن قايتىپ كېلىدۇ ياكى چەتئەلدە قالىدۇ.»
ئا. چېبوتاريېف بولۇپمۇ بەزى ئىسلام ئىدىيىچىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ياشلارنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىماسلىقنى، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنىڭ قازاقىستانغا قارشى قارىتىلمىغانلىقىنى، ئەگەردە چەتئەلدە جىنايەت قىلغان بولسا، بۇنى تېخى دەلىللەش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.