يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزىنىڭ قازاقىستان خەلقىگە نۆۋەتتىكى مەكتۇپى بىلەن مۇراجىئەت قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، مەملىكەت رەھبىرىنىڭ مەزكۇر مەكتۇپىدا، ئەلنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلەچەكتىكى تەرەققىيات پىلانلىرى بەلگىلەنگەن.
پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا يوللىغان مەكتۇپى «قازاقىستان يولى - 2050: بىر مەقسەت، بىر مەنپەئەت، بىر كېلەچەك» دەپ ئاتالغان ئىدى. ئەمدى «نۇرلۇق يول - كېلەچەككە يول» دەپ نام ئالغان نۆۋەتتىكى مەكتۇپ ئادەتتىكىدەك كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىگە بولۇۋاتماقتا.
ن. نازاربايېف مەزكۇر مەكتۇپتا ئالەمنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يېڭى خەۋپ ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن تېخىچىلا ئۆزىگە كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاستا ۋە ئىشەنچسىز مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىدىن شۇنى ئالدىن سېزىۋاتىمەنكى، يېقىنقى يىللار ئالەمشۇمۇل سىناقلار دەۋرى بولماقچى. ئالەمنىڭ بارلىق ئارخىتېكتۇرىسى ئۆزگىرىدۇ. كۆپلىگەن مەملىكەتلەر بۇ مۇرەككەپ باسقۇچتىن شەرەپلىك ئۆتەلمەيدۇ. بۇ چېگرادىن پەقەت كۈچلۈك دۆلەتلەر، ئۇيۇشقاق خەلقلەر ئۆتەلەيدۇ. قازاقىستان دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ بىر قىسمى ۋە گېئوسىياسىي كەسكىنلىكنىڭ مەركىزىگە بىۋاسىتە يېقىن ئورۇنلاشقان مەملىكەت سۈپىتىدە بارلىق مۇشۇنداق جەريانلارنىڭ سەلبىي تەسىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. نەتىجىدە بىز نېمە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز: دۇنيا بازارلىرىدا باھالار تۆۋەنلىمەكتە ۋە ئومۇمەن، ئىقتىسادىي ئۆسۈش چېكىنمەكتە.
مەلۇمكى، خەلقئارا ۋاليۇتا فوندى ۋە دۇنيا بانكىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2014- ۋە كېيىنكى ئىككى يىلغا بولغان تەرەققىيات مۆلچەرلەشلىرىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى قايتىدىن قاراپ چىقتى. شۇڭلاشقا بىز بەزى پوزىتسىيىلەرنى تېز ئارىدا قايتىدىن قاراپ چىقىشىمىز ۋە شۇنداقلا نۆۋەتتىكى دەۋرگە بولغان پىلانلارغا ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈشىمىز كېرەك. بىزگە ئىككىلىنىشكىمۇ ۋاقىت يوق. بۈگۈنكى ئېيتىلىۋاتقان چارىلەرنى 2015-يىلنىڭ 1-يانۋاردىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىمدۇر. بىز سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان بارلىق چارىلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.»
مەكتۇپتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پرېزىدېنت ن. نازاربايېفنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ھۆكۈمەت يېڭى كەڭ دائىرىدىكى تەرەققىيات پروگراممىسىنى ئىشلەپ چىققان. پرېزىدېنت بۈگۈنكى كۈندىكى مەۋجۇت خەۋپلەرگە جاۋاب رېتىدە قازاقىستاننىڭ «نۇرلۇق يول» يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتىنى ئېلان قىلدى ھەم 2014-ۋە 2016-يىللاردا قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلارنى كۆرسىتىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەنكى يىللاردا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردىن چۈشكەن كىرىم مەملىكەتنىڭ مىللىي فوندىغا ئەۋەتىلىپ، 10 مىليارد دوللار 2007-ۋە 2009-يىللاردىكى كرىزىس بىلەن كۈرىشىشكە ئىشلىتىلدى، قالغىنى بولسا ساقلىنىپ قېلىپ ۋە يەنە تېخىمۇ كۆپەيتىلدى. شۇنداقلا مۇشۇ يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا 2014-ۋە 2015-يىللاردىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى قوللاشقا ۋە ئىش بىلەن تەمىنلىنىشكە بۇ فونددىن 1 تىرىليون تەڭگە بۆلۈنگەن بولسا، ئەمدى بۇ قېتىم پرېزىدېنت ئىلگىرى باشلانغان لايىھىلەرنى تاماملاشقا ۋە ئەڭ لازىم بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يەنە 500 مىليارد تەڭگە بۆلۈشنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە كىچىك، ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىجارەتچىلىكنى قوللاشقا 100 مىليارد، بانكا ساھەسىنى جانلاندۇرۇشقا ۋە «يامان» نېسىيلەرنى سېتىۋېلىشقا 250 مىليارد ۋە باشقىمۇ قوشۇمچە خىراجەت ئەنە شۇ مىللىي فونددىن ئاجرىتىلماقچى.
پرېزىدېنت شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن بەش يىلغا يەنە 6 تىرىليون تەڭگە ۋە ھەر ئۈچ يىلغا قوشۇمچە يەنە مىللىي فونددىن 3 مىليارد دوللاردىن بۆلۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «يېڭى ‹نۇرلۇق يول› ئىقتىساد سىياسىتى بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئۆسۈشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مېخانىزمى بولىدۇ. پەقەت يوللارنى سېلىش ھېسابىغىلا 200 مىڭ يېڭى ئىش ئورنى قۇرۇلماقچى. بۇ ئاھالىنىڭ ئىش بىلە تەمىنلىنىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈشىنى كۆرسىتىدۇ.» پرېزىدېنت ن. نازاربايېف مۇشۇنىڭ بارلىقىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىقلارنىڭ تېخىمۇ جىپسىلىشىشى، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە رازىمەنلىكنى، بىرلىكنى ساقلاپ قېلىش ۋە يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئارقىسىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«كازىنفورم» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە ئالىي كومىسسارى زەيدئەل ھۈسەيىن قازاقىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى دائىمىي ۋەكىلى مۇختەر تىلېئۇبېردى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ن. نازاربايېفنىڭ خەلققە يوللىغان مەكتۈپىنى يۇقىرى باھالاپ، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىكنى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئىدىيىلىرىنى باشقا مەملىكەتلەردىمۇ قوللىنىش مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.