قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي پايتەختى ئالماتادا ئوق ئېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 18-ئىيۇلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ ئالمالى ناھىيىلىك ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ شەھەرلىك باشقارمىسى ئەتراپىدا ۋە باشقىمۇ يەرلەردە ئوق ئېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن بىر نەچچە كىشى قۇربان بولغان ۋە يارىدار بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساقچىلار ۋە تىنچ ئاھالىمۇ بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئېيتىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ قانچە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلار بېرىلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، دۈشەنبە كۈنى كۆپلىگەن يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى دەم ئېلىش ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋەقە ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتلار پەقەت تور بەتلىرىدە تارقىتىلغان ئىدى.

«بنيۇس.كز» ئاگېنتلىقى 18-ئىيۇلدا سائەت 14:10 دا ئېلان قىلغان «ئالماتادىكى تېررورلۇق ھەرىكەت: ۋەقەنامە» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئالمالى ناھىيىلىك ئىچكى ئىشلار باشقارمىسىغا قوراللانغان بىر كىشى بېسىپ كىرمەك بولۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى قاراۋۇلنى يارىدار قىلغان ھەم ئۇنىڭ قورالى بىلەن بىر ئاپتوموبىلنى شەھەر تۇرغۇنىدىن تارتىۋېلىپ، بىر نەچچە يەردە ئوق چىقارغان. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە تىنچ ئاھالىدىن ۋە ساقچىلاردىن بىر نەچچە كىشى يارىدار بولغان. ئارىدا ئوق ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ بىرى قولغا چۈشكەن، ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە ئىزدەشتۈرۈش ئېلان قىلىنغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىچكى ئىشلار ئورگىنى شەھەردە ئالاھىدە ھالەت ئېلان قىلىپ، ئاھالىنى ئۆز ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا، كوچىلاردا ئېھتىيات بولۇشقا، ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان يەرلەرگە بارماسلىققا چاقىردى. شەھەرنىڭ بىر نەچچە مەھكىمىلىرى، ئايرىم بانك بۆلۈملىرى، سودا ئورۇنلىرى ۋاقتىدىن بۇرۇن تاقىۋېتىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، تور بەتلىرىدە بىر نەچچە تېررورچىلارنىڭ باشقىمۇ يەرلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ھەتتا گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەلىرىنىڭمۇ بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار پەيدا بولسىمۇ، شەھەر ھاكىمىيىتى كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسىنى پاراكەندىلىككە بېرىلمەسلىك ۋە ئاساسسىز خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىك ھەققىدە خەۋەرلەر تارقاتتى. كېيىنچىرەك ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى ئىنتېرنېتتا يالغان مەلۇمات تارقاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ، قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە قارار چىقارغان ئىدى.

پەقەت شۇ كۈنى كېچە سائەت 11 دىن ئۆتكەندە، تېنگرىنيۇس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قالمۇخانبېت قاسىموف ئىلگىرى بۇلاڭچىلىق ۋە قورال ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىر نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان بىر جىنايەتچىنىڭ ساقچىلاردىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق ھەرىكەتكە بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مەملىكەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر جۇماكانوف، 1990-يىلى قىزىلوردا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىنكى ۋاقىتتا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئىلى ناھىيىسىگە قاراشلىق ئىنتىماق يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلغان رۇسلان قۇلىقبايېف ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ تۈرمىدە چېغىدا ئىسلام دىنىنىڭ سالافىزم يۆنىلىشى تەرەپدارلىرى بىلەن چىقىشقانلىقىنى ھەمدە يېقىندا بىر ئايال كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى پرېزىدېنتقا يەتكۈزگەن.

«نۇر.كز» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «نازاربايېف ئالماتادىكى ئوق ئېتىشنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ ئاتىدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئالماتادىكى ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن ئاستانا شەھىرىدە پەۋقۇلئاددە يىغىلغان بىخەتەرلىك كېڭىشى مەجلىسىدە مەملىكەت رەھبىرى مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئالماتادا، ئەپسۇسكى، يەنە ئادەم ئۆلگەن تېررورلۇق ھەرىكەت يۈز بەردى. قۇربان بولغانلارنىڭ ۋە زەرداب چەككەنلەرنىڭ يېقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارغا تېگىشلىك پسىخولوگىيىلىك ۋە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش كېرەك. شۇنداقلا ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى يۆنىلىشىدە شەھەردە تەرتىپ ساقلاشنى تەمىنلەش بويىچە زۆرۈر چارىلەر كۆرۈشنى تاپشۇرىمەن.»

پرېزىدېنت شۇنداقلا ئالماتا ئاھالىسىنى پات-پاتلا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇش ۋە جەمئىيەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەر قانداق تۆھمەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تارقىتىۋاتقانلارنى پاش قىلىش، پۈتكۈل مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ تەرتىپ ئورنىتىش بويىچە ئەڭ قەتئىي چارىلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدا ئىشەنچلىك بولۇش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

«قازاقاخبارات» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالماتادىكى ئوق ئېتىش ئاقىۋىتىدە ئۈچ ساقچى ۋە ئىككى پۇقرا قازا بولغان. قۇربان بولغان ھەر بىر ساقچى ئائىلىسىگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 15 مىليون تەڭگىدىن ياردەم كۆرسىتىلمەكچى. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئالماتا ئاھالىسى تەرىپىدىن زەرداب چەككەنلەرگە قان تاپشۇرۇش ۋە ماددىي ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرىمۇ كېتىۋاتماقتا.

قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەردىن سىياسەتشۇناس يېرلان كارىن ئالماتادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ جىنايەتچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، دوسىم سەتپايېف رەسمىي ئورگانلار تەرىپىدىن مەزكۇر ۋەقەنىڭ يورۇتۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستان تۈرمىلىرىدە ئەنئەنىۋى دىنغا قارشى ئېقىملارنىڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇنداق پىكىرلەر ‹36 ئىنفو.كز› ئاگېنتلىقىدا بېسىلغان «مۇتەخەسسىسلەر ئالماتادىكى تېررورلۇق ھەرىكەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، «توبول ئىنفو» تور گېزىتىدە شۇ مەزمۇندىكى ماقالىدە ئىقتىسادچى ژاراس ئاخمېتوف ئالماتادىكى ھۇجۇم سەۋەبىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقىدىن دەپ بىلگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ئاندرېي چېبوتاريېف ئالماتادىكى ۋەقە سەۋەبلىرىنى ئۈزۇل-كېسىل كۆرسىتىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «نېفىت باھاسىنىڭ ئەرزانلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يۈز بەرگەن دۇنيا كرىزىسى سەۋەبىدىن ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ناچارلاشماقتا. ئەنە شۇنىڭ ئارقىسىدا نارازىلىقلارمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. بىز بۇنى ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا يەر مەسىلىسى بىلەن ئورۇن ئالغان نامايىشلاردىنمۇ كۆردۇق. مۇنداق نارازىلىقنىڭ يەنە بىر تۈرىنى بىز رادىكاللىق ھەرىكەتلەردىنمۇ كۆرۈۋاتىمىز. مەسىلەن، ئاقتۆبەدىكى، مانا تۈنۈگۈنكى ئالماتادىكى ۋەقەلەر. ئەلۋەتتە، بۇ ۋەقەلەر بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانمىسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئوخشاپ كېتىدۇ، يەنى بۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بۈگۈنكى قېلىپلاشقان ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ.»