23 - ئاپرېلدا قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك سارىيىدا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ نوۋەتتىكى 22 - يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. مەملىكەتنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان بىر يېرىم مىڭدىن ئوشۇق ۋەكىل ئىچىدە پارلامېنت ۋە ئاسسامبلېيە ئەزالىرى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى رەئىسلىرى، مەركىزىي ئىجرائىي ئورگانلار، سىياسىي پارتىيەلەر، دىنىي بىرلەشمىلەر، چەتئەللەرنىڭ دىپلوماتىيەلىك ۋاكالەتخانىلىرى رەھبەرلىرى، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرى مۇدىرلىرى، ئىلمىي ۋە ئىجادىي زىيالىيلار، شۇنداقلا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى بولدى.
يىغىنغا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان يۈزدىن ئوشۇق مىللەت ۋەكىللىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتراك قىلدى. ئۇلار ئارىسىدا قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مۇرات ئەخمەدىيېف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھىتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، «نۇر ئوتان» پارتىيىسى سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئاسىمجان زىلاۋىدىنوف، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، ئالماتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153 - مەكتەپ - گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف، جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى ئابدۇرېشىت مەخسۈتوف، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى ھاكىمجان ئارۇپوف ۋە باشقىلار بار.
«مەڭگۈلۈك ئەل: بىر ئەل - بىر تەقدىر» ماۋزۇسىدا ئۆتكەن مەزكۇر يىغىندا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئاسسامبلېيە ئالدىغا يەتتە يېڭى ۋەزىپە قويۇپ، ئۇلارنى «خەلق بىرلىكى - بىزنىڭ باش بايلىقىمىز» دېگەن شۇئار ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنى بىز، قازاقىستانلىقلار، ئۆز قولۇمىزغا ئالدۇق! بىز بۇنى ھازىرقى ۋە شۇنداقلا كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ ئۆز بەختى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن قىلدۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ مۈشكۈل تارىخىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخىغا ئوخشاش مۇھىم مەسىلىگىمۇ تېگىشلىكتۇر. ئۇ ئوبيېكتىپ ۋە ئادالەتلىك ھالدا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلۇشى لازىم. بىزنىڭ ياشلىرىمىز بۇنى ئۆزلىرىنىڭ بەش بارمىقىدەك بىلىشى شەرت.»
يىغىن يەكۈنلىرى بويىچە ئاسسامبلېيە مۇراجىئەتنامە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدا مەملىكەت رەھبىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلان قىلىنغان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى يىلىنىڭ تىنچلىق ۋە رازىمەنلىك، تۇراقلىق سىياسىتىنىڭ مۇستەھكەملىكى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ بىرلىشىش بەلگىسى ئاستىدا ئۆتۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. ئاسسامبلېيە يىغىنى شۇنداقلا «مەڭگۈلۈك ئەل» ئومۇمىي مىللىي ئىدىيىسىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان ئاسسامبلېيىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00