قازاقىستاننىڭ «قاز. تاگ»، «قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى»، «كازاخستانسكايا پراۋدا» قاتارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 20-يانۋار كۈنى چاقىرىلغان قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 5-قېتىملىق مەجلىسنىڭ ھوقۇقلىرىنى قەرەلىدىن ئىلگىرى توختىتىش توغرىلىق پەرمانغا قول قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 13-يانۋاردا پارلامېنت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت پرېزىدېنتىغا مۇراجىئەت قىلىپ، پالاتانى تارقىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى.
ئادەتتە مەجلىس 107 ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 98 ئەزاسى پارتىيە تىزىمى بويىچە، قالغان 9 ئەزاسى قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسى بويىچە سايلىناتتى. بۇ ئەزالارنىڭ ھوقۇقى بەش يىلنى تەشكىل قىلىدۇ.
«نۇر-ئوتان» خەلق-دېموكراتىك پارتىيىسى، قازاقىستان «ئاق يول» دېموكراتىك پارتىيىسى، قازاقىستان كوممۇنىستىك خەلق پارتىيىسى ۋەكىللىرى ئۆتكەن 5-قېتىملىق چاقىرىلغان بۇ مەجلىس 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ئىشىنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىشى لازىم ئىدى.
مەجلىس ئەزالىرىنىڭ مۇراجىئىتى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېف ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف، پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقى نۇرلان نىغماتۇللىن، ئاساسىي قانۇن كېڭەش رەئىسى ئىگور روگوف، باش پروكۇرور ئاسخات دائۇلبايېف ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق ھالدا مۇھاكىمە قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پرېزىدېنت قازاقىستان خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ، مەجلىسكە نۆۋەتتىن تاشقىرى سايلاملارنىڭ ھەم بارلىق دەرىجىدىكى مەسلىھەتلەرگە نۆۋەتتىكى سايلاملارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ، خەلقنى مەزكۇر سايلاملارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا بىز ئۈچۈن ئەڭ كېرىكى بۇ مەبلەغگە قاراپ ياشاشنى، بايلىقلارنى ئىقتىساد قىلىشنى، ئىش ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى چۈشىنىشتۇر. شۇنداق ۋەزىيەتتە ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ھەمكارلىقتا ئىشلىشى، يىغىنچاق ھالدا ھەم پائالىيەتچانلىق بىلەن چارە كۆرۈشى كېرەك. بىزنىڭ خەلقىمىزگە، مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە ھەر قېتىمقىدەك، بىرلىشىش ۋە ھاجەت بولغاندا قانۇنىي رەۋىشتە، ھەر قانداق مۇمكىن بولغان ئىغۋالارغا، شۇنداقلا ئەھۋالنى سىياسەتلەشتۈرۈشكە ۋە ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىدا ئەيىبلىكلەرنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغانلارغا زەربە بېرىشى زۆرۈر. بۇ بىرمۇ مەملىكەت، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانمۇ تەسىر قىلالمىغان شۇنداق بىر ئالەمشۇمۇل جەرياندۇر. شۇڭلاشقا ھەممىمىز بىرلىشىپ، بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.»
مەملىكەت رەھبىرى شۇنداقلا مەجلىس ئەزالىرىنىڭ ۋاقتىدا مۇراجىئەت قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قوبۇل قىلغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەجلىسكە نۆۋەتتىن تاشقىرى سايلاملارنى مەسلىھەتلەرگە نۆۋەتتىكى سايلاملار بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش ھەم ۋاقىتنى، ھەم مالىيە مەنبەلىرىنى ئىقتىساد قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. مەملىكەت مەنپەئەتلىرىگە قىلغان دىققىتى ھەم يۇقىرى تارىخىي جاۋابكارلىقى ئۈچۈن بارلىق ئەزالارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، مەجلىس سايلاملىرى مۇشۇ يىلى 20-مارتتا، مەسلىھەت كېڭىشى سايلاملىرى 21-مارتتا ئۆتكۈزۈلمەكچى.
ئەمدى قەرەلىدىن ئىلگىرى سايلاملارغا مۇتەخەسسىسلەر قانداق قارايدۇ؟
«ستانرادار» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستاندىكى نۆۋەتتىكى نۆۋەتتىن تاشقىرى سايلاملار» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس تالغات مامىرايىموف سايلاملارنىڭ قەرەلىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ ئەلدىكى ئىجتىمائىي كەسكىنلىكنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن.
قازاقىستانلىق ئىقتىسادچى ۋە جەمئىيەت ئەربابى پيېتر سۋويىك بولسا، قازاقىستاندا دوللار باھاسى 500گىچە كۆتۈرۈلگەن تەقدىردە ئاھالە ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ھاكىمىيەت ھېچنەرسە قىلالمايۋاتىدۇ، ئامما بىرەر نەرسە قىلىشنىڭ كېرەكلىكىنى چۈشىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ سايلاملار ئەنە شۇ ‹بىرەر نەرسە بولسىمۇ قىلىش› نىڭ ئىپادىسىدۇر.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەم پارلامېنت ۋەكىللىرىنىڭ دەۋاتقىنى، ھەم يۇقىرىقى لاۋازىملارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خەلققە ئىزاھ بېرىۋاتقانلىقىدىن شۇ نەرسە ئېنىق بولۇۋاتىدۇكى، ھەم قازاقىستاندىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ۋەزىيەتكە قارىساق، ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، مېنىڭ پىكرىمچە، ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىرىنچىسى، قازاقىستان پرېزىدېنتى پۈتۈن دۆلەتنى قايتىدىن ئىسلاھات قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ بەش تۈرلۈك ئىسلاھاتتىن، يەنى كەسپىي دۆلەت قۇرۇش ئىسلاھاتى، ئىقتىسادىي ئىسلاھات، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئىسلاھات، ھوقۇق-قانۇن ئىسلاھاتىدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ ئىسلاھاتلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇلتۇر ئاتمىشقا يېقىن قانۇنلار قوبۇل قىلىندى. بۇ يىلى مۇشۇ ئايدىن تارتىپ بۇ ئىسلاھاتلار ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك. پرېزىدېنت ئۆز سۆزىدە ھۆكۈمەتنىڭ، قانۇن چىقىرىش تارمىقىنىڭ بىر ئاز كېيىن قېلىۋاتقانلىقىنى، زامانغا ماسلاشمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.»
ق. غوجامبەردى بۇ ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، قابىلىيەتلىك، شۇنىڭغا قادىر كۈچلەرنىڭ كېرەكلىكىنى، نۆۋەتتىكى بەش يىلغا سايلانغان شۇنداق ئادەملەرنىڭ چوڭ نەتىجىلەرگە يېتىش مۇمكىنلىكىنى، پرېزىدېنتنىڭ بولۇپمۇ ئاساسەن ياشلارغا ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە جۇغراپىيىلىك سىياسىي مەسىلىمۇ بار، چۈنكى ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيا كۈچلىرىنىڭ مەنپەئەت مەركەزلىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى كۈچ كېلىپ، ئۇ خەلق تەرىپىدىن ئىشەنچ ھوقۇقىنى ئالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پرېزىدېنتقا ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان بولىدۇ ۋە ئومۇمەن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىككە بۇ سىياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان بولىدۇ. مانا مۇشۇ مەسىلىلەر كونا مەجلىس ۋەكىللىرىنى قەرەلدىن ئاۋۋال تارقىتىۋېتىش، قەرەلدىن ئاۋۋال سايلام ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنى توغرا دەپ ھېسابلايمەن.»
«لىبېرىتى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى» نىڭ پرېزىدېنتى غالىم ئاگېلېئۇئوف مەزكۇر سايلاملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبلىرىدىن، بىرىنچىدىن، تەڭگىنىڭ ئەرزانلىشىپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەجلىس ئەزالىرىنى تېز تۈزىتىشتىن، ئىككىنچىدىن، مۇھىمى، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش، يەنى ئۇنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ھەر ۋاقىتتا يەنە شۇ كىشىلەر پرېزىدېنتنىڭ ھەم پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىنىڭ ئېيتىشى بويىچە قازاقىستان دۆلەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەيدۇ ھەم شۇ كىشىلەرنىڭ پىكرى بىلەن شۇنداق كىشىلەر تاللىنىدۇكى، ئۇلارمۇ مەملىكەت مۇستەقىللىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پرېزىدېنتنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرىنى ھاكىمىيەتنىڭ ھەر خىل دەرىجىلىرىگە چىقىرىشقا ھەم بۇ ئارقىلىق كۈچىيىشكە ۋە بىرەر قارارلارنى قوبۇل قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ. خەلق بۇنىڭغا ئېتىبارسىزلىق بىلەن قاراۋاتىدۇ، سەۋەبى خەلق ھېچنەرسىنى ھەل قىلمايدۇ. ئەپسۇسكى، مەملىكەتتىكى سايلاملار بىر قېتىممۇ توغرا بولمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ خالايدىغىنى شۇكى، ئۇ، شۇ سايلاملاردا ئۆزى قارار قوبۇل قىلىشى كېرەك. يېڭى ئادەملەرنىڭ كېلىشى، يېڭى ھەرىكەتلەر جەريانىنىڭ باشلىنىشى مەملىكەتكە ئىنتايىن كېرەك، سەۋەبى توختاپ قېلىش، سازلىقلار بۇ ئىلگىرىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە ھاجەت بولغان ئادەملەرنى ئۆزى تاللىدى، شۇ ئادەملەرنى باشقۇرۇپ، نەتىجىسىدە مەملىكەتتىكى سىياسىي ھاياتنى ئۇجۇقتۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي سايلاملاردا بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ غېمىنى قىلىدىغان يېڭى ئادەملەرنىڭ كېلىشى مۇھىمدۇر.»
غ. ئاگېلېئۇئوف شۇنداق بولغان تەقدىردىلا خەلق ھەم ئۇنىڭ سايلانغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىلا سايلانغۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خەلققە، ئەلگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.