قازاقىستاندىكى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ھېساۋات بەردى

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خەشكىلەڭ، ئىلى ۋە جامبۇل ناھىيىلىرى، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تالغىر، ئەمگەكچى - قازاق، ئۇيغۇر ۋە ياركەنت ناھىيىلىرىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، مائارىپىنى، سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە ئۇلارنى تەرغىپ قىلىش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتا مەدەنىيەت مەركەزلىرى چوڭ رول ئوينىماقتا. قازاقىستاننىڭ ئىلگەركى پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزى ئەنە شۇ ناھىيىلەرگە قاراشلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بېشىنى قوشۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى تەرغىپ قىلىشقا مۇناسىپ ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئابروي - ئاتاققا ئىگە ھەم بىلىم سەۋىيىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. ئۇلار ئارىسىدا زىيالىيلار، دېھقانلار، ئىشچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە باشقىمۇ كەسىپ ئىگىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ھەم ئۇ باشقۇرغان قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسىنىڭ قويغان مەقسەتلىرى، پىلانلىرى بىرىكتۈرىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى يۇرت - جامائەتچىلىك ئالدىدا ئېلىپ بارغان ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە ھېساۋات بېرىپ، يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق ھېساۋات - سايلام يىغىنلىرىنىڭ بىرى 26 - ئۆكتەبىر كۈنى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ مەركىزى ئىشىكتە شەھىرىدە ئۆتتى. ئىلگەركى چېلەك ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ چوڭ ناھىيىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلار كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ شۆبىلىرىگە ئىگە. ئىشىكتە شەھىرىدە ئۆتكەن ھىساۋات - سايلام يىغىنىغا ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھىتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان شەردىنوف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، ناھىيە ھاكىمى ئىسقاق بىنەلى ئابدۇقاپاس ئوغلى، ئۇنىڭ ئورۇنباسارى ئاخمېتوف بېكېت، ناھىيە ھاكىمچىلىقى ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۆمىنجان ئىسلاموف، ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارسېلىن زۇلياروف، جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف ۋە باشقىلار بولدى.



م. ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بۇنىڭدىن تاشقىرى ھېبۇللام قاھھاروف نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن شېئىرىيەت كېچىلىكى، يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرىينىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئاۋات يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك مۇراسىم، مەدەنىيەت، سەنئەت ساھەلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشقىمۇ كۆپلىگەن پائالىيەتلەر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاكتىپ ئىشلىگەنلىكىنى نامايىش قىلىدۇ.

م. ھاپىزوف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «يىغىننىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە پېشقەدەم يېزا ئېگىلىكى خادىمى، سابىق قازاقىستان كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىمىنجان ناسىروف، ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزىنى باشقۇرغان غوجەخمەت سەدۋاقاسوف قاتارلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھېساۋاتنى كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن قانائەتلىنەرلىك دەپ قوبۇل قىلدى. ئىككىنچى مەسىلە بويىچە يېڭى رەئىس بولۇپ ئىلگىرى ناھىيە ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىگەن سۇلايمان شەمشىدىن ئوغلى مەخسۇتوف سايلاندى. ناھىيە ھاكىمى بىنەل ئىسقاق ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى پىكىرلىرىنى ئىزھار قىلدى. ياشلىرىمىزنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلدى. ئىش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يوقلۇقىنى، ھازىرقى زىيالىيلارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ياشلارنىڭ كەملىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەش يوللىرىنى كۆرسەتتى، پرېزىدېنتىمىزنىڭ شۇنىڭغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەندۈردى. ھەر ھالدا مەدەنىيىتىمىزگە، مائارىپىمىزغا غەمخورلۇق قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىشى قانائەتلىنەرلىك دەپ قوبۇل قىلىندى.»

يىغىندا ناھىيىلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ 2013 - ۋە 2015 - يىللاردىكى ئىش - پائالىيىتى مەركەز رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئاينىسەم ۋايدىنوۋا دوكلات ئوقۇدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ناھىيە تۇرغۇنى، ژۇرنالىست مەھەممەتجان ھاپىزوف مەزكۇر يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئارسېلىن زۇلياروف تەن - سالامەتلىكىگە باغلىق بۇ ئىشتىن كېتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، بۇ ئىلتىماس قانائەتلەندۈرۈلدى. ئا. ۋايدىنوۋا بەرگەن دوكلاتتا ئاساسەن ئاخىرىقى ئۈچ يىلدا مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن، شۇنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق، شەخسەن ئۆزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يۈرگۈزۈلگەن ئىشلار بىر - بىرلەپ تەكىتلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ۋىلايەت دەرىجىسىدە ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىرىدە ئېلىپ بارغان ئىش - پائالىيەتلىرى، «مەكتەپكە يول» تەشەببۇسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى قاتارلىق پائالىيەتلەر، رايونىمىزنىڭ مالىۋاي، چېلەك، ئاۋات يېزىلىرىدا يازغۇچى - شائىرلارنىڭ تەۋەللۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئانا تىلىدا ئوقۇش مەسىلىسى قارىلىپ، جاي - جايلاردا كومىسسىيە تەشكىل قىلىنىپ، تەرغىبات ئىشلىرىنى يۈرگۈزدى. مائارىپ ساھەسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە، بالىلىرىمىزنى بىلىملىك ئوقۇتۇشقا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ئاخىرىقى يىللاردا مەكتەپلەردە يېڭى - يېڭى ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى.»