ياپونىيە يېقىندا نەشر قىلىنغان قازاقىستان تەتقىقاتىغا ئائىت مەخسۇس تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمىدا «قازاقىستان، خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچەيمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە شۇنداقلا باشقا سىياسىي ھەمكارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە قازاقىستان تاشقى دىپلوماتىيەسىدە خىتاينى تولىمۇ مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتايمۇ قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن ئۆزىگە يېقىن مەسلەكداشلاردىن دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىننىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان قازاقىستاننىڭ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كۆچمەن يۆتكەۋاتقان كۆپ نوپۇسلۇق خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ماقالىدە ئالاھىدە بىلدۈرگەن.
ماقالىدە كۆپلەپ نېفىتكە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان خىتاينىڭ، قازاقىستاننىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىگە قول تىقىپ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىشى، قارىماققا قازاقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەتلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يامادا قازاقىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىقتىسادتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىپ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماقالىدە،«جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن قارىغاندا، قازاقىستان رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم دۆلەت بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ دۆلەت ئىككى چوڭ دۆلەتنى تەڭپۇڭلۇق جەھەتتىن تەڭشەپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.
قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ياخشى بولسىمۇ، يەنىلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بەزى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنىپ بۇ ھەقتە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.
بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى مەسىلە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپ 1994-يىلى 1700 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگراسىنىڭ 90% ئىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە 170 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى چېگرا مەسىلىسى تېخىچە ھەل قىلىنمىغان. ئىككىنچى مەسىلە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قازاقىستانغا ئېقىپ كىرىدىغان ئاساسلىق چوڭ دەريالاردىن ئېرتىش ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى بولۇپ، بۇ ئىككى دەريا سۇ مەنبەسىنىڭ قازاقىستان دېھقانچىلىقى ۋە سانائىتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن شۇنداقلا ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاستانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئەگەر خىتاي غەربنى ئېچىش شوئارى ئاستىدا ئىلى رايونىدا زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى باشلىسا، ئۇنداقتا دەريا سۈيىنىڭ قازاقىستانغا كىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئازلاپ، بۇ يەردىكى دېھقانچىلىق ۋە سانائەت ئىشلىرىغا زور تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىمۇ تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. ئىككى دەريا مەسىلىسى ھەققىدە ئىككى تەرەپ 1997-يىلىدىن باشلاپ، ھازىرغىچە كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقى مەلۇم. ئۈچىنچى مەسىلىدە مىللەتلەر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقتىن، قازاقىستان خىتاي بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خىتايغا ھەمدەم بولۇپ، قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى توسقانلىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئاستانا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قازاقىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىمۇ قاتتىق چەكلىگەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قازاق ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى قازاقلارنىڭ قايتىپ كېلىپ يەرلىشىشىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاقلار كۆپلەپ بۇ يەرگە كۆچۈپ چىققان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. قازاقىستان بولسا ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ خىل سۈكۈت قىلىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.
ماقالىدە،«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسى گەرچە بىر مىليوندىن ئوشۇق بولسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلاردەك بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدۇ» دېگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى بولسا، تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش بولغانلىقتىن، ھەتتا بۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆز-ئارا تۈزۈشكەن كېلىشىملىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ماقالىدە ئېنىق تىلغا ئالغان.
خىتاينىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ھەققىدە توختالغان تەتقىقاتچى يامادا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قازاقىستاننىڭ خىتايغا بولغان ئىشەنچى بارغانچە كۈچەيگەن ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ رۇسىيەدىن بەكرەك خىتايغا يېقىنلاشقانلىقى ماقالىدە تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.
ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى يامادانىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقى پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەت بولۇپ،ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئاجىزلاشسا، ئەلۋەتتە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقى سۇسلىشىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.