قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2013-02-22
Share
qazaqistan-turkiye-uyghur-305.png قازاقىستان بىرلىك جەمىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى گۇزەل خانىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئەفەندى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سوھبەتتە
RFA/Arslan

يېقىندا تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان ئۇيغۇر بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى گۈزەل خانىم 2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار - خىزمەت پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ غايە - مەقسەتلىرى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش - پىلانلىرى توغىرىسدا مەلۇمات بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

گۈزەل خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئالماتادىكى بىرلىك جەمئىيتى تەشكىلاتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا تونۇشۇش ۋە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناش، ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش. ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەش ۋە يىغىن - پائالىيەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە ئورتاق ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت