ئۇيغۇر زىياليىسى قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ دىنىي ۋە مائارىپ سىياسىتىنى سېلىشتۇردى
رادىئومىزنىڭ قازاقستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرى ئابدۇللانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، بىخەتەرلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى، قازاقىستاندىكى زىيارىتى داۋامىدا خىتاي بىلەن قازاقىستاندىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى شۇنداقلا مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى ھېس قىلغان نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللا
تۆۋەندە دىققىتىڭلار رادىئومىزنىڭ قازاقستاندىكى ئىختىيارىي مۇخبىرى ئابدۇللانىڭ بۇ كىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.