قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى دۆلەت تىلى قازاق تىلىنى ئىگىلەشكە ئىنتىلماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاق تىلى قازاق خەلقىنىڭ ئانا تىلى، 25 يىللىق تارىخى بار مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك تىلىدۇر. ئاخىرقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 18 مىليون ئادەمگە يەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىنى، يەنى 66 پىرسەنتتىن ئوشۇقىنى قازاقلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن كېيىنكى ئورۇنلاردا رۇسلار، ئۆزبېكلەر، ئۇكرائىنلار، ئۇيغۇرلار، تاتارلار ۋە باشقىلار تۇرىدۇ.

قازاقىستان مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، قازاق تىلى مەملىكەتلىك تىل بولۇپ ئېلان قىلىندى. 1995 - يىلى 30 - ئاۋغۇستتا قوبۇل قىلىنغان قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 7 - ماددىسىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە قازاق تىلىنىڭ دۆلەت تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭ ئاساسىدا 1997 - يىلى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىللىرى توغرىلىق قانۇن» قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭدا قازاق تىلىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش، قانۇن چىقىرىش، سوت ۋە ئىش يۈرگۈزۈش تىلى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك تىلنى بىلىشنىڭ قازاقىستاننىڭ ھەر بىر پۇقراسىنىڭ بورچى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەم بۇ تىلنىڭ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ھازىر قازاقىستاندا دۆلەت تىلىنى قوللىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەرنى يارىتىش يۆنىلىشىدە كۆپلىگەن چارە - تەدبىرلەر كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ مەملىكەتتىكى باشقا مىللەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك ئەھمىيىتى بار؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تىلىغا قېرىنداش تىل بولغان قازاق تىلىنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىش دائىرىسى قانچە كېڭەيسە، بىزگە شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ھەر قانداق ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇر ئۈچۈن قازاق تىلىدا يېزىش، سۆزلەش قىيىن ئەمەس. دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش مەكتەپلەردىمۇ ياخشى يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى ئانا تىلىدىن كېيىنكى ئاساسىي تىل سۈپىتىدە ئوقۇتۇلىدۇ. بىزنىڭ شائىر ۋە يازغۇچىلىرىمىزمۇ قازاق تىلىنى ياخشى بىلىدۇ.»

مەملىكەتلىك تىلنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2008 - يىلى پرېزىدېنتلىق دۆلەت تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش فوندى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپلىگەن ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مەكتۈبلىرىدىمۇ دۆلەت رەھبىرى قازاق تىلىنىڭ ھەر دايىم دىققەت مەركىزىدە بولۇش شەرتلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن كۆپ مىقداردا خىراجەت ئاجراتماقتا. قازاقىستان بولۇپمۇ ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە قازاق تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنى يارىتىشقا چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. قازاق تىلىنى ئۆگىنىش شۇنداقلا رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردىمۇ يولغا قويۇلغان ھەم بۇ يۆنىلىشلەردىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. مۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىنىڭ ئىسمايىل تايىروف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قازاق تىلى پەنى مۇئەللىمى مېرۋانەم ھەمرايېۋا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قازاق تىلىنىڭ باشلانغۇچ سىنىپلاردىن باشلاپ ئوقۇتۇلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىزدە 1992 - يىلدىن تارتىپ قازاق تىلى ئالاھىدە پەن رېتىدە ئوقۇتۇلىدۇ. قازاق تىلى دەرىسلىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرى قازاق تىلىنىڭ گرامماتىكىسىنىلا ئوقۇپ قالماي، شۇنداقلا قازاق خەلقىنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە باغلىنىشلىق ماتېرىياللارنى ئوقۇپ ئۆگىنىدۇ. قازاق ئەدەبىياتى دەرسلىرىدە بولسا، قازاق خەلقىنىڭ ئاتاغلىق شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشىدۇ. سىنىپتىن سىرت ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە، ئاتاپ ئېيتقاندا فارىزا ئوقۇشلىرى، ماخامبېت، ئاباي، مۇقاغالى ۋە جامبۇل ئوقۇشلىرىغا ئوقۇغۇچىلىرىمىز زور قىزىقىش بىلەن قاتنىشىپ، رايون ۋە جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە ئالدىنقى ئورۇنلارغا ئېرىشمەكتە.»