قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.10.31
qazaqistan-turkiyede-oyun-1.jpg قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تۈركىيەدە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سەنئىتىدىن پارچىلار. 2018-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى داڭلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى تۈركىيەگە جايلاشقان خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئەت تەشكىلاتى، يەنى «تۈركسۆي» نىڭ تەكلىپى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، قازاقىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن ئويۇن قويۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كېلىپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

ئۇيغۇر تىياتىرى بۈگۈن، يەنى 31-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركسوينىڭ زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى. تۈركسۆي باش كاتىپى دۇسەن كۆسەنوف ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك مېھمانلار تۈركسۆي ئىدارىسىگە خۇش كېلىپسىلەر. بۇ تىياتىرنى داڭلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئاتاپ ئويۇن قويۇشى ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان ئىدىم. مانا بۈگۈن بۇ ئەمەلگە ئاشتى. قۇددۇس غوجامياروف قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى بۈگۈن قازاقىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. بىز بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ ئۈچ چوڭ شەھىرىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتىمىز».

ئارقىدىن ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ مەسئۇلى مۇرات ئەخمىدى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف قازاقىستاندىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت- سەنئىتىنى چەتئەللەردە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان پروگرامما بويىچە تۈركىيەگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ 31-ئۆكتەبىر كۈنى كەچ سائەت 7دە ئەنقەرەنىڭ كەچىئۆگرەن رايونىدىكى نەشەت ئەرتاش كۈلتۈر مەركىزىدە، 1-نويابىر كۈنى كەچتە ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى ئاقۈن كىنوخانىسىدا ۋە 4-چېسلا بولسا ئىستانبۇلدىكى جەۋاھىر تىجارەت مەركىزىنىڭ زالدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ۋە ئۇسسۇللىرىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خەلقئارالىق «تۈرك مەدەنىيەت ۋە سەنئەت تەشكىلاتى»، يەنى «تۈركسۆي»نىڭ مۇدىرى دۇسەن كۆسەنوف چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز ئالدى بىلەن دۇسەن كۈسەنوف ئەپەندىگە:« بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەدە ئويۇن قويۇپ كەتكەن سەنئەتچى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ كەتكەن زىيالىيلار ‹جازا لاگېرلىرىغا› ئېلىپ كېتىلىپتۇ، سىز بۇ ھەقتە نېمە دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ : «ئۇنى بىلمەيمەن، خەۋەردار ئەمەسمەن»، دەپ جاۋاب بەردى.

ئارقىدىن «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدىكى ئوخشاش سوئالىمىزنى تونۇلغان ناخشىچى مۇرات ئەخمىدىدىن سورىدۇق. ئۇ، سەنئەت بىلەن سىياسەتنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى، سەنئەتنىڭ خەلقنىڭ داستانى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا چېقىلماسلىق كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ «جازا لاگېرلىرىدا» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ تۈركىيەدە ئويۇن قويۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشى تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بىز ئۇيغۇر تىياتىرى رېژىسسورى يالقۇنجان شەمىيېفكە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئويۇن قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى تۈركىيەدە «مۇقام سىرى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىمۇ بايان قىلىنغان ئىكەن. يالقۇنجان شەمىيېف ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدە ئويۇن قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئورۇندىغان ناخشا-مۇزىكىلىرى ۋە ئۇسسۇللىرى تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى ئالقىشىغا ئېرىشكەن. يالقۇنجان شەمىيېف ئەپەندى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى قاتتىق ئالقىشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 84 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئويۇن قويغان. مۇرات ئەخمەدىيېف، يەنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇراد ئەخمىدى دېگەن نامدا تونۇلغان مەزكۇر ئاتاقلىق سەنئەتكار ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىم «تۈركسۆي»، تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروف 1918-يىلى قازاقىستاندا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئارتىسى دېگەن يۈكسەك ناملارغا ئېرىشكەن. ئۇ، «نۇزۇگۇم»، «چىن تۆمۈر باتۇر»، «سادىر پالۋان» ۋە «رىزۋانگۈل» قاتارلىق كۆپ ساندا سىمفونىيە ۋە ئوپېرالارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق ئەسەرلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەنئەت ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان. قۇددۇس غوجامياروف 1950-يىلى، قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب قەھرىمانى رىزۋانگۈلگە ئاتاپ « رىزۋانگۈل» سىمفونىيەسىنى يازغان ۋە بۇ ئەسەر دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

قۇددۇس غوجامايوروف 1994-يىلى ۋاپات بولدى. نۆۋەتتە قازاقىستاندا ئۇنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.