بۇ يىلى قازاقىستانلىقلار ھاياتىدا بىر قاتار مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە. مۇشۇ ۋەزىيەتتە كۈن تەرتىپىدىن چۈشمەي كېلىۋاتقان بىرىنچى قاتاردىكى مەسىلىلەر بۇ قازاقىستان خەلق مەجلىسىنىڭ 20 يىللىقى ۋە نۆۋەتتىن تاشقىرى پرېزىدېنت سايلىمىدۇر. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف قازاقىستان خەلقى مەجلىسىنىڭ 20 يىللىقىغا باغلىق قازاقىستانلىقلارغا تەبرىك يوللىدى، شۇنداقلا نۆۋەتتىن تاشقىرى پرېزىدېنت سايلىمىنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى بويىچە قازاقىستان خەلقىگە مۇراجىئەت قىلدى.
ن. نەزەربايېف بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستانلىقلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلىلەرنى ئاتاپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ماڭا قىلىنغان بارلىق مۇراجىئەتلەردە ھېچ قانداق ئىچكى ئىختىلاپلار ۋە تاشقى توقۇنۇشلار ئېلىمىزگە تەسىرىنى يەتكۈزمىسۇن، دېگەن ئومۇم خەلق تەشۋىشى ئەكس ئەتكەن. ئادەملەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيىتىمىزنىڭ تۇراقلىقىنى ۋە بىرلىكىنى مۇستەھكەملەشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۇنياۋى ئىقتىسادىي بوھران كۈچىيىۋاتقان ۋاقىتتا خەلققە ئەتىكى كۈنگە بولغان ئىشەنچ كېرەك. بۇ ھەممىدىن ئاۋۋال ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئىجتىمائىي تۆلەملەرنىڭ، ئىش ھەققىنىڭ، ئوقۇش پۇلىنىڭ تۇراقلىقىنى. ئۈچىنچىدىن، ئالەمشۇمۇل گېئوسىياسىيون قارىمۇ - قارشىلىقلار كەسكىنلىشىۋاتقان شارائىتتا بىزنىڭ پۇقرالىرىمىزنى مىللىي بىخەتەرلىكنى تەمىنلەش مەسىلىسى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ قازاقىستانلىقلار تەڭپۇڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ تەرەپدارى.»
ن. نەزەربايېف بۇ مۇراجىئىتىدە ئۆزىنىڭ مەزكۇر سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىلىق قارارنى مەملىكەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا مۇۋاپىق كېيىنرەك قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلق مەجلىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف سۆھبىتىمىزدە بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00