ھۆكۈمەت دېكابىر نامايىشىغا قاتناشقان قازاق ياشلىرىغا قانداق ياردەم بېرىۋاتىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.12.17

1986-يىلى دېكابىر ئېيىدا پەقەت سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدە ياشلارنىڭ دەسلەپكى نامايىشى بولغان ئىدى. بۇ نامايىش 16-ۋە 17-دېكابىردا قازاق سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پايتەختى ئالماتادا ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭغا كۆپىنچە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياش ئىشچىلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە قارشى ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشىغا ئايلاندى. بۇ نامايىش ياشلارنىڭ پەقەت ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئوچۇق ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ قارارلىرىغا، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ كادىر سىياسىتىگە قارشى يۈرگۈزگەن ئاممىۋى ھەرىكىتى بولدى.

مەلۇمكى، 1986-يىلى 15-دېكابىردا ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكەن قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەجلىسىدە 25 يىل مابەينىدە جۇمھۇرىيەتنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دىنمۇھەممەت قونايېف ئورنىدىن ئېلىنىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ بىرىنچى كاتىپلىقىغا بۇ يەردىكى شارائىتتىن ھەم قازاق خەلقىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىن تامامەن بىخەۋەر گېننادىي كولبىن بەلگىلەندى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەرلىك ئاھالىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ نارازىلىق ئوچۇق، ئامما تىنچ نامايىشقا ئايلانغان ئىدى. ياشلارنىڭ بۇ نامايىشى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى تۇتقۇن قىلىندى ۋە ھەر خىل مۇددەتلەرگە قامالدى. بۇ ياشلارنى قوللاش ۋە ياكى قوللىماسلىق شۇ چاغدىكى ئايرىم ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىكى شەخسلەرنى ھەم بولۇپمۇ قازاق زىيالىيلىرىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز خاتالىقلىرىنى چۈشەنگەن بولسا، بەزىلىرى، يەنى كۆپچىلىكى ئۆز مەۋقەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى، يەنى نامايىشچىلارنى ياقلاش تەرىپىگە ئۆتتى.

ئەنە شۇ قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ئوتتۇز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەزى سىرلىرى مۇشۇ كۈنگىچە ئېچىلماي كېلىۋاتماقتا. مۇستەقىللىقتىن كېيىن ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىشلىرى قايتا قارىلىپ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى ئاقلاندى ھەم ئۇلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن غەمخورلۇققا ئېلىندى. ئەنە شۇ غەمخورلۇق ھەم دېكابىر ۋەقەلىرى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۇلارنى قانائەتلەندۈرۈۋاتامدۇ؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىرى، بىر نەچچە يىل تۈرمە ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن، ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان قاسىم ئەبىلخايىروف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇرۇندىن ئېيىغا ئىككى مىڭ تەڭگىدىن تۆلەپ تۇراتتى، ھازىر ئۇنىمۇ توختىتىپ، مۇستەقىللىق كۈنى يېقىنلاشقاندا 20 مىڭ تەڭگىلا تۆلەيدۇ. ئەمدى بىز سوتقا ئەرز قىلىپ، كېيىن مۇددىتىمىزنىڭ يېرىمىنى كېسىپ تاشلىسىمۇ، ئاجايىپ بىر يېنىكچىلىكلەرنى ئالغىنىمىز يوق. ھەر يىلى 17-دېكابىردا، بۇ كۈننى دېموكراتىيەلىك يېڭىلىنىش دەپمۇ ئاتايدۇ، بىز مۇستەقىللىق بايرىمىنىڭ كۆلەڭگىسىدە قېلىۋاتىمىز. بىز بۇ كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇستەقىللىق مەيدانىدىكى ھەيكەلگە گۈل چەمبىرەكلەرنى قويۇش بىلەن چەكلىنىمىز. بۇ قوزغىلاڭنىڭ 25 يىللىقى بولغاندا ئۇنى داغدۇغىلىق ئاتاپ ئۆتىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن مۇنداق بولمىدى. ئەمدى كېلەركى يىلى 30 يىللىقى مەملىكەتلىك دەرىجىدە، ھۆكۈمەت دائىرىسىدە ئاتاپ ئۆتۈلىدۇ دېيىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنى ئالماتانىڭ يېڭى ھاكىمى بولۇپ كەلگەن بائۇرجان بايبېكنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزدۇق. بۇنىڭ قانداق ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە بىز بىلمەيمىز. بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىن چىقامدۇ يا چىقمامدۇ ئۇنى بىلمىدۇق. بىزگە ھازىر دېگەندەك يېنىكچىلىكلەر بېرىلمەيۋاتىدۇ، پەقەت ئاقلىنىپ چىقتى دېگەن بىر گۇۋاھنامىنى بېرىۋاتىدۇ. بىزنى ھازىر 1937-1938-يىللاردىكى سىياسىي قۇربانلارغا تەڭلەشتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇلار بولسا ئۇ ۋاقىتلاردا پېنسىيە ياشلىرىغا تاقاپ قالغان ئىدى. بىز يېنىكچىلىكلەر ھەققىدە تەلەپ قىلىپ قالساق، مانا مۇشۇ ھۆججەتنى ئالدىمىزغا تاشلاپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ قازاقىستان دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق گۈللىنىۋاتقانلىقىغا بىزمۇ رازى بولۇۋاتىمىز.»

ق. ئەبىلخايىروف شۇنداقلا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ تېخىچە ھەل قىلىنمىغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن دەسلەپ ئۆلۈم جازاسىغا، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىغا 20 يىل تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دېكابىر قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى قايرات رىسقۇلبېكوفنىڭ 1988-يىلى شەمەي تۈرمىسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئامما بۇ ئىشتا چوڭ بىر گۇماننىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قازاق ياشلىرىنىڭ دېكابىر قوزغىلىڭىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى چېلەك تەۋەسىنىڭ تۇرغۇنى ئەبەيدۇللام روزىيېفمۇ ئۈچ يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان. ئۇ شۇ كۈنى تىنچ نامايىشنىڭ بولغانلىقىنى، ياشلارنىڭ كوچىلاردا تەرتىپ بىلەن مېڭىپ، پەقەت مەيدانغا كەلگەندە ئىغۋالارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە ھەر كىم ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئېيتتى. ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. كەچكە يېقىن يۇقىرىدىكىلەر ئۆزلىرى قالايمىقانچىلىقنى باشلىدى. ھەربىيلەر ۋە ساقچى قوشۇنلىرى بىزنى قويۇپ بەرمەي ئۇرۇشقا باشلىدى. مېنى ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۆزۈم قاماقتا يېتىش جەريانىدا ئىككى ئۇيغۇر بالىسىنى ئۇچراتتىم. مېنى ‹ساقچىنى ئۇردۇم› دەپ بوينۇڭغا ئال، دەپ قىينىدى.»

ئە. روزىيېف باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قارارىغا بىنائەن 1993-يىلى ئاقلىنىپ چىقتى. ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان غەمخورلۇق ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىزگە تۈرمىدە ياتقان كۈنلىرىمىز ئۈچۈن پۇل تۆلەشكە باشلىدى. ماڭا چېلەكتىن ئۆي ۋە يەر بەردى. ھەر يىلى ئالماتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياردەملەرنى قىلىۋاتىدۇ. كېلەر يىلى شۇ ۋەقەنىڭ 30 يىللىقى بولىدۇ. يەنىمۇ كۆپ يېنىكچىلىكلەرنى كۆرۈپ قالارمىز دەپ ئويلايمەن. بىزگە شۇنداقلا گۇۋاھنامە بەردى. ئالماتادا تۇرىدىغان بولساق، شۇنىڭ بويىچىمۇ يېنىكچىلىكلەر بولماقچى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.