خىتايلارنىڭ قازاقىستاندىكى سانى قازاقىستانلىقلارنى تەشۋىشلەندۈرمەكتە

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاي خەۋپى» توغرىلىق ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى يەنىمۇ داۋام قىلماقتا. جەمئىيەت ئەربابى ۋە مەدەنىيەتشۇناس، قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى سابىق ئەلچىسى مۇرات ئاۋېزوفنىڭ «مېگاپولىس» گېزىتىگە بەرگەن سۆھبىتىدىن كېيىن، بۇ مەسىلە ئەتراپىدىكى تالاش - تارتىشلار، گۇمان - ئەندىشىلەر تېخىمۇ كۈچەيدى.

«مېگاپولىس» تا ئېلان قىلىنغان «مۇرات ئاۋېزوف: قازاقىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كۆپ بولماقتا» ناملىق ماقالىدە سىياسەتشۇناس مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە، خىتاي ھازىر بىزنىڭ نېفىتىمىز ۋە گازىمىزغا مۇھتاج.... بۇ يەردە گەپ خىتايلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھەققىدە بولمايۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلىشىمىز ھەم ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشىمىز لازىم. خىتاي دەرسلىكلىرىدە قازاقىستان تېررىتورىيىسىنىڭ بىر قىسمى «ئادالەت بويىچە» ئۆسۈۋاتقان خىتايغا تەئەللۇق بولۇشى لازىم، دېگەندەك گەپلەر ئۇچرىماقتا.»

قازاقىستاندىكى «خىتاي خەۋپى» ھەققىدە تەشۋىشلەر خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن قازاقىستانغا كىرىش ۋىزىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش توغرىلىق بىلدۈرۈش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان ئىدى. قازاقىستاننىڭ سانائەت ۋە يېڭى تېخنولوگىيىلەر مىنىستىرلىقى تەركىپىدىكى ساياھەت كومىتېتى رەئىسى مۇھىت سايماسايېف يېقىن ئارىدا ئاستانا ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا پەقەت ساياھەتچى گۇرۇپپىلار ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىمىلىك ۋىزىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش توغرىلىق كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى بىر قاتار تەشكىلاتلار، شۇ جۈملىدىن «روھ ۋە تىل» ياشلار تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار خىتاي ئۈچۈن ۋىزىنىڭ بېكار قىلىنىشى مەملىكەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە چوڭ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قازاقىستانغا ئاممىۋىي تۈردە ئېقىپ كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى قايرات سارىباي ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا تەرتىپىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى رەسمىي تۈردە ئېلان قىلدى.

يېقىندا قازاقىستاندا چىقىۋاتقان بىر قاتار جەمئىيەتلىك، سىياسىي گېزىتلاردا شۇ مەزمۇندا ماقالىلەر يەنە ئېلان قىلىندى. «پراۋدا كازاخستانا» گېزىتىدىكى «خەنلەر كېلىۋاتماقتا. قازاقىستانلىقلارنى خىتاي بىلەن بولغان چېگرىنىڭ ئېچىلىشى تەشۋىشلەندۈردى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پېتر بولوگوف «روھ ۋە تىل» ھەرىكىتى ۋەكىللىرىنىڭ، سىياسەتشۇناسلار مۇرات ئاۋېزوف ۋە دوسىم سەتپايېفلار، شۇنداقلا قازاقىستاندىكى چېگرىلار ئارا ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىلى مارات شىبۇتوفنىڭ بۇ مەسىلىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ مىڭدىن بەش مىڭغىچە خىتاي قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان، ئەمدى ئۇلارنىڭ مەملىكەتتىكى ئومۇمىي سانى بولسا، 300 مىڭغىچە يېتىدىكەن. ماقالىدە خىتايلارنىڭ قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىشى توغرىلىق مەسىلىنىڭ 2000 - يىلدىن باشلاپ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتايلارنىڭ بولۇپمۇ نېفىت ۋە گاز ساھەلىرىدىكى كارخانىلاردا كۆپلەپ ئۇچرايدىغانلىقى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستانغا «بېسىپ كىرىش» ئۈچۈن مەيدان سۈپىتىدە تەييارلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئەترەتلىرىنىڭ بىر كۈن ئىچىدىلا خىتاينىڭ كەسپىي ئارمىيىسى قوشۇنلىرىغا ئايلىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە پىكىرلىرى ئېيتىلغان. ماقالە ئاپتورى بۇ مەزمۇندىكى كۆ زقاراشلارنىڭ كۆپلۈكىگە قارىماي، قازاقىستان رەسمىي ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسىلىنى مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندۇرۇشتىن تامامەن يىراق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمدى «ترىبۇنا» (ئوچۇق مەيدان) گېزىتىدا بېسىلغان «خىتايلارنى بۇ ياققا قويۇپ بەرمەڭلار!» ناملىق ماقالىدە «روھ ۋە تىل» ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى جانبولات ماماي، سىياسەتشۇناس راسۇل ژۇمالى خىتايلارنىڭ قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ج. ماماي سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش توغرىلىق تەكلىپكە رەددىيە بېرىشكە چاقىرغان. ئەكسىچە بولغان تەقدىردە 2017 - يىلى قازاقىستاندىكى خىتايلارنىڭ 5 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ر. جۇمالى چەتئەللىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەملىكەتكە كۆچۈپ كىرىشى تېگىشلىك ئورگانلار تەرىپىدىن قەتئىي ھالدا كونترول قىلىنمايدىغان بولسا، قازاقىستانلىقلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ تېز دەرىجىدە ئۆسۈشى مۇمكىنلىكىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مۇنداق دىگەن: «يېڭى تېررىتورىيىلەرنى، ھەتتا يېڭى قىتئەلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش خىتاي ئۈچۈن مەملىكەتلىك سىياسەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مىللىتىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن پەرقى شۇنىڭدىكى، خىتايلار خىتايدىن يىراقتا ياشىسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە بولغان سادىقلىقىنى يوقاتمايدۇ. يېڭى تېررىتورىيىلەردە ئۇلار ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى تۇرغان بوشلۇقلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدۇ. بۇ جەرياننى تەرتىپكە سېلىش ئىنتايىن قىيىن.»