24-مارتتا ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان دوستلۇق ئۆيىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشى ئەزالىرى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى ھەم ھەر خىل ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، يۇرت-جامائەتچىلىك قاتناشتى.
مۇراسىمنى ئاچقان جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف پۈتكۈل يۇرت-جامائەتچىلىكنى قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەركەز رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف نامىدىن نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى تونۇشتۇردى. سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان كۇردلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كنياز مىرزويېف، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسىنىڭ ئالماتا شەھىرى بويىچە رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى قازبېك مانسۇروف، ئاستانا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رۇستەم ئابدۇسالاموف، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف، شۇنداقلا ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار مىللەتلەر دوستلۇقى، تىنچلىق، رازىمەنلىك ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان پېشقەدەم يۇرت ئاكتىپى سابىت ھاجىم يۈسۈپوف نورۇز بايرىمى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ بايرامنى داغدۇغىلىق بىلەن ئۆتكۈزەتتى. چۈنكى يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى چوڭ بايرام ھېسابلىناتتى. بۇ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان نورۇزنى جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى نامىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. پۈتكۈل دۇنيا تۈركىي خەلقلىرىنى مۇشۇ نورۇز بايرىمى بىلەن چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ھەممىسىدە ئىتتىپاق، بىرلىك بولسۇن! بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن!».

ئىگىلىشىمىزچە، نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر، پانفىلوف ۋە باشقىمۇ ناھىيىلىرىدە 21-مارتتىن باشلاپ ئاتاپ ئۆتۈلدى. ئۇلارغا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قازاق، تاتار، تۈرك، ئەزەربەيجان ئوخشاش ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، يىگىت باشلىرى يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى تۇرسۇن روزىيېف قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ ئومۇم خەلق تەنتەنىسىگە ئايلانغانلىقىنى، 2002-يىلدىن تارتىپ دوستلۇق ئۆيىدە بۇ بايرامنىڭ رەسمىي نىشانلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرىنىڭ بۇ بايرامنى ئاتاپ ئۆتۈشتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مىللىي بىرلەشمىسى بۇ قېتىمدا كۆپ كۈچ چىقاردى. مەن مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلغان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ ئىشلەۋاتىمەن. شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى شەھەردە ئىشلىسە، ھە، جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنى بىزنىڭ ۋىلايەتلەردە كۈتۈپ تۇرىدۇ. ھازىر مەھەللىلەردە مەدەنىيەت ئۆيلىرى، كۇتۇپخانىلار يېڭىۋاشتىن ئېچىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا كىتابلار يېتىشمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭغا مەدەنىيەت مەركەزلىرى كۆڭۈل بۆلسە.».
تۇرسۇن روزىيېف ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر بىر شەھەر، ھەر بىر ناھىيىدە تېخى ھەل بولمايۋاتقان مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى «نۇرانىي ئانىلار كېڭىشى»نىڭ رەئىسى جاھانگىر مۇراتوۋا پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەمدە تۈركىي خەلقلەرنى نورۇز بايرىمى بىلەن چىن قەلبىدىن تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «نورۇز بايرىمىدا دوستلۇقىمىزنى كۈچەيتىپ، قازاقىستاندا تېخىمۇ ياخشى ياشايلى. بىزنىڭ ئۇسسۇلچى، ناخشىچى، دۇتارچى قىزلىرىمىز جىق ئىكەن. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، مەن "باھار" ئانسامبىلىنى قۇردۇم. بۈگۈن دوستلۇق ئۆيىدە ئىككى ناخشا ئېيتىپ بەردۇق. ھەممىسى ياخشى ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى».
