يېقىندا تۈركىيىگە زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان ئۇيغۇر بىرلىك جەمئىيىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى گۈزەل خانىم 2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىپ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار - خىزمەت پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.
ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ غايە - مەقسەتلىرى ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش - پىلانلىرى توغىرىسدا مەلۇمات بەردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.
گۈزەل خانىم، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئالماتادىكى بىرلىك جەمئىيتى تەشكىلاتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا تونۇشۇش ۋە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناش، ئاخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ ئۆز - ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش. ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەش ۋە يىغىن - پائالىيەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە ئورتاق ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىرلىككە كەلدى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00