ھازىر قازاقىستان ۋە دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي قۇدرىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرى خىتايدىن چىقىۋاتقان خەۋپكە مۇناسىۋەتلىك ئۆز قاراشلىرىنى، تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
يېقىندا ئالماتادىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى-مىللەت لىدېرى فوندى يېنىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتى نەشرىياتىدىن خىتايشۇناس ئالىم، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور كونستانتىن سىرويېژكىننىڭ «قازاقىستان خىتايدىن قورقۇشى كېرەكمۇ؟ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەپسانىلىرى ۋە قورقۇنچلىرى» ناملىق كىتابى يورۇق كۆردى.
ك. سىرويېژكىن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا، مەزكۇر ئىلىم دەرگاھى يېپىلىپ، ئۇنىڭ ئاساسىدا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇلغاندا شۇ جايدا، شەخسىي ئانالىتىكىلىق ئىدارىلەردە ۋە «كونتىنېنت ت ژۇرنىلى» دا ئىشلىدى. ھازىر ئۇ ئالماتادا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى يېنىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىدا باش ئىلمىي خادىم لاۋازىمىدا خىزمەت قىلماقتا. ك. سىرويېژكىن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي رولى» (ئالماتا، 1992-يىل)، «ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنى» (ئالماتا، 1997-يىل)، «خىتايدىكى ئېتنىكىلىق سېپاراتىزمنىڭ ئەپسانىلىرى ھەم رېئاللىقى ۋە مەركىزىي ئاسىيا بىخەتەرلىكى» (ئالماتا، 2003-يىل)، «قازاقىستان-خىتاي: چېگرا سودىسىدىن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىققا» (ئالماتا، 2010-يىل) قاتارلىق 15 كىتابنىڭ شۇنداقلا 500 دىن ئوشۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى، 20 كىتابنىڭ قوش ئاپتورىدۇر.
مەزكۇر كىتابتا ئېيتىلىشىچە، ھازىرقى كۈندە قازاقىستان ۋە باشقا مەملىكەتلەردە خىتاي ۋە خىتايلارغا بولغان مۇناسىۋەت بىردەك ئەمەس. بىرىنچىدىن، مەملىكەتلەر ئارا ئالاقىلەردە ئىجابىي قەدەملەرنى، ھەتتا خىتاي ۋە خىتايلارغا بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ پىكىر دائىرىسىدە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بايقاشقا بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ ھەمدە خىتايغا قارىتا قورقۇنچلارنىڭ ئۆسۈشى پۈتۈنلەي تەبىئىي. نېمىشقا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، ئەپسانىلەر ۋە قورقۇنچلارنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟ خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى ئۆزىنى قانداق تۇتىدۇ؟ خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە كۈچىيىشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان قانداق خەۋپلەر بار؟ كىتاب ئەنە شۇ ۋە باشقىمۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.
«قازاقىستان خىتايدىن قورقۇشى لازىممۇ: ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەپسانىلىرى ۋە قورقۇنچلىرى» كىتابى جەمى 27 باسما تاۋاق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ، مۇقەددىمىدىن، «خىتاي تارقىلىشى: ئەپسانىلەر ۋە رېئاللىق؟»، «خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا سىياسىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرى»، «خىتاي بىلەن ئۇرۇش رېئالمۇ؟»، «تىنچسىز قوشنا»، «قازاقىستاندا خىتايلار نۇرغۇنمۇ؟»، «بېرىۋېتىلگەن يەرلەر توغرىلىق ئەپسانە»، «بۆلۈنمەيدىغان دەريالار»، «نېفىت-گاز بۆلۈمىدە خىتاينىڭ بولۇشى» ناملىق سەككىز باپتىن، خۇلاسە قىسىمدىن تۈزۈلگەن. كىتابتا شۇنداقلا قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىلىرى، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودىسى، قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزلىرى، خىتايدىكى تۇرمۇش-شارائىت، ئاھالە يېشى، دۇنيا مەملىكەتلىرىدىكى خىتايلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ تەركىپى، قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە گاز ساھەلىرىدىكى خىتاينىڭ ئۈلۈشى ھەققىدە كۆپلىگەن رەقەملەر، جەدۋەللەر، سخېمىلار كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن 2000-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى رەسمىي مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ك. سىرويېژكىن خىتاينىڭ ھازىر قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا مەسىلىلىرى بويىچە بىر قاتار تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.