قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا بىر قانچە خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ قازاق قىزلىرىغا ئۆيلىنىش مەسىلىسى بىلەن ئاستانا شەھىرىگە كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاھالىلەر ئارىسىدا ۋە مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي تورلىرىدا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاستانادا ئوتتۇزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان نامايىش بولۇپ ئۆتتى.
«لېنتا رۇ» ئاگېنتلىقىنىڭ 11-يانۋاردا ئېلان قىلغان «ئاستانادا قازاق قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشىغا قارشى نامايىش بولۇپ ئۆتتى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار خىتايلار بىلەن نىكاھ قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن نىكاھ ئاگېنتلىقى ئورۇنلاشقان بىنانىڭ ئالدىدا يىغىلغان ۋە بىر نەچچىلىگەن لوزۇنكىلارنى كۆتەرگەن. شۇلارنىڭ بىرىدە «ئەر كىشى يەرنى، ئايال كىشى مىللەتنى ساقلايدۇ» دېيىلگەن. نامايىشچىلار خىتايلارغا تۇرمۇشقا چىققانلارنى قازاقىستان پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قىلىشنى ھەم قازاقىستانلىق قىزلارغا ئۆيلەنگەن خىتايلارغا 50 مىڭ دوللار كۆلەمىدە سېلىق سېلىشنى تەلەپ قىلغان.
شۇنداقلا بۇ ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن كېلىدىغانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 90 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار باي، ياۋروپا بىلىمگە ئىگە، ئىنگلىز ۋە كۆپىنچىسى رۇس تىلىنى بىلىدىغانلار ئىكەن.
ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بېرىلدى. «نۇر. ك ز» ئاگېنتلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان "خىتاي ئەلچىسى قازاقىستانلىق ۋە خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلار ھەققىدە پىكىر قىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەلچى ژۇرنالىستلار بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ھەر خىل مەملىكەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا مۇنداق نىكاھلارنىڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن قازاقىستانلىقلارنىڭ خىتايغا ئوقۇشقا ياكى ئىشلەشكە بېرىپ، شۇ يەردە قېلىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستانلىقلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى مەملىكەتنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىز مۇنداق نىكاھلارغا مەنپەئەتدار دەپ ئېيتالمايمەن، بۇ تەبىئەت قانۇنى. ئامما بۇ ياخشى دەپ ئويلايمەن. بۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ نەتىجىسىدۇر.»
ئەمدى «365 ئىنفو. ك ز» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قازاق قىزىغا ئۆيلىنىمەن-نېمە ئۈچۈن خىتايلار قازاقىستانغا ئىنتىلىدۇ؟» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2014-يىلدىكى رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەملىكەتتە 300 مىڭدىن ئوشۇق خىتاي پۇقراسى ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 99 پىرسەنتى ئالىي بىلىمگە ئىگە ئەمەس، 5 مىڭدىن ئوشۇق خىتاي قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان. تونۇلغان سىياسەتشۇناس دوس كۆشىمنىڭ پىكرىچە، خىتايلارنىڭ كۆپلەپ ئەلگە كېلىشى سۆزسىز قازاق مىللىتىگە چوڭ خەتەر تۇغدۇرىدۇ.
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەر قانداق بىر خەلق ئۈچۈن سەزگۈر ۋە نازۇك مەسىلە بولۇپ، قاننىڭ ساقلىنىشى، ياشلارنىڭ ئۆز مىللىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئائىلە قۇرۇشى، مەملىكەت قۇرغان مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋەقە چىققاندىن كېيىنكى خەلقنىڭ، بەزى شەخسلەرنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئۇ، بۇ مەسىلىدە پەقەت خىتاي مىللىتى بىلەنلا چەكلىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ھازىر قازاقىستانلىق قىزلارنىڭ دىنى، ئەنئەنىسى تامامەن باشقا مىللەتلەرگىمۇ تۇرمۇشقا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە چەكلەشنى، سېلىق سېلىشنى شۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ يۈكلەش لازىملىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلىنىڭ ئىككىنچى تەرىپى، قازاقىستانلىقلارنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكلىرى، ھوقۇقلىرى بار. ئادەم قەيەردە تۇرىدۇ، قەيەرگە كۆچىدۇ، قەيەردە ئىشلەيدۇ، كىمگە تۇرمۇشقا چىقىدۇ، بۇ كىشىنىڭ شەخسىي ھوقۇقلىرى. بۇ قانۇندا بار. ئەمدى پۇقرالىقىدىن ئايرىش، قانچىلىك جەرىمانە سېلىنىش بۇ كونستىتۇتسىيەدىكى كۆرسىتىلگەن قانۇنلارغا قانچىلىك دەرىجىدە توغرا كېلىدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى. ئەسلىدە قانۇننىڭ ھاياتىي تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ. ھازىر قازاق قىزلىرى ياكى قازاقىستانلىقلار نېمە ئۈچۈن چەتئەللەرگە كېتىۋاتىدۇ؟ بىرلىرى تۇرمۇش قۇرۇپ، ئىككىنچىلىرى ئىشقا، ئۈچىنچىلىرى ئوقۇشقا ۋە ھاكازا. بۇ يېتىشكەندىن ئەمەسقۇ. شۇنىڭدەكلا پەقەت مۇھەببەتنىڭلا سەۋەبى ئەمەس، بەلكى بۇ كۈن كۆرۈشنىڭ ئامالى. مەسىلەن، مەن مۇنداق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم. ھازىر قازاقىستانلىق ياشلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى، يەنى 30 پىرسەنتتىن ئوشۇقىنىڭ قازاقىستاندا قالغۇسى يوق. بۇ بۈگۈنكى ھاياتقا قانائەت قىلمىغانلىقنىڭ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنىڭ، كېلەچەككە ئىشەنچسىزلىكنىڭ كۆرسەتكۈچى. بۇنىڭغا كىم ئەيىبلىك؟ بۇ جەمىيىتىمىزنىڭ ئەنە شۇ ياشلار مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغىنىدا. ياشلىرىمىزنىڭ چەتكە كېتىشى كۆپىنچە ماددىي جەھەتتىن كەمبەغەللىكىدە.»
ر. جۇمالى قازاقىستانلىق ياشلارنىڭ ئەلدە تىرىكچىلىك قىلىشىغىمۇ كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنىڭ توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتايلارنىڭ بۇ يەرگە پەقەت ئۆيلىنىش مەقسىتىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ باشقىمۇ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىيىتىدىمۇ كېلىۋاتقانلىقىنى، مەسىلىنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە، كۆپىنچە ياشلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ئەھۋالىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ماددىي مەجبۇرلۇقنىڭ ئەنە شۇ ئايرىم قازاقىستانلىق قىزلارنى شۇنداق ھەرىكەتلەرگە بېرىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، بۇ، خىتاينىڭ ھازىرقى ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئىچىدىكى بىر يول بولۇپ، مەقسەت ئۆز پۇقرالىرىنى ئەنە شۇنداق يوللار بىلەن مەملىكەتكە ئېلىپ كىرىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي رەسمىي ۋەكىللىرىمۇ بۇ توغرىلىق ياخشى سۆزلەرنى قىلماقتا. ئۇ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالنىڭ ياشلار ئۈچۈن ئانچىمۇ ماختىغىدەك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ياشلىرى خىتايلارغا نىسبەتەن ياخشى بىلىم ئالغان، مەدەنىيەتلىك، تەرەققىي قىلغان. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتىنى جىق ئۇسۇللار، شۇ جۈملىدىن مۇشۇ يەرگە نىكاھلاشتۇرۇپ، سىڭدۈرۈپ، ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سەل باشقا ئۇسۇلدا خىتاي ئۇيغۇرىستاندا ئۇتتۇر مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توي قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پەيدىن-پەي خىتايلاشتۇرۇش، خىتاي مەدەنىيىتىگە كىرگۈزۈش، ئىمكان بولسا، مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. قازاقىستاندىكى بۇ ياشلارنىڭ قارشىلىقىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيمەن. بۇ، خىتاينىڭ پىلانلىق، يۇمشاق سىڭىپ كىرىش سىياسىتىدۇر.»
يۇقىرىدا ئاتالغان «365 ئىنفو. ك ز» ئاگېنتلىقى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگەندەك، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى سېناتور ھېلى مەرھۇم ئىران ئەمىروف خىتايلار بىلەن بولغان ساختا نىكاھلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن قازاقىستانغا چوڭ خەۋپنىڭ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00